تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى ئىككى پورتتىن قاتنىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى سانىدا يىل بېشىدا يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى

ئالاتاۋ پورتىدا توختىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگىچە، بۇ يىل ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق قاتنىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 684كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.74 كۆپەيدى. □ۋۇ نەنشى فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئالاتاۋ، قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ چىققان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى تىرانسپورت يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالغان. 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگىچە، قورغاس تۆمۈريول پورتىدىن قاتنىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 784 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.3 ئاشقان؛ ئالاتاۋ تۆمۈريول پورتىدىن قاتنىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 684 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.74 ئاشقان. ئىككى پورتتىن قاتنىغان پويىز سانىدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى تارىخىي رېكورت بىردەك يېڭىلانغان.

بۇ يىل، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى پورت تىرانسپورتىنى راۋان تەشكىللەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، نۆۋەتچى پويىزغا ۋاگون سەپلەش، يۆتكەپ قاچىلاش، ئېلىش - يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلى، بېلەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىق مەشغۇلات ھالقىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، ئالدىن ئېلىپ - يەتكۈزۈپ، ئالدىن يۆتكەپ قاچىلاپ، ئالدىن بېلەت چىقىرىپ، ئالدىن گۇرۇپپىلاپ، ئالدىن يولغا سېلىپ، چېگرادىن كىرىپ چىقىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز تىرانسپورتىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە تەشكىللىدى.

«بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، دەل جايىدا تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، قوماندانلىق قىلىپ، مەشغۇلات تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كەڭ رېلىس ۋە ئۆلچەملىك رېلىستا پويىزنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىشقا تەشكىللەشنى سىجىل كۈچەيتىپ، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە قاتناش سانىنى 19غا يەتكۈزدۇق» دېدى قورغاس ۋوگزالى تىرانسپورت باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ ياردەمچى ئىنژېنېرى چېن كەيچياڭ.

قورغاس ۋوگزالى تىرانسپورت تەشكىللەش ئەندىزىسىنى بىرىكتۈرۈشنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەل جايىدا تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، قوماندانلىق قىلىپ، پويىز ئېقىمى ئەھۋالىغا ئاساسەن نۆۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىش تەرتىپى ھەم قېتىم سانىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، رايونلار ئارا توشۇش كۈچىنى تولۇق قازدى، ئۇنىڭدىن پايدىلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۆۋەتچى پويىزنىڭ نۆۋەت نومۇرىنى قالدۇرۇش، ئاپتوموبىل بىلەن مال ئېلىش - يەتكۈزۈش، يۈك قاچىلاش - چۈشۈرۈش مەشغۇلاتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۈك رايونىنى، يۈك ئورنىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ۋاگونلارنىڭ يۈرۈشۈشى ۋە بوش ۋاگونلارنى سەپلەپ ئىشلىتىشنى تېزلەتتى.

ئالاتاۋ ۋوگزالى قازاقىستاننىڭ تىرانسپورت، ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، قازاقىستان تەرەپ بىلەن كەڭ رېلىس ۋە ئۆلچەملىك رېلىستا پويىزنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش پىلانى توغرىسىدا ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆتكۈزۈپ بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىش تۈرلىرىنى ھەرىكەتچان تەڭشەپ، كەڭ رېلىس ۋە ئۆلچەملىك رېلىستا پويىز كۈتۈۋېلىش - يولغا سېلىش قېتىم سانىنى ئاشۇردى. كەڭ رېلىس ۋە ئۆلچەملىك رېلىستا پويىز كۈتۈۋېلىش - يولغا سېلىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، قازاقىستان تەرەپنى تىرانسپورتنى تەشكىللەشنى ئەلالاشتۇرۇش، تېزلىتىشكە ماسلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ يول تىرانسپورت ئۈنۈمىنى ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئادەم كۈچى، ماشىنا - سايمانلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ماللارنى يۈك ساندۇقىغا رەتلىك، تەرتىپلىك قاچىلاش شەكلىنى ھەرىكەتچان تەڭشەپ، قاچىلاش - چۈشۈرۈش مەشغۇلاتىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 17 نۆۋەتچى پويىز ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك قاتنىدى.

نۆۋەتتە، قورغاس، ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز لىنىيەلىرىدىن ئاساسلىقى چۇڭچىڭ - شىنجاڭ - ياۋروپا، جېڭجوۋ - شىنجاڭ - ياۋروپا، چاڭئەن ناملىق، چېڭدۇ - شىنجاڭ - ياۋروپا قاتارلىق 44 لىنىيە بار بولۇپ، گېرمانىيە، پولشا، بېلگىيە، رۇسىيە قاتارلىق 13 دۆلەت ۋە رايونغا بارغىلى بولىدۇ، توشۇلىدىغان ماللارنىڭ تۈرى 200 خىلدىن ئاشىدىغان بولۇپ، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىدىغان، ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان خەلقئارا تىرانسپورت يولى بەرپا قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.