تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى 6 مىليون 820 مىڭ مو توغراقلىقنىڭ ھاياتىي كۈچى ئەسلىگە كەلدى

ئۈچ يىللىق قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى

​تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى 6 مىليون 820 مىڭ مو توغراقلىقنىڭ ھاياتىي كۈچى ئەسلىگە كەلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈچ يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، دەريا سۈيىنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشى بىلەن تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى 6 مىليون 821 مىڭ 800 مو تەبىئىي توغراقلىقنىڭ چېكىنىش ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك پەسەيتىلگەن، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان.

تارىم دەرياسى دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى، دەريا ۋادىسىنىڭ كۆلىمى 1 مىليون 20 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر، كەڭ كەتكەن ئىپتىدائىي توغراقلىق ۋادىدىكى دەريا قىنىنىڭ ئىككى تەرىپىگە تارقالغان بولۇپ، كۆلىمى 16 مىليون 924 مىڭ 500 مو كېلىدۇ، ئۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى مۇھىم بوستانلىق ئېكولوگىيە توسۇقى ھېسابلىنىدۇ. 20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدىن بۇيان، ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ كۆپىيىشى ۋە سۇ بايلىقىدىن تەرتىپسىز، تۆۋەن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا ئەگىشىپ، تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ يەر ئاستى سۇ ئورنى تۆۋەنلەپ، كەڭ كەتكەن توغراقلىقلار قۇرۇپ كەتتى.

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىقلارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، 2019 - يىلى تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىقلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى باشلاپ، ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ سۇغىرىش شارائىتى بار 6 مىليون 100 مىڭ مو چېكىنگەن توغراقلىقنى كەلكۈن سۈيىنى باشلاپ سۇغىرىپ، توغراقلىقلارنىڭ تەبىئىي ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى پىلانلىدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى مەنپەئەت ئورمىنىنى قوغداش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى تونۇشتۇرۇپ.

شىنجاڭ توغراقلىقلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى ئورمان ئېكولوگىيە ئۈنۈمى تولۇقلىما فوندىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئۈچ يىلدا جەمئىي 124 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتتى، تۈر قۇرۇلۇشىنى ئۈستىگە ئالغان ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەردىكى ئورمانچىلىق، ئوتلاق، سۇچىلىق قاتارلىق تارماقلار كەلكۈن سۈيىنى باشلاپ سۇغىرىش رايونىنى نەق مەيداندا چارلاپ تەكشۈرۈپ، سۇ يەتكۈزۈش چۈشۈرگە ئېغىزى، سۇ باشلاش لىنىيەسى، راۋانلاشتۇرۇش ئۆستىڭى سىستېمىسى، چۈشۈرگە ئېغىزى سۇ يەتكۈزۈش مىقدارىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق بېكىتتى. يولغا قويۇش جەريانىدا، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك زىچ ھەمكارلىشىپ، سۇغىرىش رايونلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك يەتكۈزۈلىدىغان ھەربىر تامچە سۇنى توغراقلىقلارنى سۇغىرىشقا ئىشلىتىپ، توغراقلىقلارغا كەلكۈن سۈيىنى باشلاپ سۇغىرىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىشى ئارقىلىق، ئۈچ يىلدا جەمئىي 6 مىليون 821 مىڭ 800 مو توغراقلىقنى سۇغىرىش تاماملىنىپ، پىلاندىكى ۋەزىپە %108.45 ئورۇندالدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى مەنپەئەت ئورمىنىنى قوغداش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى.

بۈگۈنكى كۈندە، تارىم دەرياسى بويىدىكى نەچچە مىليون مو توغراقلىق بۈك - باراقسانلىشىپ، توغراقلىقلارنى كەلكۈن سۈيىنى باشلاپ سۇغىرىش رايونىدىكى ئورمان زاپىسى يىغىندى مىقدارى كەلكۈن سۈيىنى باشلاپ سۇغىرىش يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا 688 مىڭ 700 كۇب مېتىر ئاشتى، توغراقلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 0.4 مېتىردىن 0.7 مېتىرغىچە ئاشتى، تەبىئىي يېڭىلانغان كۆچەتلەرنىڭ تۈپ سانى تەخمىنەن 14 مىليون 270 مىڭ تۈپ كۆپەيدى، ئورماننىڭ ئېكولوگىيە فۇنكسىيەسى پۇختا قەدەم بىلەن ياخشىلاندى، ئورمانلارنىڭ ساغلام ئۆسۈشى ئۈنۈملۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، تۈرلەرنىڭ كۆپ خىللىقى ئۈزلۈكسىز بېيىتىلدى، قىسمەن دائىرىدىكى ئېكولوگىيە سىستېمىسى تۈر تىپىنىڭ كۆپ خىللىقى ئاشۇرۇلدى.

«توغراقلىقلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش ئېكولوگىيەنى قوغداشتىكى بىر قېتىملىق مۇھىم ئىزدىنىش بولۇپلا قالماي، يەنە شىنجاڭدىكى چۆل - جەزىرە تەبىئىي ئورمىنىنى قوغداش - ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەردى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى مەنپەئەت ئورمىنىنى قوغداش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، شىنجاڭ تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ توغراقلىقنى يېشىللاشتۇرۇپ، گۈزەللەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى يېشىل ئېكولوگىيە توسۇقىغا ئايلاندۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.