تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنىڭ بازىرى ناھايىتى ئىتتىك بولدى

چىڭگىل ناھىيەسىدە:

​يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنىڭ بازىرى ناھايىتى ئىتتىك بولدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ جىنرۇي

جىغان توخۇسى، سېرىق ماي، قۇرۇتۇلغان گۆش، قۇرۇت... 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، مۇخبىر چىڭگىل ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى چوڭ سودا سارايلىرىدا، شۇ جاينىڭ ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ نۇرغۇن خېرىدارلارنى تېتىپ كۆرۈشكە، سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلغانلىقىنى كۆردى.

«بىزنىڭ جىغان چېيىمىز چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك جىغان مېۋىسى خام ماتېرىيال قىلىنىپ ياسالغان، دەملىگەندىن كېيىن چۈچۈمەل، تاتلىق، ئىچىشلىك بولۇپ، ۋىتامىن ۋە ئامىنو كىسلاتاسىنى تولۇقلاپلا قالماي، يەنە ئۇيقۇ سۈپىتىنىمۇ ياخشىلايدۇ.» خۇيخۇا شىدەي مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە، دىرېكتور ما جياڭتاۋ خېرىدارلارغا جىغان مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇۋاتاتتى.

سىچۇەنلىك ساياھەتچى ۋۇ شۇمەن تېتىپ كۆرگەندىن كېيىن، شۇ ھامان بىر قاپ جىغان چېيى ۋە بىر يەشىك جىغان ئىچىملىكى سېتىۋالدى. «تەمى بولىدىكەن، چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ جىغىنى تەبىئىي، يېشىل، مەن ئاتا - ئانامغا ئەۋەتىپ بەرمەكچى، ئۇلارمۇ تېتىپ كۆرسۇن» دېدى ئۇ.

چىڭگىل ناھىيەسى چىڭشەن مۇرېن ئېكولوگىيەلىك گۆش يېمەكلىكلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ سېتىش باش نازارەتچىسى دۇسەنبېك قامىت مۇنداق دېدى: «بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بىز كالا، قوي گۆشى ۋە قۇرۇتۇلغان گۆشنى كىچىك پارچىلاپ ئوراپ قاچىلىدۇق، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، يەنە ناھايىتى ئەرزان. باھار بايرىمى مەزگىلىدە، شىركەت توردا ۋە تور سىرتىدا مەھسۇلات سېتىش ئارقىلىق، خېرىدارلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى».

«بۈگۈنكى كۈندە، بىزنىڭ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ بازىرى ناھايىتى ئىتتىك بولماقتا.» دۇسەنبېكنىڭ ئېيتىشىچە، باھار بايرىمىدىن بۇرۇن، باشقا جايلاردىكى نۇرغۇن دوستلىرى تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭغا يەرلىك توخۇ، قۇرۇتۇلغان گۆش، قېزا قاتارلىق باھار بايرىمىلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى ئالغاچ كېلىشنى ئېيتقان.

باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، چىڭگىل ناھىيەسىدىكى چىڭگىل لاڭشەن مەنزىرە رايونى قار تېيىلىش مەيدانىدا ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى سانى 34 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى. قار تېيىلىش مەيدانى ئەتراپىدىكى ئارالتۆبە بازىرى چۇشقاتۇبېك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ياقيا ساغىر ھەر كۈنى ئەتىگەندىلا ئۆيىدە ياسىغان قېزا، قۇرۇتۇلغان گۆش قاتارلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى مەنزىرە رايونىغا ئاپىرىپ ساتىدۇ. «سودا ئەڭ ياخشى بولغاندا، چۈشتىن بۇرۇنلا 1000 يۈەندىن كۆپرەك ساتالايمەن.» ئۇ مۇنداق دېدى: مەنزىرە رايونىدىكى يايما ئورنىدىن ھەقسىز پايدىلىنىمىز، يەنە خىزمەتچى خادىملار مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ يەردە يايما ئاچسا ھەقىقەتەن كۆپ نەپكە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

بۇ يىل چىڭگىل ناھىيەسى يەنە يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان كەچلىك بازار ئاچتى ھەم 78 ھەقسىز يايما ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. «بۇ يەرنىڭ سودىسى بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى. مەن ھەر كۈنى كەنت ئاھالىلىرى ياسىغان قۇرۇت، سېرىق ماي، قېتىق، قولدا ئىشلەنگەن كەشتە قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى كەچلىك بازارغا ئاپىرىپ سېتىۋاتىمەن، خېرىدارلار ئىنتايىن ياقتۇرىدۇ. باھار بايرىمى مەزگىلىدە، ھەر كۈنى 500 يۈەندىن كۆپرەك ساپ كىرىم قىلدىم» دېدى ئارال بازىرى لاستى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى پاتىما قايسا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چىڭگىل ناھىيەسى ئالاھىدە كەسىپلەرنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، مەبلەغ، تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردىكى سېلىنمىنى زورايتىپ، بىر تۈركۈم يېشىل، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ماركىلىرىنى ياراتتى. بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن ناھىيەدىكى يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپىنچىسى «دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىلاش»نى تاماملىدى، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرى بارغانسېرى كېڭەيدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.