تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇلتۇر شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈش كۆلىمى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %51 ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2021 - يىلى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى ئېلېكتىر تورى سېلىنمىسى ۋە قۇرۇلۇشىنى قاتتىق تۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملىغان، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈش كۆلىمى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %51 ئاشقان.

2021 - يىلى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى 35 كىلوۋولتلۇق ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى قۇرۇلۇشتىن جەمئىي 152 تۈردە ئىش باشلىدى، لىنىيە ئۇزۇنلۇقى 3418 كىلومېتىر، توك ئۆزگەرتىش سىغىمىچانلىقى 7 مىليون 70 مىڭ كىلوۋولت - ئامپېر بولدى؛ 35 كىلوۋولتلۇق ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى قۇرۇلۇشتىن 157 تۈرنى ئىشقا كىرىشتۈردى، لىنىيە ئۇزۇنلۇقى 4927 كىلومېتىر، توك ئۆزگەرتىش سىغىمچانلىقى 13 مىليون 390 مىڭ كىلوۋولت - ئامپېر بولدى.

بۇلتۇر، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، 750 كىلوۋولتلۇق ۋۇسەيۋەن بېيسەن ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ Ⅱ ، Ⅰ قايتما لىنىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرىلەش سۈرئىتى پىلانىغا قارىغاندا ئۈچ ئاي بۇرۇن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ، سانجى − گۇچۈەن 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى (جىچۈەن تۇراقلىق توك)نىڭ سىرتقا يەتكۈزۈشىنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنى تولۇقلاپ كۈچەيتىش ۋە توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم ئېلېكتىر تورى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى قۇردى، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈردى. كۇچا - ئاقسۇ- مارالبېشىⅡقايتما، تۇرپان - بايىنغولىن - كۇچا Ⅱقايتما، يەكەن - خوتەن Ⅱقايتما 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، 750 كىلوۋولتلۇق قەشقەر، خوتەن ئاساسىي تىرانسفورموتورىنىڭ سىغىمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلار ئارقا - ئارقىدىن پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى بىلەن شىنجاڭ ئاساسىي تورىنىڭ ئالاقىسى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ۋە توك بىلەن تەمىنلەش ئىشەنچلىكلىكى ئۆستۈرۈلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش (1 - قارار) بويىچە 4100دىن ئارتۇق ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 892 مىڭ ئاھالىنىڭ ئىسسىنىشتا توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى يەنە ئاپتونوم رايون دۆلەتكە يوللىغان چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت بازىسى تۈرى تىزىملىكىگە ئاساسەن، يانداش ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى ۋاقتىدا رەتلىدى ھەم ئۇنى يىرىك پىلانغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولدى. توققۇز تۈرلۈك يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن يېڭى ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا ئوڭۇشلۇق قۇرۇلۇش باشلاپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى تورلاشتۇرۇش ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلدى.

«بۇ يىل، بىز ئېلېكتىر تورى يىرىك پىلانىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پاكىز ئېنېرگىيە بازىسى ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايون ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىمىز» دېدى دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش بۆلۈمى تۈر باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى مۇ فېڭلېي.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.