□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
«قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، ھەربىر مەيدان مۇھىم مۇسابىقىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىنى تولۇق كۆردۈم. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرى ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشقان دەقىقىلەر مېنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى» دېدى 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزىسى باش ئەگلە كەنتىدىكى يۇرتىغا قايتقان داشۆ ئوقۇغۇچىسى نۇسرەتگۈل مەتسەيدى.
بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلانغاندىن بۇيان، تۈرلۈك پائالىيەت ۋە مۇسابىقىلەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتىپ، قىزغىن مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلىنىپلا قالماي، كۆپچىلىكنىڭ «قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە ئاتلىنىش» قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتتى.
ۋەتىنىم، مەن سەندىن پەخىرلىنىمەن
بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى تىلغا ئېلىنغاندا، 63 ياشلىق تىلېۋقان ئىماماز قاتتىق ھاياجانلاندى. تىلېۋقان باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شىرىنزا يېزىسى شياۋخېيگوۋ كەنتىدىكى چارۋىچى. ئۇ مۇنداق دېدى: «شۇ كۈنى، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بالدۇرلا تېلېۋىزور ئالدىدا ئولتۇرۇپ باشلىنىش مۇراسىمىنى كۈتتۇق. باشلىنىش مۇراسىمى بەك قالتىس بولدى، بولۇپمۇ جۇڭگو تەنھەرىكەتچىلىرى مەيدانغا كىرگەن ئاشۇ دەقىقىدە مەن ھەقىقەتەن بەكمۇ پەخىرلەندىم».
تىلېۋقاننىڭ نەۋرە قىزى ئۇلان ئۆمىربېك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 3 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ھەم قالتىس بولدى ھەم كىشى قەلبىنى روھلاندۇردى. دىلنىگار ئىلھامجان ئاچامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەشئەل يەتكۈزگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاساسىي مەشئەلنى تۇتاشتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، بەك ھاياجانلاندىم، ئۇ بىز شىنجاڭلىقلارنىڭ پەخرى!»
ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى» ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كوچا پاراڭلىرىدىكى قىزىق نۇقتىلىق سۆزگە ئايلاندى. «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەقىقەتەن بىر مەيدان قالتىس تەنتەربىيە كاتتا مەرىكىسى بولدى، ئۇ جۇڭگو ئىشەنچى، جۇڭگو كۈچىنى نامايان قىلدى، ھەربىر جۇڭگولۇقنىڭ ئالقىشلىشىغا ئەرزىيدۇ!» دېدى كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ ئاھالىسى ۋاڭ مىن.
جۇڭگو ئەزىمەتلىرىگە مەدەت بېرىمىز ۋە ئۇلارنى ئالقىشلايمىز
قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانىدا، جۇڭگو ئەزىمەتلىرىنىڭ ھەر قېتىملىق جان تىكىپ ئېلىشىشى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى.
«بۈگۈن بىز بارلىق كوماندا ئەزالىرى دالىدا قار تېيىلىش يەككە قىسقا ئارىلىق مۇسابىقىسىنى كوللېكتىپ كۆردۇق، جۇڭگو ئەزىمەتلىرىنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، كۆپچىلىك ئىنتايىن ھاياجانلاندى.» 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئالتاي شەھىرىدە قىشلىق يىغىپ مەشىقلەندۈرۈشكە قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ دالىدا قار تېيىلىش كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى قۇشتار بۇرلېبىك مۇنداق دېدى: «بىزمۇ كەلگۈسىدە قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، ۋەتەنگە شەرەپ كەلتۈرۈشنى ئارزۇ قىلىمىز. جۇڭگو قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەزىمەتلىرىنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدىكى ئىپادىسىنىڭ قالتىس بولۇشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز».
شۇ كۈنى، خوتەن شەھەرلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ 6 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى نۇرزات نۇرئەلى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەركىن قار تېيىلىش بويىچە ئاياللارنىڭ پەشتاقتىن سەكرەش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى كۆرگەچ ئاتا - ئانىسىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىدى. «بۇ، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ھەرىكەت!» ئېكراندىن جۇڭگو ماھىرى گۇ ئەيلىڭنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى كۆرۈپ، نۇرزات ناھايىتى ھاياجانلاندى: «گۇ ئەيلىڭ ئاچام ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى، ئۇ ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەن. جۇڭگو تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ھەممىسى قالتىس، مەن ئۇلاردىن ئۆگىنىمەن».
«قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن، مەن توردىن جۇڭگو كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ۋاقىت جەدۋىلىنى ئىگىلەپ، جۇڭگو تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدىكى قالتىس ئىپادىلىرىنى كۆرۈشنى قولدىن بەرمىدىم.» كورلا مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيەت مۇزېيىنىڭ مۇئاۋىن مۇزېي باشلىقى بايىنسېسېك خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ھەر كۈنى جۇڭگو ئەزىمەتلىرىگە مەدەت بېرىۋاتىمىز».
«جۇڭگو تەنھەرىكەتچىلىرى قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ دۆلەتكە شەرەپ كەلتۈردى، ئۇلار بىز ياشلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى. ئۇلارنىڭ كەسكىن مۇسابىقىلەردە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەش، مۇسابىقىلىشىشتىن قورقماسلىق روھى كىشىنى قايىل قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىككە ئېلىپ كەلگىنى تولۇپ تاشقان ئاكتىپ كۈچ» دېدى كۈنەس ناھىيەسى نارات بازىرى ئارشاڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تابىس ئەدىرىس.
«قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە ئاتلىنىش» قىزغىنلىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولدى
بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خۇددى كاتالىزاتورغا ئوخشاش ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قار - مۇز تەنتەربىيە پائالىيىتىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقى ئوتىنى تۇتاشتۇردى.
شەھەر - يېزا ئاھالىلىرى دىققىتىنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە كەڭ ئاغدۇرغاچقا، «ئوت يۇرتى» دەپ نامى بار تۇرپان شەھىرىدىكى ھەرقايسى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى، ئىستىراھەت كەنتلىرى نۇرغۇن قار - مۇز تۈرلىرىنى يولغا قويدى. ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، تۇرپان شەھىرى ئايدىڭكۆل مەنزىرە رايونى، چىنخۇي قار - مۇز باش تېمىلىق شادلىق باغچىسى، ئىدىقۇت رايونى خۇايۈەن كۆلى ساياھەت ئىستىراھەت كەنتى يولغا قويغان چانىغا ئولتۇرۇش، مۇز ئۈستىدە ئارقان تارتىشىش، قار - مۇز سوقما توپ قاتارلىق تۈرلەر نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.
پىچان ناھىيەسى قۇمتاغ قۇملۇق مەنزىرە رايونىدا تۈرلۈك مۇز ئۈستى تۈرلىرىنى ھېس قىلىش رايونى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى. «يېقىندىن بۇيان ئىزچىل تۈردە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن، مەن فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىشقا بەك قىزىقىمەن، ھەربىر مەيدان مۇسابىقىنى قالدۇرماي كۆرۈۋاتىمەن. بۈگۈن بۇ يەرگە ھېس قىلىپ بېقىشقا كەلدىم» دېدى پىچان ناھىيەسى ئاھالىسى مۇيىبۇللا ئەنۋەر.
«بىز تېلېۋىزوردىن قار - مۇز تەنھەرىكىتى ئەزىمەتلىرىنىڭ سالاپىتىنى كۆردۇق، مەيلى ئۇلار مېدال ئالالىسۇن - ئالالمىسۇن، ئۇلارنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتى مۇسابىقە مەيدانىدا باتۇرلۇق بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىشىنىڭ ئۆزىلا ماختاشقا ئەرزىيدۇ. مەن ھەربىر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەزىمەتلىرىگە ھۆرمەت بىلدۈرىمەن، ئۇلارنىڭ جان تىكىپ ئېلىشىش روھىدىن ئۆگىنىمەن» دېدى ئۇلۇغچات ناھىيەسى ئۇلۇغچات يېزىسى قورغان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇردىبېك كېرىم.
«بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى بىزنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە تۈرتكە بولۇشىمىز ۋە قار - مۇز مەدەنىيەت - ساياھەت تۈرلىرىنى ئېچىشىمىزغا نىسبەتەن بىر پۇرسەت. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز قار - مۇز تەنھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى پۇختىلايمىز» دېدى موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى لى ۋېنۋۇ.
(مۇخبىر ۋېي يۇڭگۇي، قاتناشقان مۇخبىرلار پەرىزات ئابدۇل، جاڭ تىڭ، دۇ جيەنخۇي، جاڭ رۇيلىن، سۇڭ ۋېيگو، جەزىرە نېسىپبېك، ئىختىيارىي مۇخبىر يې سۈي)