تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى ئىككى جاي چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى قۇرۇش تەستىقىغا ئېرىشتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، گوۋۇيۈەن «ئوردوس قاتارلىق 27 شەھەر ۋە ۋىلايەتتە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى قۇرۇشقا قوشۇلغانلىق توغرىسىدىكى تەستىقىي جاۋاب»نى ئېلان قىلدى، شىنجاڭدىن قەشقەر ۋىلايىتى، ئالاتاۋ شەھىرى بۇنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭ بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۈرۈمچى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي ئۈچ ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى بار بولدى.

چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى − گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن تەسىس قىلىنغان، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنى ئۇنىۋېرسال ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىدىغان شەھەر رايونى بولۇپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش، مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ماس تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرى ۋە ئېكولوگىيە زەنجىرى بەرپا قىلىپ، يەر شارىۋى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە قائىدىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان، بۇ، جۇڭگونىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تەقلىد قىلغىلى، ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان تەجرىبە بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئاپتونوم رايون چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ تاشقى سودا يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ئېلان قىلدى. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىنى يېتەكچى قىلغان، ھەرقايسى پورتلارنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىسى پەرقلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان ياۋا غاز سېپى ئەندىزىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. قەشقەردە يۈك توشۇش ئايروپىلانىنى ھۆددىگە بېرىش، ئالاتاۋدا تاشيول - تۆمۈريول بىرلىشىپ توشۇش، قورغاستا يۈك ساندۇقىنى كىران بىلەن يۆتكەپ توشۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىل ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، پورت ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشتى.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز باجدىن خالىي ئېلېكتىرونلۇق سودا، مەملىكەت سىرتى ئامبارلىرى ئەندىزىسى قاتارلىق بەش خىل چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇلتۇرقى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 2 مىليارد 70 مىليون يۈەن بولۇپ، %152.4 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە B2B (كارخانا - كارخانا سودىسى) تەخمىنەن %60نى ئىگىلىگەن.

«رەقەملىك نۆۋەتچى پويىز»نى ماڭدۇرۇش جەھەتتە، ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا «رەقەملىك نۆۋەتچى پويىز»دىن بەشى ماڭدۇرۇلدى، مەنزىل موسكۋا، بۇداپېشت، ئالماتا، تاشكەنت قاتارلىق «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەت، شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاپتونوم رايوننىڭ سودا تارماقلىرى كارخانىلارنى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مەملىكەت سىرتىدىكى ئامبارلار، پورت ئامبارلىرىنى ئورتاق قۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا پائال يېتەكلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارغا مەملىكەت سىرتىدىكى ئامبارلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتتى؛ پورتنىڭ رايون ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا باشلامچى كارخانىلىرىنى ماكانلىشىپ ئامبار سېلىشقا پائال كىرگۈزدى؛ تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى تەقلىد قىلىپ، كېڭەيتىپ، توردا تەربىيەلەش، تور سىرتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، قەشقەر، ئالاتاۋ، قورغاس قاتارلىق جايلارنى ئالدىنقى بىرنەچچە تۈركۈمدىكى ئۇنىۋېرسال سىناق رايونلىرىنىڭ تەجرىبە، ئۇسۇللىرىنى تەقلىد قىلىپ ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، «ئالتە سىستېما»، «ئىككى سۇپا» قۇرۇشنى تېزلەتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشى مۇنداق بىلدۈردى: چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق سودا يېڭى كەسىپ ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تاشقى سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، غەربكە ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم سۇپا، يول ئىقتىسادىنىڭ پورت ئىقتىسادىغا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت بەرگەن سىياسەتتىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، پورت چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ماركا قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تاشقى سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.