تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەرىكەتچان شىنجاڭ غەيرەت - جاسارەتكە تولدى

□دەي لى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغان، بۇ يىل باھار بايرىمىدا شىنجاڭ تۆمۈريولىدا جەمئىي 539 مىڭ 800 ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %68.3 ئاشتى؛ شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.8 ئاشتى؛ پۈتۈن شىنجاڭدا جەمئىي كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 3 مىليون 601 مىڭ 100 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.62 ئېشىپ، 2 مىليارد 628 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى يارىتىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، تور ئىستېمالى ئالاھىدە جانلىنىپ، 18 مىليارد 648 مىليون يۈەن ئىستېمال سوممىسى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.04 ئاشتى، ھەرقايسى جايلاردىكى ئەمەلىي دۇكانلار كۆپ خىل شەكىلدىكى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ جانلىنىشى، ئاۋاتلىشىشىغا تۈرتكە بولدى... ئادەملەرنىڭ يۆتكىلىشى ۋە ئەشيا ئوبوروتى باھار بايرىمى مەزگىلىدە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يولۋاستەك غەيرەت - جاسارىتىنى ئۇرغۇتتى، تولۇق ھەرىكەتكە كەلگەن شىنجاڭدا باھارنىڭ ھاياتىي كۈچى نامايان بولماقتا.

بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى يولۇچى، ماللارنىڭ يۆتكىلىشى ئىچكى ئېھتىياجنى قوزغىتىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك پىشاڭلارنىڭ بىرى، ئۇ خەلق ئاممىسىنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە ھېسسىي ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. شۇڭا، تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن راۋانلىققا كاپالەتلىك قىلىپ، ئادەملەرنىڭ يۆتكىلىشى، ئەشيا ئوبوروتى، مەبلەغ ئېقىمى، ئۇچۇر ئېقىمىنى ئۈزلۈكسىز قوزغىتىش، ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىش كېرەك، بۇ، تىجارەت - سودا مۇھىتى، ئىستېمال مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. بۇ يىل باھار بايرىمى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىيەتتىكى يۆتكىلىشنىڭ تەرتىپلىك ۋە جانلىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىنتايىن ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللاندى. ھەرقايسى چوڭ ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى ئېلىپ ئېيتساق، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش، بازارنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، يارقىن نۇقتىلارنى كەينى - كەينىدىن بارلىققا كەلتۈردى، پايدىسى ناھايىتى ياخشى بولدى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى چوڭ باغچىلاردا سەيلە - ساياھەت قىلغانلارلا 749 مىڭ 800 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئىلگىرىكى يىللاردىكى بايرام كۈنلىرى باغچىدا سەيلە - ساياھەت قىلىشنىڭ يېڭى سەۋىيەسى يارىتىلدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئادەملەرنىڭ يۆتكىلىشى، ئەشيا ئوبوروتى، مەبلەغ ئېقىمى، ئۇچۇر ئېقىمىنى راۋانلاشتۇرغاندا، جەمئىيەت قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىرىپلا قالماي، يەنە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.

باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتكۈل جەمئىيەت قاينام - تاشقىنلىققا چۆمۈپ، ھەرىكەتكە كېلىپ، پۇقرالارغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈلدى، شۇنداقلا كۆپچىلىك شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا نىسبەتەن ئىشەنچكە تولدى. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەۋقەنى رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، تۈرلۈك بايلىقلارنىڭ يۆتكىلىشىدىكى يىغىلىش - تارقىلىش ئورنى ۋە چوڭ يولى بولۇش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور نەتىجە يارىتىشى كېرەك. بىز «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»تا چىڭ تۇرۇپ، «ئېقىمنى راۋانلاشتۇرۇش»قا توسقۇنلۇق قىلىدىغان توسالغۇ ۋە توسۇقلارنى ئۈزلۈكسىز بۇزۇپ تاشلاپ، ئادەملەرنىڭ يۆتكىلىشى، ئەشيا ئوبوروتى، مەبلەغ ئېقىمى، ئۇچۇر ئېقىمىنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان جۇشقۇن ھاياتىي كۈچنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك.

«ئېقىمنى راۋانلاشتۇرۇش»نى دائىملاشتۇرۇشتا كۆپ تەرەپ كۈچ سەرپ قىلغاندىلا، ئاندىن ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. شىنجاڭ ئىزچىل تۈردە «ئېقىمنى راۋانلاشتۇرۇش»نى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول دەۋرىگە قەدەم قويدى، تۆمۈريول تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشتۇرۇلۇپ، تۆمۈريول تورى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق ئۆلكە مەركىزىي شەھەرلىرى بىلەن بولغان قاتناش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، قاتناش قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدا ئادەملەرنىڭ يۆتكىلىشى، ئەشيا ئوبوروتى، مەبلەغ ئېقىمى، ئۇچۇر ئېقىمىنىڭ «ئۆركەشلەپ ئېقىشى» تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولىدۇ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇچۇر دەۋرىدە «ئېقىمنى راۋانلاشتۇرۇش»قا كاپالەتلىك قىلىش رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ، ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش ۋاسىتىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشتىن ئايرىلالمايدۇ، پەقەت رەقەملىك ھۆكۈمەتنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد، رەقەملىك جەمئىيەت، رەقەملىك مەدەنىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى كۈچەيتكەندىلا، ئاندىن «رەقەم +» «ئالاقە تورى +» «ئاقىل +»نى تېخىمۇ ياخشى ھالدا خەلق ئاممىسىنىڭ كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، يۈرۈش - تۇرۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرغىلى بولىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلدۇرغىلى بولىدۇ. يەنە پەقەت كەسىپنى رەقەملەشتۈرۈش ۋە رەقەمنى كەسىپلەشتۈرۈش تەرەققىيات يولىدا ماڭغاندىلا، ئاندىن ئادەملەرنىڭ يۆتكىلىشى، ئەشيا ئوبوروتى، مەبلەغ ئېقىمى، ئۇچۇر ئېقىمىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارنى تولۇپ تاشقان «رەقەم» ھاياتىي كۈچىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

«ئېقىم»نى راۋانلاشتۇرۇش پەقەت بىرىنچى قەدەم، «توپلاشتۇرۇش» ئاندىن مەقسەت. ئادەملەرنىڭ يۆتكىلىشى، ئەشيا ئوبوروتى، مەبلەغ ئېقىمى، ئۇچۇر ئېقىمىنىڭ تېخىمۇ راۋان بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە ئىستېمال مۇھىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك جەلپكارلىقنى نامايان قىلىپ، تۈرلۈك بايلىق «ئېقىم»لىرىنىڭ بەس - بەستە شىنجاڭغا توپلىنىشى، يېقىنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بايلىق بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، بايلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى توپلىغاندىلا، ئاندىن «ئېقىم» مىقدارىنى «ئېنېرگىيە» مىقدارىغا ئايلاندۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك قوللاپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنى تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.