تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ھاۋا يىپەك يولى»نىڭ يېڭى جىلۋىسى نامايان بولدى

كىشىلەر راۋان سەپەرگە چىقتى، ماللار راۋان توشۇلدى −

«ھاۋا يىپەك يولى»نىڭ يېڭى جىلۋىسى نامايان بولدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ

يولۇچى توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.9 ئاشتى، يۈك پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11 ئاشتى! بۇ يىلنىڭ تۇنجى ئېيىدا، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلىدى، ئاساسلىق كەسىپ كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ ئېشىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك بولدى.

ھازىر، شىنجاڭ «شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىش - چىقىشنى تېزلىتىش»نى چۆرىدەپ، «غول لىنىيە بىلەن تارماق لىنىيەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، تارماق لىنىيەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، پۈتۈن تورلاشتۇرۇپ تۇتاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت ئاۋىياتسىيە تورى تىرانسپورت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلەتمەكتە، شىنجاڭنىڭ خەلق ئاۋىياتسىيە خادىملىرى جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تىرانسپورت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى تۇتقا قىلىپ، «ھاۋا يىپەك يولى»نى تېخىمۇ راۋان، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىشقا تىرىشماقتا.

سەپەرگە چىقىش تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ قولاي بولدى

2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدا، يولۇچىلار ئۆچرەتتە تۇرۇپ، كودنى سىكاننېرلاپ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىتىپ، T3 ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىنىڭ ئايروپورتتىن چىقىش زالىغا كىرىپ، تەرتىپ بويىچە ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ، يۈك - تاقلىرىنى توشۇشقا ھاۋالە قىلىۋاتاتتى.

يولۇچىلارنىڭ چوڭ تىپتىكى مال ۋە يۈك - تاقلارنى ئېلىپ يۈرۈشىگە قارىتا، ئايروپورت چوڭ يۈك - تاق پوكىيى تەسىس قىلىپ، ئاپتوماتىك ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتى بېجىرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى مەخسۇس يولغا قويۇپ، يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى قولاي، تېز بېجىرىشى ئۈچۈن قولاي شارائىت ياراتقانىدى.

«ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى ناھايىتى تېزلا بېجىرىپ بولدۇق.» بېيجىڭغا ئۇچۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان يولۇچى لى فەننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ دوستى بىلەن شىنجاڭغا قار تېيىلغىلى كەلگەن بولۇپ، ئايروپىلانغا چىقىش ئالدىدا شىنجاڭ ئايرودۇرۇمىدا سەپەرگە چىقىشنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ۋە مۇلازىمەتنىڭ ئىللىق، ئەتراپلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىپتۇ.

بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئايرودۇرۇملار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قانۇن بويىچە ئىلمىي، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەتەر دەرىجىسى ئوتتۇراھال، يۇقىرى رايونلارغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارغا كاپالەتلىك قىلىش تەرتىپى ھەم ئايروپىلان ئورنىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، يولۇچىلارنىڭ ئايرودۇرۇمدا تۇرۇپ قېلىش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، ئايرودۇرۇمغا چۈشكەن نۆۋەتچى ئايروپىلانلارغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت ئارقىلىق ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك، راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

يولۇچىلار يان تېلېفونغا توك قاچىلاش سىمى، قول سومكىسى، بۆلۈپ قاچىلاش بوتۇلكىسى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىنىدىغان بولدى، ئايروپورتقا كىرىپ چىقىدىغان يولۇچىلار ئايروپىلان كۈتۈشتە ئادەم ئايروپىلاننى ساقلاش ئايروپىلان ئادەمنى ساقلاشقا ئۆزگەردى، «قولاي بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى» تۈرىدە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ۋاقتى يېرىمدىن كۆپرەك قىسقاردى... دىققەتنى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ھالقىسىدىكى مۇلازىمەت ئاغرىق نۇقتىسى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى مۇلازىمەت سۈپىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆستۈردى.

بۇ يىل كىرىشى بىلەن، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ كۈندىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلان مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئايروپورتقا كىرىپ چىقىدىغان يولۇچىلار مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان مىقدارى 405 ئايروپىلان قېتىمغا يەتتى، 2019 - يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %87.28 ئەسلىگە كېلىپ، كۈندىلىك يولۇچى مىقدارى 44 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، يېقىنقى يېرىم يىلدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتى.

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى باشقۇرۇش بۆلۈمى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى دوۋ يۇڭچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: «ئايروپورت مۇلازىمەت كۆزنىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قانۇن بويىچە، ئىلمىي، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەملەرنىڭ يۆتكىلىشى، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك، راۋان بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش نىسبىتى ۋە ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش راھەتلىك دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ».

قار - مۇز ساياھىتى، قىزىل ساياھەتنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى

بۇ ئىككى كۈندە، ئالتاي ۋىلايىتى تەكلىپ ئەۋەتىپ، جۇڭگو ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئالتايغا كېلىپ ساياھەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ، خىراجەتنىڭ ھەممىسىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەنگەن ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ.

ھازىر قار - مۇز ساياھىتى شىنجاڭ ئىستېمالىنىڭ يېڭى قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. كۆكتوقاي ناھىيەسىگە جايلاشقان كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى قىش پەسلىدە دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ بالدۇر قار تېيىلىش باشلىنىدىغان قار تېيىلىش مەيدانى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان قار تېيىلىش يولى − «ياقۇت چوڭ يولى» ۋە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يانتۇلۇق دەرىجىسى ئەڭ تىك بولغان «قارا ئالماس يولى» بار، بۇلار بىر قىسىم قار ھەۋەسكارلىرىنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان جايدۇر.

ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىنىڭ سىرتىدىكى قار تېيىلىش مەيدانىدا ئوماق بىڭدۈندۈن، شۆرۇڭرۇڭ، ھەر خىل شەكىلدىكى قار ئويمىلار بار ئىدى... كۆكتوقاينىڭ كۆكتوقاي ئايرودۇرۇمىدا، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېلېمېنتلىرى سەپەرگە چىققان يولۇچىلارغا قويۇق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كەيپىياتىنى ھېس قىلدۇراتتى. «كۆكتوقاي ئايرودۇرۇمى ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىنىڭ ئالدىغا كىچىك قار تېيىلىش مەيدانى ياسىدى، ئايرودۇرۇمغا كىرىش زالىدا قار ھەۋەسكارلىرى مۇلازىمەت پونكىتى تەسىس قىلىپ، مۇلازىمەت ئورنىنى ئالدىغا يۆتكەپ، تۇنجى قېتىم سەپەرگە چىققان يولۇچىلارغا مەسلىھەت بېرىش، يېتەكچىلىك قىلىش، ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشىگە ياردەم بېرىش قاتارلىق <بىر پونكىت شەكلىدىكى> مۇلازىمەتنى ئىشقا ئاشۇردى ھەم قار ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن قار تېيىلىش سايمانلىرىنى ئوراش - قاچىلاش ساندۇقى زاكاز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى» دېدى كۆكتوقاي ئايرودۇرۇمىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ يۈۋېي.

1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، 2022 - يىلى قار - مۇزدا قانغۇچە ئويناش «چېڭدۇ - شىنىڭ - كۆكتوقاي» ساياھەت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى، بۇ كۆكتوقاي ئايرودۇرۇمىنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭ سىرتىغا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىشى بولۇپ، تۈركۈم - تۈركۈم چېڭدۇلۇق ساياھەتچى كۆكتوقايغا مەخسۇس قار تېيىلغىلى كەلدى. 1 - ئايدا كۆكتوقاي ئايرودۇرۇمىدا توشۇلغان يولۇچى 2766 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %97.43 ئاشتى.

يېقىندا كۆكتوقاي ئايرودۇرۇمى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى 32 قىزىل ئاۋىياتسىيە ساياھىتى ئۈلگە كۆرسىتىش ئايرودۇرۇمى تىزىملىكىگە تاللاپ كىرگۈزۈلدى ھەم كۆكتوقاي - شىئەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى، كۆكتوقاي - كېرىيە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىش پىلانلاندى.

شىمالىي شىنجاڭنىڭ قار - مۇز قىزغىنلىقىغا ماس ھالدا جەنۇبىي شىنجاڭدا قىزىل ساياھەت قىزغىنلىقى سىجىل ئاشتى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىگە جايلاشقان كېرىيە ناھىيەسى بۇنىڭ ۋەكىلى. قاتناش باشلانغىنىغا بىر يىل بولغان كېرىيە ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمىنىڭ بۇ يىل 1 - ئايدا تاماملىغان يولۇچى توشۇش مىقدارى 8300 ئادەم قېتىمغا، يۈك، پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارى 8.92 توننىغا يېتىپ، 2021 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئايرىم - ئايرىم %31.74، %891.1 ئاشقان.

نۆۋەتتە، كېرىيە ئايرودۇرۇمىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ سانى كۈنىگە ئالتە ئايروپىلان قېتىم، يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە كۈنىگە سەككىز ئايروپىلان قېتىمغا يەتتى، بۇ يىل، كېرىيەدىن پايتەخت بېيجىڭغا قاتنايدىغان «قىزىل ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى»نىڭ ئېچىلىشىدىن ئۈمىد بار.

خاس مەھسۇلاتلار «كۆكتە پەرۋاز قىلدى»

2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى سائەت 13دىن 23 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ CZ5177 نۆۋەتچى ئايروپىلانى 7.5 توننا مالنى قاچىلاپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 15دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە قىرغىزىستاننىڭ بېشكەكتىكى ماناس خەلقئارا ئايروپورتىغا قوندى، بۇ، 2022 - يىلىدىن بۇيان، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭدا ئىجرا قىلغان 6 - قېتىملىق «يولۇچى ئورنىغا يۈك توشۇش» نۆۋەتچى ئايروپىلانى ھېسابلىنىدۇ.

شىنجاڭ ئاچقان ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئاۋىياتسىيە لىنىيە مۇساپىسى قىسقا، ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇشتەك تەبىئىي ئەۋزەللىككە ئىگە. جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى دۆلەت ئىچى بازىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش بىلەن بىللە، خەلقئارا ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورت بازىرىنى پائال ئاچتى. 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، شىنجاڭدىن ئالمۇتاغا تۇنجى قاتنىغان «يولۇچى ئورنىغا يۈك توشۇش» نۆۋەتچى ئايروپىلانى يولغا چىقتى. بۇ يىل جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى يەنە تاشكەنت، ئىسلامئاباد قاتارلىق جايلارغا قاتنايدىغان كۆپلىگەن «يولۇچى ئورنىغا يۈك توشۇش» ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە قاتناش باشلاشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان ھاۋا تىرانسپورت يولىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن راۋانلاشتۇرىدۇ.

قولاي ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا «ئۇچۇش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئەشيا ئوبوروتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى سېتىشنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى فەن يۈدۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۈندىلىك توشۇلۇش مىقدارى 100 توننىدىن ئېشىپ، 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 31 - كۈنىگىچە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭغا توشۇشقا كاپالەتلىك قىلغان باھار بايرىمىلىق مال تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار 7000 توننىغا يېقىن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37 ئاشۇرغان.

«يولۇچى ئورنىغا يۈك توشۇش»تىن سىرت، خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ھۆددە ئايروپىلانى ۋەزىيەتكە بېقىپ قاتناش باشلىدى.

1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، قەشقەردىن لاھورغا قاتنايدىغان يۈك تىرانسپورت ھۆددە ئايروپىلانى يولغا چىقتى، بۇ، بۇ جاي بۇ يىل ئاچقان پاكىستاننىڭ ئىسلامئاباد، ۋېنگىرىيەنىڭ بۇداپېشت ۋە بېلگىيەنىڭ ليېژدىن كېيىنكى يەنە بىر خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە، قەشقەردىن ئىسلامئاباد، ليېژغىچە بولغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىملىق ئۇچۇشنى ئىجرا قىلىشتەك دائىملاشقان يۈرۈشۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

بۇ يىل يېڭى ئاۋىياتسىيە پەسلىدە، 15 ئاۋىياتسىيە شىركىتى قەشقەر (يەكەن) ئايرودۇرۇمىدا تىجارەت باشلاپ، 28 شەھەرگە قاتنايدۇ. گۇاڭجوۋ، شىنىڭ، جېڭجوۋ، غۇلجا، ئالتاي قاتارلىق شەھەرلەرگە قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، ئۈرۈمچى، شىئەن، لەنجوۋ قاتارلىق شەھەرلەرگە قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى زىچلاشتۇرۇلۇپ، تېز لىنىيەلەشتۈرۈش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، دۆلەت ئىچى ساياھىتىنىڭ «ئىچكى ئايلىنىش» ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدۇ.

بۇ يىل شىنجاڭ ئۈرۈمچى، قەشقەردىن ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا قاتنايدىغان خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى نۇقتىلىق ئاچىدۇ؛ ئۈرۈمچىدىن «مىليون دەرىجىلىك» بەش ئايرودۇرۇمغا قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى زىچلاشتۇرىدۇ، يازلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىدە كۈندىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلاننى 50 نۆۋەتتىن ئارتۇققا، قىشلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىدە 40 نۆۋەتتىن ئارتۇققا يەتكۈزىدۇ؛ تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىدىن شىنجاڭ سىرتىغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن بەشتىن ئارتۇقنى، شىنجاڭ ئىچىدىكى تارماق لىنىيەلەر ئارا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن بەشتىن ئارتۇقنى يېڭىدىن ئاچىدۇ، زىچلاشتۇرىدۇ.

يولۋاس تاغ، ئورماندا ھۆركىرىسە مۇقەررەر ئەكس سادا قايتىدۇ! ئادەم يۆتكىلىشى، ئەشيا ئوبوروتى، ئۇچۇر ئېقىمىنىڭ راۋانلىشىشى مۇقەررەر ھالدا شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇچۇش سۇپىسى ھازىرلايدۇ. كەلگۈسىگە نىسبەتەن، كىشىلەر تېخىمۇ كۆپ ئۈمىدكە تولۇشقا ھەقلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.