تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا يېتەكچىلىك قىلدى

كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى. يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

جاڭ جۇ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى بەنزىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تولۇق، جايىدا ئىشلىدى. مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا دىققەت باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇلدى، مەسىلىنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇشتا يوشۇرماي، ئۆزئارا تەنقىد قىلىشتا ئۆتكۈر سۆزلەرنى قىلىپ، پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا ھەقىقىي ئەھۋالنى چىقىش قىلىپ، مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىشتىكى مەقسەتكە يەتتى. قەتئىي بوشاشماي سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇش؛ قەتئىي بوشاشماي نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش؛ قەتئىي بوشاشماي ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش؛ قەتئىي بوشاشماي خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىش؛ قەتئىي بوشاشماي كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىش؛ قەتئىي بوشاشماي تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ «كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىشلىرى»نى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: بورتالا ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە كاللىنى قوراللاندۇرۇشى، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشى، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى پۇختا، ياخشى قىلىپ، ئورتاق بېيىشنى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا تارىخ ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشى كېرەك. تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق، ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ۋاڭ مىڭشەن قاراماي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: باشتىن - ئاخىر سىياسىي قۇرۇلۇشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تېخىمۇ پۇختا جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى قاراماي خىزمەتلىرىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى پۇختا ئىگىلەپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلقنى مەركەز قىلىپ، قاراماينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

زۇمرەت ئوبۇل قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىشنى باش ئورۇنغا قويۇش كېرەك؛ نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش كېرەك؛ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىش كېرەك؛ ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك؛ ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىش كېرەك؛ دەرھال تەكشۈرۈپ دەرھال تۈزىتىش، بىلگەن ھامان تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۈزۈم - مېخانىزم ئورنىتىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۈندىلىك ئىشلارغا سىڭدۈرۈپ، دائىم چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

يۈسۈپجان مەمەت قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك؛ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىش كېرەك؛ ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى پۇختا، ياخشى قىلىش كېرەك، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا تارىخ ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇرۇش كېرەك؛ تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، «كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىشلار»نى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك.

ئېلزات ئەخمەتجان تۇرپان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئىدىيە ئالماشتۇرۇش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال - خۇرام ئىشلىشىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق رايىنى ئىگىلەپ، خەلق رايىغا قۇلاق سېلىپ، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي تۈردە بەنزە قۇرۇلۇشى ۋە تۇرپاننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدىكى تۈرلۈك ئىشلارنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

قادېن كەبىن تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى بەنزىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى بەنزىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا توغرىلىنىپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش تەلىپىنى يىغىننىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى باش تېمىغا، مەسىلە يۆنىلىشىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قاتتىق، ئەمەلىي بولۇپ، سەمىمىي بولۇپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىگە يەتتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەر ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، باشتىن - ئاخىر شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشى؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، باشتىن - ئاخىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىشتا چىڭ تۇرۇشى؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر راستچىل - ئەمەلىيەتچىل، جاسارەتلىك ۋە غايىلىك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىشى؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، باشتىن - ئاخىر «كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىشلار»نى ياخشى ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە ھەرقايسى سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرىدىكى ئالاقىدار يولداشلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.

(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار شيا چىڭ، ئىلى مۇخبىرلار پونكىتىدىن لى شىنئەن، بورتالا ئوبلاستى مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاۋ جېندۇڭ، قاراماي مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاڭ جاۋگېڭ، قىزىلسۇ ئوبلاستى مۇخبىرلار پونكىتىدىن ۋاڭ شىيىڭ، قومۇل مۇخبىرلار پونكىتىدىن ئەن يەن، تۇرپان مۇخبىرلار پونكىتىدىن ما جيەنشەن، شېڭ يۈ، تارباغاتاي مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاڭ پېيچى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.