تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چەككە يەتكەن تەنھەرىكەت ئۆزگىچە بىر مەنزىرە

​− 300 مىليون كىشى قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە ئاتلاندى، شىنجاڭدا مەن بار⑥

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ يىيۈەن

قار - مۇز تەنھەرىكىتى تىلغا ئېلىنسا، سىز ئالدى بىلەن نېمىنى ئويلايسىز؟ تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش، قىسقا يولدا تېز تېيىلىشنىمۇ ياكى مۇز چەينەك، مۇز توپ، دالىدا قار تېيىلىشنىمۇ؟ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تۈرلىرىدىن باشقا، مۇزلۇققا يامىشىش، قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش، قار - مۇزدا مارافونچە يۈگۈرۈش قاتارلىق قاتنىشىدىغانلار ئاز، كەسپىي بولغان چەككە يەتكەن تەنھەرىكەتمۇ تەدرىجىي ھالدا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، قار - مۇز تەنھەرىكىتىدىكى ئۆزگىچە بىر مەنزىرىگە ئايلاندى.

قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش:

سۈرئەت ۋە ئېگىزلىككە جەڭ ئېلان قىلىش

2021 - يىلى 12 - ئاينىڭ بېشىدا، شىنجاڭ قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش كوماندىسى كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ كۆكتوقاي بازىرىدا قۇرۇلدى، بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى تاغقا چىقىش تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى، جۇڭگو تاغقا چىقىش جەمئىيىتىنىڭ قوللىشىدا قۇرغان شىنجاڭدىكى تۇنجى قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش كوماندىسى بولۇپ، 14 كوماندا ئەزاسىنىڭ ھەممىسى ئالتاي ۋىلايىتىدىن كەلگەن، ئەڭ چوڭى 22 ياشتا، ئەڭ كىچىكى پەقەت 13 ياشتا.

قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش تەنھەرىكىتى ئاساسلىقى قارلىق تاغ ياكى قار بىلەن قاپلانغان تاغلىق رايوندا ئېلىپ بېرىلىدىغان يەككە ۋە كوللېكتىپ تەنھەرىكەت تۈرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قارلىق دالىدا مېڭىش، يامىشىش، گۇرۇپپىلاش، تاغقا چىقىش ئۈسكۈنىلىرى مەشغۇلاتى، قار تېيىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ئامىلدىن تەركىب تاپقان ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك تاغلىق رايون قىشلىق دالا تەنھەرىكىتىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭدا قارلىق تاغقا يامىشىش ئۇنىۋېرسال تېخنىكىسى ئاساس، قار تېيىلىش تېخنىكىسى قوشۇمچە قىلىنىپ، قاتناشقۇچىلارنىڭ ناھايىتى ياخشى بەدەن ئىقتىدارى، ئادەتتىن تاشقىرى قارلىق تاغقا يامىشىش تېخنىكىسى ۋە قار تېيىلىش ئاساسىغا ئىگە بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ، ئۇ ئادەم بەدىنىگە قارىتا ئىنتايىن زور جەڭ ئېلان قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە، شۇنداقلا ئۇنىڭدا بەلگىلىك خەۋپ - خەتەر مەۋجۇت.

شىنجاڭ قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش كوماندىسىنىڭ يېتەكچىسى شىردان مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭ قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش كوماندىسى شىزاڭ، چىڭخەي، شەندۇڭدىن كېيىن، دۆلەت ئىچىدە قۇرۇلغان ئۆلكە(ئاپتونوم رايون) دەرىجىلىك 4 - قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش كوماندىسى بولۇپ، كوماندا ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى دالىدا قار تېيىلىش قاتارلىق تۈرلەردىن تۈر ھالقىپ تاللانغان.

شىردان بۇ كوماندىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا توختىلىپ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: «قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش 2026 - يىللىق مىلان - كورتىنا دامپېززو قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلدى، كوماندا ئەزالىرىنىڭ بۇ پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ قىشلىق قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، تەبىئەتكە يېقىنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

مۇزلۇققا يامىشىش:

مۇز قىيادا باتۇرلۇقنى ھېس قىلىش

«مۇزلۇققا يامىشىش»تىن ئىبارەت قاتنىشىدىغانلار تېخىمۇ ئاز بولغان تەنھەرىكەتنى تېخىمۇ كۆپ كىشى بارا - بارا چۈشەندى، سىناپ كۆردى. ئىلگىرى كەسپىي تەنھەرىكەتچىلەرلا شۇغۇللىنىدىغان بۇ تۈرلۈك چەككە يەتكەن تەنھەرىكەت مۇز شارقىراتما، مۇز قىيالارنىڭ ئېچىلىشى ھەم مۇزلۇققا يامىشىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلغارلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۆگىنىش نىسبەتەن ئاسانلاشقان، كۆپلىگەن دالا تەنھەرىكىتى ھەۋەسكارلىرى ياقتۇرىدىغان ئەڭ يېڭى قىشلىق مودا تەنھەرىكەتكە ئايلاندى. مۇزلۇققا ياماشقۇچىلار قولىغا مۇزلۇق جوتۇسى، مۇزلۇق تىرنىسى، مۇزلۇق قوزۇقى ئېلىپ، پۇتىغا مۇزلۇق ئۆتۈكى كىيىپ، مۇز شارقىراتما، مۇز قىيالارغا يامىشىپ چىقىپ، ئۆزگىچە باتۇرلۇق، قەھرىمانلىق خىسلىتىنى نامايان قىلىدۇ.

1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى تاغقا چىقىش تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئەترىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىياغا يامىشىش، مۇزلۇققا يامىشىش تەنھەرىكىتى جەمئىيىتى ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) تاغ جىلغىسىدا مۇزلۇققا يامىشىش سۈرئەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار سەككىز مىنۇتتا يامىشىش قىيىنلىق دەرىجىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا WI3+،WI3(ئۇدا يامىشىش بۇلۇڭى 70 گىرادۇستىن 80 گىرادۇسقىچە بولغان مۇز قىيا) لىنىيەسىنى تاماملاپ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنى مۇزلۇققا يامىشىشتىن ئىبارەت بۇ تۈردىكى تەنھەرىكەتنى يەنىمۇ چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«مۇزلۇققا يامىشىش جەريانىدا، قاتناشقۇچىلار پۈتۈن دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچلۈك يۈرەك سوقۇشىنى ھېس قىلىش بىلەن بىللە، ھاياجانغا تولغان ئاشۇ خىل جەرياندىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىمەن بولىدۇ.» ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كەلگەن مۇزلۇققا ياماشقۇچى لۇ خەي بۇ تەنھەرىكەتنى تىلغا ئالغاندا ھەمىشە ناھايىتى ھاياجانلىنىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىياغا يامىشىش، مۇزلۇققا يامىشىش تەنھەرىكىتى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دىلشات ئابدۇرېشىت مۇنداق تونۇشتۇردى: مۇزلۇققا يامىشىش تەنھەرىكىتى 2003 - يىلى شىنجاڭغا كىرگەن، دەسلىپىدە ئون نەچچىلا ئادەم قاتناشقان، ھازىر ئۈرۈمچىدىكى مۇزلۇققا يامىشىش قوشۇنى تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، 300دىن ئارتۇق كىشىگە يەتتى، «ئادەتتە ھەر يىلى 11 - ئايدىن كېيىنكى يىلى 3 - ئايغىچە بولغان ۋاقىت مۇزلۇققا يامىشىش پەسلى بولىدۇ، ئۈرۈمچى رايونىدىكى بەيياڭگوۋ، خوۋشيا، شۈيشىگوۋ، بوغدا چوققىسى ئەتراپىنىڭ ھەممىسى مۇزلۇققا يامىشىشتىكى ئەڭ ياخشى جايلار ھېسابلىنىدۇ».

«مۇزلۇققا يامىشىشقا ھازىرچە قاتنىشىدىغانلار بىرقەدەر ئاز، بىراق مەن ئۇنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىدىن ئۈمىدۋار. بۇ خۇددى ئىلگىرى قار تېيىلىدىغانلار ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن قار تېيىلىدىغانلار سانىنىڭ ھەر يىلى ھەسسىلەپ كۆپەيگىنىگە ئوخشاش. مۇزلۇققا يامىشىش خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىدىغان قىزىقارلىق بىر تۈرلۈك تەنھەرىكەت بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن مۇزلۇققا يامىشىش ئامما قوبۇل قىلالايدىغان چەككە يەتكەن تەنھەرىكەتكە ئايلىنىدۇ» دېدى دىلشات ئابدۇرېشىت.

قار - مۇزدا يۈگۈرۈش:

يۈگۈرۈش جەريانىدا تېخىمۇ قالتىس بولغان ئۆزىنى نامايان قىلىش

1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 200دىن ئارتۇق يۈگۈرۈش ھەۋەسكارى بىڭتۇەن 12 - شى تۇدۇڭخابا بويى ئورمان باغچىسى مەركىزىي مەيدانىغا يىغىلدى − 2022 تۇدۇڭخابا بويى قار - مۇز مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى باشلاندى، ماھىرلار قارلىق، مۇزلۇقلاردا بەھۇزۇر يۈگۈرۈپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتۈۋالدى.

قار - مۇزدا مارافونچە يۈگۈرۈش ئادەمنىڭ بەدەن ئىقتىدارىنى سىنايدىغان چەككە يەتكەن تەنھەرىكەت. تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا يۈگۈرۈش ئەمەلىيەتتە يۈگۈرگۈچىلەرنىڭ بەدەن ئىقتىدارىنى سىناپلا قالماي، يەنە ئىرادە كۈچىنىمۇ سىنايدۇ. شىنجاڭدا زور تۈركۈمدىكى ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش ھەۋەسكارلىرى بار بولۇپ، ئۇلار قەھرىتان سوغۇقتىن قورقماي، قار - مۇزلۇقتا ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشتە ئاخىرقى چەككە جەڭ ئېلان قىلىدۇ.

ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى، ئۈرۈمچى خۇڭسەن، يامالىق تېغى قاتارلىق جايلار ۋە تۇدۇڭخابا بويى ئورمان باغچىسى نۇرغۇن يۈگۈرۈش ھەۋەسكارلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئۇلار قەھرىتان سوغۇقتىن قورقماي، چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، قىش پەسلىدىكى كۆچمە مەنزىرىلەرنى شەكىللەندۈرىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك مارافونچە ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى جاڭ جيەن مۇنداق دېدى: «قەھرىتان سوغۇق يۈگۈرۈش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ، يۈگۈرىدىغان دوستلار ئۈزلۈكسىز ئۆزى ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئىرادىسىنى چېنىقتۇرۇپ، تەبىئەتتىن ساغلاملىق ۋە خۇشاللىق ئىزدەيدۇ».

چەككە يەتكەن تەنھەرىكەت يېڭى بىر خىل تۇرمۇش شەكلىگە ئايلانماقتا. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى تاغقا چىقىش تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى زېڭ بو مۇنداق ئەسكەرتتى: قانچە خەتەرلىك بولغان چەككە يەتكەن تەنھەرىكەتنىڭ كەسپىيلىككە بولغان تەلىپى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، چەككە يەتكەن تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشتا، بىخەتەرلىكنى جەزمەن بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.