تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەنۇبىي شىنجاڭدىن تاجىكىستانغا ئوتتۇرا ئاسىيا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، بىر يۈك پويىزى جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ قاغىلىق بېكىتىدىن يولغا چىققان، بۇ پويىز قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىدىغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، 15 كۈن ئەتراپىدا تاجىكىستانغا يېتىپ بارىدىكەن، بۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىن تاجىكىستانغا قاتنىغان تۇنجى ئوتتۇرا ئاسىيا نۆۋەتچى پويىزى ھېسابلىنىدۇ.

«شىركىتىمىزنىڭ ماللىرى تۇنجى قېتىم نۆۋەتچى پويىزغا قاچىلىنىپ چېگرادىن توشۇلۇپ، توشۇش تەننەرخى ئىلگىرىكىدىن يەتتىدىن بىر ئۈلۈش تېجەلدى، توشۇش ۋاقتى تەخمىنەن يەتتە كۈن قىسقاردى.» قەشقەر شىنمياۋ ياغاچچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى شۈ يەنلۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ، شىركىتىمىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ.

بۇ نۆۋەتچى پويىزنىڭ ئوڭۇشلۇق قاتنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئۇچۇر راۋان بولۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەت، تاشقى سودا كارخانىلىرى بىلەن دائىملاشقان ئالاقىلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، مال تەييارلاش، قىسقا ئارىلىقتا توشۇش، ۋاگونغا قاچىلاش، ماڭدۇرۇش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارنى يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنداقلا خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مالغا ماس كېلىدىغان ۋاگون مەنبەسىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، ئالدىن قاچىلاش، ئالدىن يولغا سېلىشنى يولغا قويۇپ، ئاپتوموبىل بىلەن مال ئېلىش - يەتكۈزۈش، قاچىلاش - پۇختىلاش، بېلەت چىقىرىش - ماڭدۇرۇش قاتارلىق ھالقىلاردىكى كونتروللۇقنى كۈچەيتىپ، توشۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يۈكنى تېز قاچىلاش، تېز توشۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«بىز خېرىدارلار بىلەن ئالدىن ئۇدۇللىشىپ، ۋاگونغا قاچىلاش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە ۋاگون توپلاپ، خېرىدارلارغا ماس كېلىدىغان ۋاگونغا قاچىلاش لايىھەسى تۈزۈپ بەردۇق، پۈتۈن تۈركۈم مال توشۇش ۋاقتى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا توققۇز سائەت تېجەلدى» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قەشقەر يۈك تىرانسپورت مەركىزى قاغىلىق مەشغۇلات نۇقتىسىنىڭ دىرېكتورى ۋاڭ خۇي.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى تىرانسپورت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، قاچىلاش - چۈشۈرۈش ۋە توشۇشنى تەشكىللەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، توشۇش كۈچى، توشۇش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە جەنۇبىي شىنجاڭغا سىجىل مايىللىشىپ، ئەشيا ئوبوروتى بازىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىمدىكى كارخانىلار بىلەن بولغان ماسلىشىش، ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، شۇ جايدىكى تاموژنىغا مەلۇم قىلىش، تاشيول - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق كۆپ خىل ئەندىزىلەرنى قوللىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، چېگرا ھالقىغان نۆۋەتچى پويىزنىڭ تىرانسپورت يېڭى لىنىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتتى.

نۆۋەتتە، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا ئاقسۇ - رۇسىيە موسكۋا، قەشقەر - ئۆزبېكىستان تاشكەنت، كورلا - رۇسىيە، كورلا - پولشا قاتارلىق جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسىدىن توققۇزى ئېچىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.