تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جان تىكىپ ئېلىشىش كىشىلىك ھايات ئوردېنى

□گاۋ ۋا

ئەمدىلا ئاياغلاشقان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يەككە تاختىدا قار تېيىلىش ئەرلەر U شەكىللىك مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىش سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە، جۇڭگولۇق كىچىك ماھىر گاۋ خۇڭبو پۇتىنىڭ ئوشۇقى سۇنۇپ كەتكەن ئەھۋالدا، يارىدار تۇرۇپمۇ يەنىلا مەيدانغا چىقتى. گەرچە ئۇ پەقەت بىر قىسىم ئاساسىي ھەرىكەتلەرنىلا قىلىپ، ئاخىرىدا پۈتۈن مەيدان بويىچە ئەڭ تۆۋەن بولغان 15.00 نومۇرغا ئېرىشىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن گاۋ خۇڭبونىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىش روھى سانسىزلىغان تاماشىبىنلارنى تەسىرلەندۈردى.

جان تىكىپ ئېلىشىش ئالتۇن مېدالدىنمۇ شەرەپلىك. مۇسابىقىدە ھامان يېڭىش - يېڭىلىش بولىدۇ، مەيلى نەتىجىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەزىمەتلىرىنىڭ قەلبىدىكى ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىشى، جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىشى ئېلىپ كەلگەن تەسىرلەندۈرۈش ھامان كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ. 1908 - يىلى لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئىتالىيە مارافونچە يۈگۈرۈش ماھىرى دوراندو پىيېترى يۈگۈرۈش يولىدا بەش قېتىم يىقىلىپ چۈشكەن بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا باشقىلارنىڭ يۆلىشى بىلەن ئاخىرقى نۇقتىدىن ئۆتكەن؛ 1992 - يىلى بارسېلونا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، ئەنگلىيە ماھىرى دېرىك رېدموند ئۆكچە پېيى يارىلىنىپ يىقىلىپ چۈشكەن بولسىمۇ، ئورنىدىن تۇرۇپ بىر پۇتى بىلەن تاقلاپ ئاخىرقى نۇقتىغا بارغان؛ 2000 - يىلى سىدنېي ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى تەنھەرىكەتچىسى ئېرىك مۇئۇسسامبانى 1 مىنۇت 52 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 100 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش تۈرى بويىچە «ئەڭ ئاستا نەتىجە»نى ياراتقان، مۇسابىقىدىن بىرنەچچە ئاي ئىلگىرىلا سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىنىشكە باشلىغان، ئۆلچەملىك سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى تاپالماي دېڭىزدا سۇ ئۈزۈشنى مەشىق قىلغان ئۇ تاماشىبىنلارنىڭ مەدەت سادالىرى ئىچىدە جاپالىق ئۈزۈپ ئاخىرقى نۇقتىغا يېتىپ بارغان... ئولىمپىكنىڭ سېھرىي كۈچى قايناق ھېسسىيات ئۇرغۇپ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن پەيتتە، تېخىمۇ مۇھىمى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىش، مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىكتەك جان تىكىپ ئېلىشىش جەريانىدا. يارىدار تۇرۇپمۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان گاۋ خۇڭبو ۋە قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشقان سانسىزلىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەزىمەتلىرى بىزگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلانغانلارنىڭ قەھرىمان ئىكەنلىكىنى، جان تىكىپ ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلغانلارنىڭ باتۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھامان يېپىلىدۇ، لېكىن جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىش روھى مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ. كىشىلىك ھايات خۇددى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئوخشايدۇ، جان تىكىپ ئېلىشىپ ھاياتلىقنىڭ ئاساسىي رېڭىنى سىزغاندىلا ئاندىن ئەپسۇسلىنىش بولمايدۇ، بۇ ھايات بىھۇدە ئۆتمەيدۇ. كىشىلىك ھاياتتا مۇكاپات ئېلىش سەھنىسىدە تۇرغانلارنىڭ ھەممىسى مەڭگۈ ئاشۇ ئارزۇ ئۈچۈن جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىدىغان، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىدىغان، مەغلۇپ بولسىمۇ ئۆكۈنمەيدىغان، پۇشايمان قىلمايدىغان كىشىلەردۇر، چۈنكى جان تىكىپ ئېلىشىش كىشىلىك ھايات ئوردېنى.

(«سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.