تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى​

شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي، ۋاڭ نا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن خىزمىتى يىغىنى 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز سىياسىي - قانۇن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى ۋە مەركەز سىياسىي - قانۇن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ مىڭشەن پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتى توغرىسىدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، بايانى چوڭقۇر، لوگىكىسى پۇختا، سىستېمىسى مۇكەممەل بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنىڭ مۇھىم، زور ئىجادىي تەرەققىياتى، يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ قوللانمىسى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى بىزنىڭ بۇ يىللىق سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي - قانۇن ئورگانلىرى شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىشى، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

ما شىڭرۇي ئۆتكەن بىر يىلدا شىنجاڭنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ئارقىلىق چېنىقىش، تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ سىناقلىرى ئارقىلىق تاۋلىنىش نەتىجىسىدە شىنجاڭنىڭ سىياسىي - قانۇن قوشۇنى سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇنغا، پارتىيە ۋە خەلق تامامەن ئىشىنىدىغان، تايىنىدىغان قوشۇنغا ئايلاندى. ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ سىياسىي - قانۇن كادىر - ساقچىلىرىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، سەمىمىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم بولغان سىياسىي، ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئىستىلنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى يۆنىلىش قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش قوماندانلىق تۈزۈلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش قانۇن - نىزام سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشتا ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىققەتنى خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن - ئاخىر چىڭىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تەستە قولغا كەلگەن مۇقىملىق ۋەزىيىتىنىڭ ئەكسىگە يېنىشىغا ھەرگىز يول قويماسلىق كېرەك. ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە بولغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى ئومۇميۈزلۈك شەكىللەندۈرۈپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، سىياسىي - قانۇن ئىسلاھاتىنىڭ تېخىمۇ كەڭ ۋە چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇپ، ساقچىلار قوشۇنىنى قاتتىق ئىدارە قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىنى ھەرقايسى تەرەپ، پۈتۈن جەرياندا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، ساپا - ئىقتىدار بويىچە تەربىيەلەپ، توغرا يۆنىلىشلىك رىغبەتلەندۈرۈپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىدا نەتىجە ھاسىل قىلىپ، تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ سىياسىي - قانۇن قوشۇنىنىڭ مۇتلەق سادىق، مۇتلەق ساپ، مۇتلەق ئىشەنچلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى سىياسىي - قانۇن خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن كومىتېتلىرى باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىلمىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ ھەرقايسى سىياسىي - قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنىڭ ئىزچىللىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىلمىي، سىستېمىلىق پىلانلاپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، سىياسىي - قانۇن تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە كۆزلىمە نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يىغىندا، 2021 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ تىنچ - ئامانلىق بەرپا قىلىش بويىچە نام بېرىش توغرىسىدىكى قارارى ئوقۇپ ئۆتۈلۈپ، ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرگە نام تاختىسى ۋە تەقدىرنامە تارقىتىپ بېرىلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك، قەشقەر ۋىلايەتلىك، ئالتاي ۋىلايەتلىك، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن كومىتېتى ئايرىم - ئايرىم پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى ۋە يازما سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن، شىنجاڭ ھەربىي رايونىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى سىياسىي - قانۇن ئورۇنلىرى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار ۋە بىڭتۇەن ئورگىنى، ھەرقايسى شى، شەھەرلەر، تۇەن - مەيدانلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.