تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن شىنجاڭنىڭ تەشكىلات خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى رەھبەرلىك بەنزىسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى

كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن شىنجاڭنىڭ تەشكىلات خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى رەھبەرلىك بەنزىسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، يىغىن باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقتى، رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى بىر ـ بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، سەمىمىيلىك بىلەن ئىدىيە ئالماشتۇرۇپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەنقىد ۋە ئۆز ـ ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى كەسكىن، ئەستايىدىل قانات يايدۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ جۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە 11 ـ سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

جاڭ جۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بۆلۈم رەھبەرلىك بەنزىسى ئىرادىدىن قايتماي پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتە ئۈلگە بولۇپ، ئۇنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ھەرىكەتتە نامايان قىلىپ، ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمدە نامايان قىلىپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ تەشكىلات خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك. ئىرادىدىن قايتماي نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىش، غايە ـ ئېتىقادنى چىڭ ساقلاشتا ئۈلگە بولۇشى كېرەك. ئىرادىدىن قايتماي خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇشتا ئۈلگە بولۇشى كېرەك. ئىرادىدىن قايتماي يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تولۇق، دەل جايىدا بولۇش، قانۇن بويىچە، ئىلمىي، دەل بولۇشتا ئۈلگە بولۇشى كېرەك. ئىرادىدىن قايتماي ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، قەتئىي ھالدا ئۆزىنى تەربىيەلەش، تەلەپچان بولۇشتا ئۈلگە بولۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دەۋر بۇرچىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.