تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​يېڭى دەۋر ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى رەھبەرلىك بەنزىسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى​

يېڭى دەۋر ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى رەھبەرلىك بەنزىسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، يىغىن باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى قاتتىق ئۆلچەم بويىچە ئەمەلىي تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى تۈرمۇتۈر ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى كەسكىن قانات يايدۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە 11 - سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى بىر - بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇردى.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق تەكىتلىدى: بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى ئەڭ يۈكسەك سىياسىي پىرىنسىپ ۋە تۈپ سىياسىي قائىدە قىلىپ، كونكرېت خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكەتتە نامايان قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە سادىق بولۇشنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ كۆزىتىشىگە ئاساسەن تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۇزاققىچە ياخشى تۇتۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى توختىماي كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بىرلىك سەپ كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك. مەۋقەنى «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»كە قويۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبكە پۈكۈپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن تولۇق ئادا قىلىپ، يېڭى دەۋر ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.