تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

1 - ئايدا شىنجاڭ ئايرودۇرۇمىغا كىرگەن - چىققان يولۇچى مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.9 ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭنىڭ شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - ئايدا، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى تاماملىغان ئايرودۇرۇمغا كىرگەن - چىققان يولۇچى مىقدارى 2 مىليون 186 مىڭ 100 ئادەم قېتىمغا، تاماملىغان يۈك پوچتا يوللانمىسى كىرىش - چىقىش مىقدارى 17 مىڭ 700 توننىغا يېتىپ، ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش - قونۇشىغا 22 مىڭ 200 قېتىم كاپالەتلىك قىلغان، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %13.9، %11.0، %2.7 ئېشىپ، تۇنجى ئايدىلا تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ئۈچ تۈرلۈك تىرانسپورت ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %20 ئاشقان، تاماملىغان ئايرودۇرۇمغا كىرگەن - چىققان يولۇچى مىقدارى 1 مىليون 383 مىڭ 200 ئادەم قېتىمغا، تاماملىغان يۈك پوچتا يوللانمىسى كىرىش - چىقىش مىقدارى 14 مىڭ 300 توننىغا يېتىپ، ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش - قونۇشىغا 12 مىڭ 100 قېتىم كاپالەتلىك قىلغان، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %24.5، %20.9، %21.7 ئاشقان.

شىنجاڭ ئىچىدىكى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملار ئىچىدە قەشقەر، كېرىيە، نارات، كۆكتوقاي، قاناس قاتارلىق بەش ئايرودۇرۇمنىڭ ئۈچ تۈرلۈك تىرانسپورت ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشقان.

يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئادەملەرنىڭ، ماللارنىڭ يۆتكىلىش كىچىك يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى. شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى يۇقۇمنىڭ دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك، راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىغا قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن نەچچىنى ئارقا - ئارقىدىن يېڭىدىن كۆپەيتىپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، باھار بايرىمىلىق توشۇشقا كۈچ قوشتى. 1 - ئايدا شىنجاڭ ئايرودۇرۇمىدا قەرەللىك نۆۋەتچى ئايروپىلان تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاۋىياتسىيە شىركىتى 28گە يەتتى. تىجارەت قىلىدىغان قەرەللىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 237گە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىچى يولۇچى تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 235، يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئىككى. شىنجاڭ سىرتىدا دۆلەت ئىچىدىكى 63 شەھەر ھەمدە شىنجاڭ ئىچىدىكى 18 شەھەر بىلەن ئۈرۈمچى ئارىلىقىدا ئايروپىلان قاتنىدى.

1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، گىرۇزىيە مەيۋېي ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان B737 تىپلىق بىر يۈك ئايروپىلانى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىغا قوندى، بۇ، شىنجاڭ خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ھۆددە ئايروپىلان كەسپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلگەنلىكى، 2022 - يىلى شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىنىڭ ئاساسلىق خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت ئاۋىياتسىيە يولىنىڭ مۇقىم، راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا بىرىنچى قەدەمنى باسقانلىقىدىن دېرەك بەردى. بۇ يىل، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ھۆددە ئايروپىلان كەسپىنىڭ دائىملاشقان تىجارىتىگە تۈرتكە بولۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى بولۇش فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئايرودۇرۇم ئەتراپى ئىقتىسادى رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، ئۈرۈمچى ئىقتىسادىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ.

مۇخبىرنىڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، شىنجاڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش - كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىدىكەن، موڭغۇلكۈرە، ئارال، تاشقورغاندىن ئىبارەت ئۈچ ئايرودۇرۇمنى ئىشقا كىرىشتۈرىدىكەن، شەرقىي جۇڭغار(گۇچۇڭ)، باركۆل، بايىنبۇلاق ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلايدىكەن. خەلقئارا ئاۋىياتسىيە كەسپىنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، غول لىنىيەلەرنى كۆپەيتىپ، تارماق لىنىيەلەرنى جانلاندۇرۇپ، تېز لىنىيە بەرپا قىلىپ، «غول لىنىيە بىلەن تارماق لىنىيەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، تارماق لىنىيەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، پۈتۈن تورلاشتۇرۇپ تۇتاشتۇرۇش»نى نىشان قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاۋىياتسىيە قاتنىشىغا بولغان گۈزەل ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.