تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

قار - مۇز گۈزەللىكى شىنجاڭدا

− 300 مىليون كىشى قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە ئاتلاندى، شىنجاڭدا مەن بار (7)

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ

قارلىق تاغنىڭ ساپ ھاۋاسى دىلنىڭ شىپاسى، تاڭ قالدۇرار قارىغاينىڭ كۈمۈش لىباسى.

قار - مۇز شىنجاڭغا مول ساياھەت بايلىقى ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا سەنئەتكارلار ئۈچۈن ئېسىل ئىجادىيەت سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى، بىر پارچە رەسىم، بىر پارچە سۈرەت، بىر قىسقا فىلىمنىڭ ھەممىسى گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاجايىپ گۈزەللىكىنى خاتىرە قىلىپ قالدۇرالايدۇ.

ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشەپ، سىناپ، قار كۆزەينىكى تاقاپ، چاڭغىغا دەسسەپ، جىسمى ۋە كەيپىياتىنى ئاياغ ئاستىدىكى ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن قار يولىغا تاپشۇرۇش، ئىدىيە ۋە زېھنىنى كامېراغا ئاغدۇرۇش... ئالتاي تېغىدىن تىيانشان تېغىغىچە، ھەر يىلى تۆت ئايدىن ئارتۇق داۋاملىشىدىغان قار تېيىلىش پەسلىدە، جاڭ جېنيۈەن بىرلا ۋاقىتتا قار - مۇز فوتوگرافى ۋە قار تېيىلىش ھەۋەسكارى بولۇش شادلىقىنى ھېس قىلىدۇ.

«قار - مۇز تەنھەرىكىتىدە قار - مۇزدا سۈرەتكە تارتىش خۇشاللىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلغىلى بولىدۇ.» جاڭ جېنيۈەننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ نەزەرىدىكى ئەڭ ياخشى قار - مۇزدا سۈرەتكە تارتىش ئورنى ئالتاي بولۇپ، قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ تەبىئىي شارائىتى ياخشى، ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى مول، تەبىئىي مەنزىرىسى كۆپ خىل بولغاچقا، تەنھەرىكەت فىلىمى ۋە مەنزىرە فىلىمىنى سۈرەتكە تارتسا ناھايىتى قالتىس چىقىدىكەن.

جاڭ جېنيۈەننىڭ كامېراسىدىن قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ تۈرلۈك قار يوللىرىدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان سىيماسىنى، يەنى سەكرەۋاتقانلىقى، پىرقىراۋاتقانلىقى، موللاق ئېتىۋاتقانلىقى، ھەرىكەت قىزغىنلىقىنى خالىغانچە ئىپادىلەۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى؛ يەنە قارلىق تاغ، قارىغايزارلىق، قاردىن كېيىنكى قۇملۇق، ئۇچقاندەك چېپىپ كېتىۋاتقان ئارغىماقلارنى كۆرگىلى بولاتتى، مول دەرەخ تۈرلىرى ئاق رەڭلىك بۈك - باراقسانلىقتا كۆپ خىل سىياھ مەنزىرە رەسىملىرىنى سىزىپ چىققانىدى، سېرىق قۇملۇقتىكى «دولقۇن» ئارىسىدا ئاق رەڭلىك «كۆپۈك» پەيدا بولغانىدى، ئارغىماقلارنىڭ ئىككى كۆزى لىپىلداپ تۇرغان كىرپىك ۋە كىشنەشتىن چىققان ئاق ھور ئارىسىدا تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى.

«قار - مۇزدا سۈرەت تارتىشتا ھەرىكەت بىلەن جىمجىتلىقنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، فوتوگراف ھەرىكەتلەنسە، كۆرۈنۈش ئاندىن ھەرىكەتلىنىدۇ، شۇڭا مېنىڭچە قار - مۇز تەنھەرىكىتى فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى ياخشى تارتىش ئۈچۈن، فوتوگراف جەزمەن بۇ ھەرىكەت ماھارىتىنى ئىگىلىشى كېرەك، سىز سۈرەتكە تارتىدىغان ئوبيېكتىڭىزنىڭ ھەرىكىتىگە ئەگىشىپ، ماس قەدەمدە ھېس قىلسىڭىزلا ئاندىن يۇقىرى سۈپەتلىك، جەلپكار ئەسەرلەرنى سۈرەتكە تارتالايسىز.» جاڭ جېنيۈەن مۇنداق دېدى: سۈرەتكە تارتىش جەريانى يەنە فوتوگرافنىڭ شەخسىي تەسىراتىنى پۈتكۈل كۆرۈنۈشكە سىڭدۈرۈش جەريانىدۇر.

جاڭ جېنيۈەننىڭ قارىشىچە، قار - مۇز فوتوگرافلىرى شىنجاڭنىڭ قار - مۇز ساياھىتىنى كېڭەيتىشتە بەلگىلىك رول ئوينايدىكەن. «بىز ئىلگىرى قار تېيىلىشقا ئائىت نۇرغۇن سىن فىلىملىرىنى توردا ئېلان قىلغانىدۇق، چېكىلىش قېتىم سانى ناھايىتى يۇقىرى، قالدۇرۇلغان سۆزلەرمۇ ناھايىتى كۆپ بولدى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ بۇنداق گۈزەل جاي، بۇنداق ياخشى قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلگۈسى كەلدى، بولۇپمۇ بىزنىڭ كۆپرەك سىنغا ئېلىپ تورغا يوللاپ تۇرۇشىمىزنى ئۈمىد قىلدى.» جاڭ جېنيۈەن مۇنداق دېدى: ئاشۇ دەقىقىدە چىن قەلبىمدىن تولىمۇ پەخىرلەندىم.

رەسسام ۋاڭ جۈنبىڭ ئىجادىيەت ھاياتىدا قار - مۇز باش تېما قىلىنغان تاغ - دەريا رەسىملىرىگە ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغانىدى. ئۇ كۆپ قېتىم تىيانشان تېغى، كوئېنلۇن تېغى ئارىسىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ، شۇ جايلاردىكى مۇزلۇق، قار شەمشادى، يوشۇرۇن ئېقىن، مۇز جىلغا ھەمدە زېرەك ھايۋاناتلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈۋالغانىدى.

«قار - مۇز رەسىم ئەسەرلىرىدە تەبىئىي مەنزىرە نامايان قىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ روھى مەدھىيەلىنىدۇ، قار - مۇزلۇقتا چىڭ تۇرۇش ۋە يول ئېچىش روھى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىش روھىدۇر» دېدى ۋاڭ جۈنبىڭ.

مەيلى تاغ، ئورمان، قار، مۇز، ئاسمان، ئادەم، ھايۋاناتلار بولسۇن، قار - مۇز رەسىم ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلغاندا كۆپىنچە قارا، كۈل رەڭ، ئاقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل رەڭ ئىشلىتىلىدۇ. ۋاڭ جۈنبىڭ باشتىن - ئاخىر شىنجاڭنىڭ سالاپىتى، ھەيۋەتلىك قىياپىتىنى رەسىمنىڭ تەگلىكى قىلىپ، مۇز بىلەن قاپلانغان، قار لەپىلدەپ يېغىۋاتقان ھەر خىل ھالەت ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىكى سەلتەنەتلىك قىياپىتى، ھەمدە «خۇددى باھار شامىلى تۇيۇقسىز كەلگەندەك، بىر كېچىدە دەل - دەرەخلەر ئاچتى نەشپۈتتەك چېچەك» دېگەندەك گۈزەل مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقتى.

«ۋاڭ جۈنبىڭنىڭ رەسىملىرى كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، تېخىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن سىزىلغان بولۇپ، يىراقتىن قارىغاندا سۈزۈك كۆرۈنىدۇ، قەھرىتان سوغۇق تۇيغۇسى بېرىدۇ، يېقىندىن قارىغاندا رەسىمدىكى تۆگە، قوتاز، ئارغىماقلارنىڭ جانلىق كۆرۈنۈشى كىشىنى جەلپ قىلىدۇ. شىنجاڭ جۇڭگوچە رەسىم يۇرتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى ۋېي باۋشەن مۇنداق دېدى: رەسىمدىكى ھەيۋەتلىك، سۈزۈك، جىمجىت قار - مۇز مەنزىرىسى ئاستىدا، بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئىناق بىللە ياشاۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت ئىللىق ئېقىم مەۋج ئۇرۇپ تۇرىدۇ.

شىنجاڭنىڭ قار - مۇزلۇقى تەبىئىي، نەپىس، قاتلاملىرى مول بولۇپ، رەسساملارنى چەكسىز ئىجادىيەت بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەيدۇ. «مەن قار ئارىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر مەسىلەن، توغراق، تىيانشان شەمشادى، يۇلغۇننى سىزىشنى ياخشى كۆرىمەن، سەنئەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ قىياپىتى ھەر خىل ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، مەنزىرىسى كۆز يەتكۈسىز، بولۇپمۇ قار - مۇز مۇھىتىدا كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ؛ رېئال مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇلار شىنجاڭنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە دەرەخ تۈرلىرى، بىر خىل روھنىڭ ئىپادىلىنىشى بولۇپ، بۇ دەل ئۆزىنى بېغىشلاش ۋە يىلتىز تارتىشتۇر.» رەسسام سۈن بىڭچېننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ قار - مۇز رەسىمىگە تېخىمۇ كۆپ قار - مۇز رەسىم سىزىش ماھارىتىنى كىرگۈزۈپ، قارا بىلەن ئاقنىڭ رەڭ ئۆزگىرىشى ئارىسىدىن تېخىمۇ گۈزەل كۆرۈش ئۈنۈمى ھاسىل قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.