تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونلارنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %19.1 ئاشتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2021 - يىلى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونلار ئىشقا ئاشۇرغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى 15 مىليارد 939 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %19.1 ئاشقان.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى، قورغاس ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدىن ئىبارەت تۆت ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون بار. بۇنىڭ ئىچىدە، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %436.8 ئاشقان.

ئۈرۈمچى تاموژنىسى كارخانا باشقۇرۇش ۋە تەكشۈرۈش باشقارمىسى باجدىن خالىي رايون ئىشلىرىنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى چېن چى مۇنداق بىلدۈردى: بۇلتۇرقى سانلىق مەلۇماتلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تۆت ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون ئىچىدە قورغاس، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىرقەدەر تېز بولغان. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونلار ۋە ئوچۇق سۇپىلار سانىنى دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرماقتا.

ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى تاموژنىسى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونلارنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، 2021 - يىلى «ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يەنىمۇ قوللاشتىكى <بىر رايون، بىر تەدبىر> يېتەكچى پىكرى»نى ئېلان قىلدى، بۇ، 32 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرگە چېتىلىدۇ.

چېن چى مۇنداق بىلدۈردى: نۆۋەتتە يېتەكچى پىكىردىكى 32 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرنىڭ 26 تۈرى ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلدى. بۇ يىل تاموژنا تۆت ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ يېتەكچى پىكىرنى ئالغا سىلجىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، 32 تۈرلۈك تەدبىرنىڭ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونلاردا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، تاموژنا يەنە ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونلار ئىچىدە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئىجارىگە بېرىش قاتارلىق يېڭى كەسىپلەرنى يولغا قويۇشنى پىلانلىدى ھەم يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، دەل جايىدا سودىگەر چاقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون سىياسىتىنىڭ قوللىشىغا ئېھتىياجلىق تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنىڭ ماكانلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونلارنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئېچىۋېتىلىشى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.