تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى

− 2022 ـ يىل 1 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 ـ يىغىنىغا بېرىلدى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن

1 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5 ـ يىغىنىغا سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەرمەكتە. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ھۆرمەتلىك ئەزالار:

مەن سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى سورايمەن.

1. 2021 ـ يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر

2021 ـ يىلى پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىز تارىخىدىكى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، نىشاننى بەلگىلەپ يول باشلاپ، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋە ئەسىرلىك يۇقۇمغا تەمكىن تاقابىل تۇرۇپ، تارىختا چاقناپ تۇرىدىغان چوڭ ئىش، مۇھىم ئىش، خۇشاللىق ئىشلارنى ئارقا ـ ئارقىدىن ۋۇجۇدقا چىقاردى، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى قىيىنچىلىق، خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىسلارنى ئارقا ـ ئارقىدىن يېڭىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇردى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنىڭ نەتىجىسىدىن بارلىق خەلق بەھرىلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ قايتا گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۆچمەس ئابىدە تىكلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشنىڭ يېڭى مۇساپىسى باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دىققەتنى شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى پائال تۈردە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، خىزمەت سۈپەت ـ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مەركىزىي ۋەزىپە ۋە ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، يېڭى قىياپەتنى نامايان قىلىپ، «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ ياخشى باشلىنىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

(1) ئىدىيەۋى ـ سىياسىي قۇرۇلۇشنى يېتەكچى قىلىپ، ئورتاق ئىدىيەۋى ـ سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملىدۇق.

پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنىڭ مېڭە، قەلبتىن ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولدۇق. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ئىگىلەشنىڭ ئومۇمىي پىروگراممىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زۆرۈر ئوقۇشلۇق قىلىپ، پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى يېتەكچى قىلىنغان ئۆگىنىش تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى دائىملىق ئۆگىنىش مېخانىزمىدا چىڭ تۇردۇق، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش بويىچە 8 ئۆگىنىش ـ سۆھبەت گۇرۇپپىسى قۇردۇق، 21 قېتىم پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىشىنى ئېلىپ باردۇق، 15 قېتىم پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنى، 16 قېتىم رەئىسلەر يىغىنى، 6 قېتىم دائىمىي كومىتېت يىغىنى، 53 قېتىم ئۆگىنىش ـ سۆھبەت گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزلىرى، مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى سىستېمىلىق ئۆگەندۇق، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلگىرىكى ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندۇق، مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنى، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق مۇھىم يىغىنلارنىڭ روھىنى مەخسۇس ئۆگىنىپ، قەتئىي بوشاشماي يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن مېڭىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچ ئېڭىنى چىڭىتىپ، پارتىيە ـ گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى سىياسىي جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىش ۋە ھېسسىيات جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلىدۇق. «6 ـ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە يۈزلەندۈرۈش» ۋە ئەزالار كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردۇق، «شىنجاڭ سىياسىي كېڭىشى . شەبنەم مۇنبىرى»دە 22 مەيدان قېتىم مەخسۇس لېكسىيە ئۇيۇشتۇردۇق، سىياسىې كېڭەشنىڭ تور، گېزىت، ژۇرنىلىدا «بىردەكلىكنى ساقلاش ئۆگىنىش مۇنبىرى»، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق ھەققىدە ئايلىق سۆھبەت»، «نەزەرىيە تەتقىقاتى قىلىپ ئۇلنى پۇختىلاش» قاتارلىق سەھىپىلەرنى ئاچتۇق، ئەزالار ۋەزىپە ئادا قىلىش سۇپىسىدا باش تېما بويىچە كىتاب ئوقۇش توپىنى بارلىققا كەلتۈردۇق، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى، ئەزالارنىڭ ئۆز ـ ئۆزىنى تەربىيەلىشى، كېڭىشىپ ئالماشتۇرۇشى ۋە ساھە ئاممىسىنىڭ بىر ـ بىرىگە تۈرتكە بولۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق، «كىتاب ھىدىغا تولغان سىياسىي كېڭەش» ئارقىلىق «كىتاب ھىدىغا تولغان جەمئىيەت» قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدۇق.

پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى جانلىق، تەسىرلىك ئېلىپ باردۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل» مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «100 يىللىق كۈرەش يولى . كۈچنى يېڭى مۇساپىگە مۇجەسسەملەش» پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھۆسنخەت، رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزدۇق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى مەدھىيەلەش باش تېما قىلىنغان «ئەسىر نۇرى» ماقالىلەر توپلىمىنى نەشر قىلدۇق، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىدا «پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق، 10 مىڭدىن ئارتۇق سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ۋە ئورگان كادىرى بۇ پائالىيەتكە بەس ـ بەس بىلەن قاتناشتى، ئىشلىگەن ۋىدىيو 40 نەچچە تاراتقۇدا كۆرسىتىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان چەكسىز ھۆرمىتىمىز ۋە مۇھەببىتىمىزنى بىلدۈردۇق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى شەرەپلىك مۇساپە كۆرگەزمىسىنى ئۇيۇشتۇردۇق، «جۇڭگو سىياسىي كېڭىشى» ژۇرنىلىدا يۈرۈشلۈك ماقالە ئېلان قىلدۇق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە تيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا بولغان ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى جانلىق نامايان قىلدۇق؛ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى تەكلىپلەر ئىچىدىن تۇنجى قېتىم تەسىر كۈچى بار 100 مۇھىم تەكلىپنى باھالاپ چىقىپ تەقدىرلىدۇق، تۇنجى قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ 20 ئەزاسىغا ۋەزىپىنى مۇنەۋۋەر ئادا قىلغۇچى مۇكاپاتىنى تارقىتىپ، ئەزالارنىڭ «دۆلەت ئۈچۈن ۋەزىپە ئىجرا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش» ھېسسىياتىنى كۈچەيتتۇق؛ ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالىرىنى جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شىمالىي شىنجاڭدا كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارغا تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، روھىي ھالىتىنى يۈكسەلدۈرۈپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىش ئىشەنچىنى ئاشۇردۇق.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى ۋە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزلىرى، مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش تەلىپى بويىچە، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەش خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردۇق، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى شانلىق مۇساپىسى ۋە تەجرىبىلىرىدىن ئىلھام» قاتارلىق 6 مەيدان مەخسۇس لېكسىيەنى ئۇيۇشتۇردۇق، خاتىرە مەيدان ـ سارايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىدۇق، «ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، تېخىمۇ زور شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈش» باش تېما پائالىيىتى ۋە «ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قەلب ـ كۈچنى مۇجەسسەملەپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئەتراپلىق ئىگىلەپ ئىدىيەنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ۋەزىپە ئادا قىلىپ ئەمەلىي ئىش قىلىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا ئىجابىي نەتىجە ـ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدۇق. سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىدىيەدە، يۆنىلىشتە بىردەك بولۇشتەك سىياسىي ئەۋزەللىكىنى ۋە قەلب ـ كۈچنى مۇجەسسەملەشتەك ئىتتىپاقلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇردۇق، پارتىيە ـ گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلارنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەردىن، پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، يۈزبەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەردىن، شىنجاڭ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەردىن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن قابىللىقى، ماركسىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن ئەسقاتىدىغانلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن ياخشىلىقى»نىڭ چوڭقۇر مەزمۇنىغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت سىياسىي ئەۋزەللىككە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىگە بولغان تەسىراتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىشەنچىنى چىڭىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلدۇق.

(2) يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇردۇق.

دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلدۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزلىرى، مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى دۈچ كېلىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئۇللۇق خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىشلەپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيلى» قاتارلىق تەتقىقات تېمىلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق، دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش، مىللەتلەر ئارىلىشىپ ياشايدىغان ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەھەللە مۇھىتىنى بەرپا قىلىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ چارە ـ تەدبىر كۆرسەتتۇق، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىدۇق؛ «ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسىنى كۈچەيتىش» مەخسۇس كېڭىشىشىنى چۆرىدەپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ھەمكارلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەكلىپ ـ پىكىرلەرنى بەردۇق. «دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش»، «كەنتتە تۇرۇپ مەسچىت باشقۇرۇش خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش»نى مۇھاكىمە تېمىسى قىلىپ ئايلىق كېڭىشىش ۋە ساھە كېڭىشىشىنى قانات يايدۇردۇق. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادۋوكاتلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مەھەللە باشقۇرۇش تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە قانۇنچىللىق تەشۋىق ـ تەربىيەسىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، پائال چارە ـ تەدبىر كۆرسەتتۇق. «ئىدېئولوگىيە ساھەسى خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۈچ چىقىرىش»نى چۆرىدەپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، 5 جەھەتتە كېڭىشىش نەتىجىسىنى ھاسىل قىلدۇق، «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۈچ چىقىرىش» ھەققىدە قارار چىقاردۇق. ئامېرىكا، غەرب ئەللىرىنىڭ شىنجاڭ پاختىسىغا قارا چاپلىشى، شىنجاڭنىڭ يورۇقلۇق ۋولت كارخانىلىرىنى يولسىز جازالىشى، ئاتالمىش «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالىشى قاتارلىقلارغا قارىتا، ۋاقتىدا كەسكىن بايانات ئېلان قىلىپ، خاتا قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدۇق، ئەزالارنى رەددىيە بېرىش ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىش، تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش، ۋىدىيو ئىشلەش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىق سۆزلەش، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشكە تەشكىللەپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىدۇق.

دىققەتنى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ چارە ـ تەدبىر كۆرسەتتۈق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلقنى مەركەز قىلىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مول كېڭىشىش ۋاسىتىلىرى ۋە مۇكەممەل خىزمەت مېخانىزمىغا تايىنىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇشى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مەدەنىيەت كەسپى بىلەن ساياھەت كەسپىنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش قاتارلىقلار ئۈستىدە كېڭىشىپ تەكلىپ ـ پىكىرلەرنى بەردۇق. غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بىرلەشمە يىغىنىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۈستىمىزگە ئېلىپ، بەش ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش بويىچە ھەمكارلىشىش ـ ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلدۇق، جۇڭگو _ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئەقلىي ساياھەت رايونلىرى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى يېڭى قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىش قاتارلىق كېڭىشىش نەتىجىلىرى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكلىپى قىلىندى. شىنجاڭنىڭ ئات كەسپى، ئالاھىدە يېمەكلىك كەسپى، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كەسپى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولدۇق، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىلەن بىرلىشىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشىمىز مۇناسىۋەتلىك يىرىك پىلانلاردا ئەكس ئەتتۈرۈلدى. دېموكراتىك نازارەتچىلىك خىزمىتى پىلانىنى تۈزۈپ چىقتۇق، ئاپتونوم رايوننىڭ «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى چۆرىدەپ، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش قاتارلىق 14 نۇقتىلىق نازارەت قىلىش تېمىسىنى بەلگىلەپ، كېڭىشىش شەكلىدىكى نازارەتچىلىكنى چوڭقۇر قانات يايدۇردۇق. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىش، ئىچىملىك سۇ مەنبەسى مۇھىتىنى تۈزەش، ئېبنۇر كۆلى ۋادىسى ئېكولوگىيەسى ۋە مۇھىتىنى قوغداش، يېزا «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» ۋە «ئورمانغا ئەھمىيەت بېرىش» قاتارلىق پائالىيەتلەر توغرىسىدا داۋاملىق تەكلىپ ـ پىكىر بېرىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشتۇق.

دىققەتنى خەلقنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ ئەمەلىي تەدبىر كۆرسەتتۇق. خەلق سىياسىي كېڭىشى خەلقنى كۆزلەش دەسلەپكى مەقسىتىدە باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇشنى مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، «كەسىپ تەرەققىياتىنى تۈۋرۈك قىلىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش»نى زىچ چۆرىدەپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلدۇق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش بىلەن يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشتا ئەمەلىي تەدبىر كۆرسەتتۇق، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىدۇق، يېزا ـ كەنت كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش، يېزا ئىگىلىك تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق 30 نەچچە تەكلىپنى بەردۇق. خەلق ئۈچۈن ۋەزىپە ئادا قىلىشتا چىڭ تۇردۇق، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنى چوڭقۇر يۇغۇرۇش، ساغلاملىق ـ كۈتۈنۈش كەسپى تەرەققىياتى، ئاممىۋى ساغلاملىق قوشۇنى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار توغرىسىدا خىزمەتلەرنى مەخسۇس كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، داۋالىنىش، ساغلاملىق قاتارلىق ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ھەل بولۇشىغا تۈرتكە بولدۇق. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئۈچۈن ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلدى. كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى تۈپ ئاساس قىلىپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»، «ئۈچ كىرىش، ئىككى ئالاقىلىشىش، بىر دوستلىشىش» ۋە «سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلىنىش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى چوڭقۇر قانات يايدۇردۇق، ئاپتونوم رايون بويىچە 15 مىڭدىن ئارتۇق ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ۋە ئورگان كادىرى 1100دىن ئارتۇق كەنت (مەھەللە)كە چوڭقۇر چۆكۈپ، 40 نەچچە مىڭ ئائىلىلىك ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى، 3200دىن ئارتۇق سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ۋە سىياسىي كېڭەش ئورگان كادىرى كەنتتە تۇرۇپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى، ئاممىنى 1 مىليون 124 مىڭ ئادەم قېتىم زىيارەت قىلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بويىچە 28 مىڭدىن ئارتۇق تۈرنى، 580 مىليون يۈەن مەبلەغنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش ۋە يۇغۇرۇلۇش داۋامىدا كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتۈردى.

ئىتتىپاقلىق ۋە بىرلەشمە دوستلۇقنى كۈچەيتىش داۋامىدا قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىدۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي كېڭىشى بىرلىك سەپ تەشكىلاتىنىڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، بىرلەشمە دوستلۇقنى قانات يايدۇرۇش فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك، دېگەن مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت زاتلىرى، دىن ساھەسىدىكى زاتلار، پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلار، يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ـ گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە پارتىيەسىز، گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ سىياسىي كېڭەشتە ۋەزىپە ئادا قىلىشىنى مېخانىزملىق ئورۇنلاشتۇردۇق، دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرى، سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسنى قەرەللىك ئالاقىلىشىپ زىيارەت قىلدۇق. دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار زاتلىرىنىڭ پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنىنى ئاچتۇق، 3 ـ سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىنى ئۆتكۈزدۇق، ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا، شىنجاڭ ئەقلىي يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئۇرۇقچىلىق ئىسلاھاتىنى ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىش قاتارلىقلار ھەققىدىكى تەكلىپلەر توغرىسىدا گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى، دېموكراتىيە ئىتتىپاقى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتى بىلەن كېڭىشىش ئېلىپ باردۇق، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك تەرەققىياتى، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلار ئۈستىدە دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى، دېھقان ـ ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتى بىلەن بىرلىشىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدۇق. پارتىيە ـ گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە پائال قاتنىشىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، ئۈرۈمچى مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكى قۇرۇلۇشى، دۇنياۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى زىچ چۆرىدەپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، 164 پارچە تەكلىپ تاپشۇردى، چوڭ يىغىندا 21 ئادەم قېتىم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ چياۋمىنلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى چۆرىدەپ نىشانلىق كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، چەت ئەلدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ئىختىساسلىقلار ئامبىرىنى قۇرۇش، چەت ئەل چياۋمىنلار خىزمىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلارنى مۇھاكىمە قىلىپ تەكلىپ ـ پىكىرلەرنى بەردۇق؛ شىنجاڭلىق چياۋمىن قېرىنداشلار، شىنجاڭدىن چىقىپ چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى سىنلىق ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتۇق، بېيجىڭ داشۆ قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردىكى چەت ئەللىك ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنى شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلدۇق، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدىغان چەت ئەلدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش، بەش چوڭ قىتئەدىكى 19 دۆلەتتىكى چياۋمىن قېرىنداشلار سىنلىق ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى ياخشى ئۇيۇشتۇرۇپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ئوبدان سۆزلەپ، گۈزەل شىنجاڭنى تونۇشتۇرۇپ، چەت ئەلدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا شىنجاڭنىڭ ياخشى جاي ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردۇق.

(3) تۈزۈم ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدۇق.

مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى خىزمىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشى، تېخىمۇ قېلىپلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك، دېگەن مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈم بەلگىلىمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى ساھە بىلەن ئالاقىلىشىش، پارتىيەلىك ئەزالار پارتىيە سىرتىدىكى ئەزالار بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە ئىدىيەۋى ـ سىياسىي يېتەكچىلىك ئىتتىپاقلىق، دېموكراتىيەگە سىڭدۈرۈلگەن سۆھبەتلىشىش، سۆزلىشىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈردۇق، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئومۇمىي يىغىنى مەزگىلىدە ۋە مۇھىم كېڭىشىش پائالىيەتلىرىدە ۋاقىتلىق پارتىيە تەشكىلاتى قۇردۇق، مۇھىم، زور تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيەتلىرىدە پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى نازارەتچىسى تەسىس قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن سىياسىي كېڭەشنىڭ ۋەزىپە ئادا قىلىشىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدۇق. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردە خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكرى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەت قائىدىسىنى تۈزۈپ، كېڭىشىش شەكلى، مۇزاكىرە پىرىنسىپى، تەرتىپ ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى بېكىتىپ، كېڭىشىش خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىشىش، قېلىپلىشىش، تۈزۈملىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردۇق. ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا پىكىرنى بېكىتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنىڭ سۇپا ۋاسىتىسى، خىزمەت مېخانىزمى، نىشان ئوبيېكتى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىن پارتىيە سىرتىغىچە، دائىمىي كومىتېت ئەزاسىدىن ئەزاغىچە، ئەزادىن ساھە ئاممىسىغىچە بولغان ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش خىزمىتى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدۇق. كۆپ قاتلام بويىچە ئەزالار بىلەن ئالاقىلىشىش، ئەزالارغا مۇلازىمەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق، ھەر دەرىجىلىك ئەزالارنى تۈرگە ئايرىپ ئومۇمىي يىغىن، مەخسۇس كېڭىشىش خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى، ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتۇردۇق ھەمدە بۇنى تۈزۈمگە ئايلاندۇردۇق، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ تۈزۈم ئۈنۈمىنى ھەقىقىي تۈردە ئاشۇردۇق.

دائىملىق خىزمەتلەرنى يېڭىلىق يارىتىپ ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىرى نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى باش بولۇپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى تاللاش ۋە نازارەت قىلىپ بېجىرىش چارىسىنى تۈزىتىپ، تەكلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى تەپسىلىي پىرىنسىپىنى چىقىرىپ، تەكلىپنى «تۆتنى تەكشۈرۈش» ئاساسىدا ئەنگە ئېلىپ كېڭىشىش تۈزۈمىنى چىڭىتتۇق، ئەنگە ئېلىنغان 721 پارچە تەكلىپ بىلەن 8 نۇقتىلىق تەكلىپنىڭ ھەممىسىنى بېجىرىپ بولدۇق، تەكلىپ بېجىرىشنىڭ پۈتۈن جەريانىدا قەغەزسىزلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ بىرلىك سەپلىك ۋە «ئۈچ ئۆز»لۈك خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «شىنجاڭ تارىخىي ماتېرىياللىرىدىن تاللانما»نى چىقاردۇق، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشكە «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى خاتىرىسى» قاتارلىق تارىخىي ماتېرىياللارنى يوللىدۇق، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشلەر يوللىغان ماتېرىياللار ئىچىدە ئىشلەتكەن ماتېرىياللار ئەڭ كۆپ بولدى. مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشىش يىغىنىنى تەسىس قىلدۇق، مۇتەخەسسىس، ئەزالارنى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە مۇزېي قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە كۆزلەنمە تەتقىقات ۋە چوڭقۇر كېڭىشىش ئېلىپ بېرىشقا ئۇيۇشتۇرۇپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇردۇق. جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئىنكاس قىلىش ئۇچۇر يوللىرىنى كېڭەيتتۇق، تاپشۇرۇۋېلىنغان 389 پارچە چوڭ يىغىندا قىلىنىدىغان سۆزدىن 165 پارچە ئەزا تەكلىپى ھاسىل قىلدۇق. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشىلاپ، يىغىن تەشكىللەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كېڭىشىشتىن ئاۋۋالقى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كېڭىشىش داۋامىدىكى ھەمتۈرتكىلىك ئالماشتۇرۇشنى، كېڭىشىشتىن كېيىنكى نەتىجىنى ئايلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش خىزمىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولدۇق.

«ئىككى قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتتۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىرنى مۇھاكىمە قىلىپ بېكىتىپ، ئەزالارنى ۋەزىپە ئادا قىلىش بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەزالارنىڭ «يىللىق تاپشۇرۇق»نى ئوبدان ئىشلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مەسئۇلىيەتچان ئەزا قىياپىتىنى تولۇق نامايان قىلدۇق، ئەزا ۋېي دېيوۋ شەرەپ بىلەن «1 ـ ئىيۇل مېدالى»غا ئېرىشتى، ئەزا چيەن جىننەي شەرەپلىك ھالدا مەملىكەت بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار شەخس دېگەن نامغا ئېرىشتى، ئەزا ۋاڭ شيەنلى شەرەپلىك ھالدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئىلغار شەخس بولۇپ باھالاندى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ 14 ئەزاسى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىلغار شەخس دېگەن نامغا ئېرىشتى؛ ئىنتىزام ئارقىلىق چەكلەشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسى بويىچە 6 ئادەمنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلىدۇق. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ سىياسىي كېڭەش ئورگىنى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدۇق، سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى كادىرلارغا بولغان تەربىيە، تەلەپ، باشقۇرۇش ۋە نازارەتچىلىكنى چىڭىتىپ، قەتئىي بوشاشماي ئىستىلنى توغرىلىدۇق ۋە ئىنتىزامنى چىڭىتتۇق. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئورگان پارتىيە گۇرۇپپىسىنى كۆزىتىشىنى قوللىدۇق. سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ـ رېۋىزىيە گۇرۇپپىسىنىڭ نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى قوللىدۇق.

سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىنىڭ ھەمتۈرتكىلىك ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تەجرىبە ـ ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەردىكى سىياسىي كېڭەشلەر بىلەن بولغان ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قار ـ مۇز ساياھىتىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىقلار ئۈستىدە ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدۇق، بىرلەشمە تەكلىپىمىزنى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش نۇقتىلىق تەكلىپ قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇق، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇردۇق، مەملىكەتلىك 13 ـ نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 4 ـ يىغىنى مەزگىلىدە، ئەزالار 136 پارچە تەكلىپ تاپشۇردى، 67 قېتىم سۆز قىلدى، غەربكە ئېچىۋېتىلگەن خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چوڭ ئۆتىڭىنى راۋانلاشتۇرۇش، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى گۇرۇپپىلاش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى قوللاش ھەققىدە بەرگەن تەكلىپلەرنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىك، كومىتېتلىرى ئاكتىپ قوبۇل قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرىنى چىڭيۈ رايونىنىڭ قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشى، مەھەللىنى تۈزەش، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە تارىم دەرياسى ۋادىسى ئېكولوگىيەسى ۋە مۇھىتىنى قوغداش قاتارلىقلار توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللىدۇق. ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيەلىك، شەھەرلىك، رايونلۇق، سىياسىي كېڭەشلەر، بىڭتۇەنگە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشكە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتتۇق، ئاپتونوم رايون بويىچە سىياسىي كېڭەش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، تەجرىبىلەرنى ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىپ، ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئومۇمىي بىرىكمە كۈچىنى ھاسىل قىلدۇق.

ھۆرمەتلىك ئەزالار، جاپا ـ مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ باسقان ئۆتكەن بىر يىللىق ئاجايىپ مۇساپىمىزگە نەزەر سالغىنىمىزدا، شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، مۇھىم، زور تارىخىي پەيتتە، مۇھىم، زور سىناق ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رولنى ياخشى تۇتقانلىقى ۋە ئۆتكەلنى ئىگىلەپ يۆنىلىشنى بەلگىلىگەنلىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلغانلىقى ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلاننى تۈزگەنلىكى بىزنىڭ بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ ـ خەتەرلەر ئۈستىدىن غالىب كېلىشىمىزنىڭ، غەلىبىدىن غەلىبىگە يۈرۈش قىلىشىمىزنىڭ تۈپ كاپالىتى، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق ئەھۋالدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا توغرىلىنىپ، قەتئىي نىيەت بىلەن پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز، مىڭ ئۆلسەكمۇ ئىرادىمىزدىن يانماي «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغدىشىمىز، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىشىمىز كېرەك؛ شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىدىكى مەركەزلىك نامايەندىسى، بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزدىكى تۇتقا ۋە روھ، ھەرقانداق چاغدا، ھەرقانداق ئەھۋالدا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ باشتىن ـ ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا سىلجىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك؛ شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىغا خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ خاراكتېرى ۋە خىزمەت ۋەزىپىسى ئۇنىۋېرسال يۈكلەنگەن، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتىدىكى ئورنى ۋە رولى ئېنىق بەلگىلەندى، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا، پارتىيەنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، كېڭىشىشنى ئاساسلىق خىزمەت قىلىپ، كېڭىشىش سۇپىسى يارىتىشنى ئاساسىي خىزمەت ئۇسۇلى قىلىپ، تەڭ كۈچ چىقىرىشنى خىزمەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى قىلىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەلىپىنى سىياسىي كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش خىزمەتلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

ھۆرمەتلىك ئەزالار، ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلەردە قولغا كەلگەن نەتىجىلەر تۈپ نېگىزدىن ئېيىتقاندا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە قولغا كەلدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ كۈچلۈك يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىك قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ئۇنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر، ئاپتونوم رايوندىكى تارماقلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىدىن، پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ قىزغىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئاكتىپ قاتناشقانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ، ئۇنىڭغا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ تەركىبىدىكى ئورۇنلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالىرىنىڭ يۈرەك قېنى، ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە ئەجرى مۇجەسسەملەنگەن، بۇ يەردە، مەن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!

نەتىجىلەرنى كۆرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىزمەتتىكى يېتەرسىزلىكلەرنىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، كېڭىشىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە، كېڭىشىش شەكلىدىكى دېموكراتىيە ئۇسۇلىدا يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىشقا توغرا كېلىدۇ ۋە باشقىلار. بۇ مەسىلىلەرنى بىز يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ئەستايىدىل ھەل قىلىمىز.

2. 2022 ـ يىللىق ئاساسلىق ۋەزىپىلەر

بۇ يىل، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 ـ قۇرۇلتىيىنى چاقىرىدۇ. بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. بىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزلىرى، مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلگىرىكى ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنى، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمىتى باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەڭ كۈچەش ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىگە قويغان تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي تۈردە زىممىمىزگە ئېلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېڭى كەيپىيات ۋە يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىمىز.

(1) سىياسىي قۇرۇلۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش جەھەتتە تېخىمۇ زور يۈكسىلىشنى قولغا كەلتۈرىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش ئەمەلىي ھەرىكىتىدە نامايان قىلىپ، باشتىن ـ ئاخىر سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمىز. ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ 20 ـ قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىش تۈزۈم ـ مېخانىزمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەزالار كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە بولغان ئۆگىنىش، چۈشەنچىنى يەنە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە ئۆستۈرۈپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقى ۋە ئەمەلىيەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز؛ ئاممىنى تەشكىللەش كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سىياسىي كېڭەش پارتىيە تەشكىلى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشتە پارتىيە تەشكىلى ۋە پارتىيە خىزمىتىنىڭ شەكىللىك قاپلاشتىن ئۈنۈملۈك قاپلاشقا بۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ يېتىلدۈرىمىز؛ جەمئىيەت چاقىرىق كۈچىنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ، بىرلىك سەپنىڭ تەشكىللەش سۇپىسى، كېڭىشىش سۇپىسى، خىزمەت سۇپىسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەۋپ ـ خەتىرى بار نازۇك نۇقتىلاردا ئىدىيەۋى ـ سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشنى دائىملىق ئىدىيەۋى ـ سىياسىي خىزمەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ـ گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ ئىدىيە جەھەتتىن ئورتاق ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىمىز.

(2) قەلبنى، كۈچنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىشتا رولىمىزنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، «ھەق ـ تەلەپ قانۇن دەستۇرى» قاتارلىق قانۇن، نىزاملارنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ۋە قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇشتىكى نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ چوڭقۇر كېڭىشىپ، ئەمەلىيەتچىل نازارەتچىلىك قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ھەر ساھەدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ قانۇنچىل تەپەككۇر ۋە قانۇنچىل ئۇسۇل بىلەن مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشى، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىمىز. «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش»نى چۆرىدەپ مەخسۇس كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، كەسىپلەشكەن تەدبىر ـ تەكلىپلەر ئارقىلىق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ مىللەتلەر ئارىلىشىپ ئولتۇرىدىغان ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەھەللە مۇھىتىنى تېز بەرپا قىلىشىغا ياردەملىشىپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىشنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى پۇختىلاپ، مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمىز. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە فاڭجېن ـ سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، يېتەكلەش ئىقتىدارى، جۇڭگوچىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرىمىز. «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاممىنى توغرا دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزىمىز. كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئامېرىكا، غەرب ئەللىرىنىڭ سەپسەتىلىرىگە قارشى ئاممىۋى پىكىر كۈرىشىنى ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە قىلىپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالىرىنى ئۆز كەسپىي بىلىملىرى ۋە تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكا، غەرب ئەللىرىدىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ تۆھمەت ـ سەپسەتىلىرىگە پاكىت ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق قايتۇرما زەربە بېرىپ، ھەقىقىي، جانلىق، گۈزەل شىنجاڭنى جانلىق نامايان قىلىشقا يېتەكلەيمىز.

(3) كېڭىشىش ئەمەلىيىتىنى بېيىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى زىچ چۆرىدەپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ئىش قىلىمىز. شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن تەپسىلىي كۆزىتىش ۋە پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنىڭ مول مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىمىز، مۇتەخەسسىس، ئەزالارنى ئاپتونوم رايوننىڭ «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، پائال تۈردە چارە ـ تەدبىر كۆرسىتىشكە تەشكىللەيمىز؛ غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش بويىچە ھەمكارلىشىش ـ ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى»نى چۆرىدەپ ھەمتۈرتكىلىك كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، «بىر پورت»، «ئىككى رايون» ۋە تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش ـ ئېچىۋېتىش سىناق رايونى، پورت ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا ھەمكارلىشىپ تۈرتكە بولۇپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىدىكى رايونلارنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بار كۈچنى مۇجەسسەملەپ بەرپا قىلىمىز؛ مەخسۇس كېڭىشىش، ئايلىق كېڭىشىش، نىشانلىق كېڭىشىش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، شىنجاڭدىكى نېفىت، گاز، كۆمۈر بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇش، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلارنى زىچ چۆرىدەپ ھەقىقىي ياخشى چارە ـ تەدبىرلەرنى كۆرسىتىپ، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى ياردەملىشىپ بەرپا قىلىمىز؛ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرىنى قانۇن بويىچە دەل جايىدا ئىلمىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ كېڭىشىش شەكلىدىكى نازارەتچىلىكنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولىمىز. ۋەزىپە ئادا قىلىش سۇپىلىرىدىن بىرتۇتاش ئوبدان پايدىلىنىپ، خەلقنى بېيىتىش، شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، بېيىتىش، يېزا ـ بازارلارنى گۈللەندۈرۈشكە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش، يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش، يېزا 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ چارە ـ تەدبىر كۆرسىتىمىز. خەلق ئۈچۈن ۋەزىپە ئادا قىلىش خىزمىتى يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئەمىن ئۆي، داۋالىنىش قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى ئىنكاس قىلىپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتكە ياردەملىشىپ خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى ۋە «ئاچقۇچلۇق كىچىك ئىشلار»نى ئوبدان قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرىمىز، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ سىجىللىققا ئىگە قىلىمىز، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرىمىز.

3. دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەممە بىر نىيەتتە پارتىيەگە ئەگىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ بىر نىيەتتە يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش − دەۋر شۇنداقلا خەلق سىياسىي كېڭىشى تۈزۈمى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر، سىياسىي كېڭەش تەركىبىدىكى ئورۇنلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا يۈكلىگەن تارىخىي مەسئۇلىيەت ۋە مۇقەددەس بۇرچ. بىز سىياسىي يۈكسەكلىكنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، «ئىككى ئومۇملۇق»نى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزلىرى، مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «مۇھىم بازىلىق، مۇھىم سۇپىلىق، مۇھىم يوللۇق» رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئىشقا سېلىشقا بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى ئىشقا سېلىپ، ھەربىر قەدەمنى پۇختا بېسىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭغا پىلانلاپ بەرگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز.

(1) پارتىيە رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت تۈپ سىياسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى مەھكەم ئىگىلەيمىز. پارتىيەنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇش خەلق سىياسىي كېڭىشى چوقۇم چىڭ تۇرىدىغان تۈپ سىياسىي پىرىنسىپ ۋە مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى نەزەرىيە بىلەن قوراللاندۇرۇش، ۋەزىپە ئادا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، تۈزۈمنى يۈرگۈزۈش، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، سىياسىىي كېڭەش ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدىكى ھەرقايسى ھالقىلاردا گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ئارقىلىق توغرا سىياسىي يۆنىلىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىدىن ئىبارەت پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان بۇ مۇھىم ئۇسۇلنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرىمىز، سىياسىي كېڭەش كېڭىشىش تۈزۈمى ئەمەلىيىتى ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزلىرى، مۇھىم يوليورۇقلىرىنى سىياسىي كېڭەشتىكى پارتىيە ـ گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلارنىڭ كەڭ ئورتاق تونۇشى ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرىمىز. مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى تۈزۈم ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىرى باش بولۇپ نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كېڭىشىپ ئورتاقلىق ھاسىل قىلىش، كېڭىشىپ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش داۋامىدا قەلبنى ئۈنۈملۈك مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش داۋامىدا كۈچنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت ـ فاڭجېنلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلەپلىرىنىڭ سىىياسىي كېڭەش سىستېمىىسدا دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىمىز.

(2) ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، ئىشەنچنى ئاشۇرىمىز، قەلبنى مۇجەسسەملەيمىز، ئورتاق تونۇشنى كۈچەيتىمىز. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچ ـ قۇۋۋىتىنى مۇجەسسەملەپ، بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىدىغان غايەت زور بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. سىياسىي كېڭەشنىڭ بىرلىك سەپ تەشكىلاتىلىق فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشنى ۋەزىپە ئادا قىلىش خىزمىتىنىڭ مەركىزىي ھالقىسى قىلىپ، خىزمەتلەرنى يېتەكلىگۈچىسى، مۇھىم نۇقتىسى بولغان ھالدا كۆپ قاتلاملىق قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيە جەھەتتە ئورتاق ئىلگىرىلەش، ساھە ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەش ئاڭلىقلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، پارتىيە ئىچىدىن پارتىيە سىرتىغىچە، ئەزادىن ساھە ئاممىسىغىچە ياخشى ھەمتۈرتكە خىزمەت ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولىمىز. ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنى ۋەزىپە ئادا قىلىش پۈتۈن جەريانىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئۇنى چارە ـ تەدبىر كۆرسىتىش نەتىجىسى، ئىدىيە تەسىراتى بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ لايىھەلەپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشنى بىر ـ بىرىگە سىڭدۈرۈش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ چارە ـ تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش جەھەتتە تەڭ كۈچ چىقىرىشنىڭ تەرتىپ مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى تەدبىرلەرنى كەڭ دائىرىدە توپلايمىز، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەيمىز. بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت زاتلىرى، دىن ساھەسىدىكى زاتلار، پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلار، يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، شىنجاڭلىق خۇارېن، چياۋمىنلار ۋە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، بىرلەشمە دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، «گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش»نىڭ ئىجابىي كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز.

(3) مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، ئەزالارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز. سىياسىي كېڭەشكە ئەزا بولۇش شەرەپ، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ بىر تۈرلۈك مەسئۇلىيەت. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر، سىياسىي كېڭەش تەركىبىدىكى ئورۇنلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «دۆلەت ئۈچۈن ۋەزىپە ئىجرا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش» دېگەن تاپشۇرۇقىنى باشتىن ـ ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش» ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە ئاڭلىق ئاتلىنىشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى، مۇرەككەپلىكى، كەسكىنلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا سىياسىي مەيداندا مۈجمەل بولماسلىق، سىياسىي پىرىنسىپتىن تەۋرەنمەسلىكنى قەتئىي، كەسكىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھالقىلىق پەيتتە ئەسقاتىدىغان، ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان، ئوتتۇرىغا چىقىپ پوزىتسىيە بىلدۈرەلەيدىغان بولۇش كېرەك. ماھارەتنى ئۆستۈرۈپ مەسئۇلىيەتنى زىممىغا ئېلىشقا ماھىر بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ يېڭى مۇھىم سۆزلىرىنى ۋاقتىدا ئەگىشىپ ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلەپلىرىنى ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىستېما تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيە، ئىقتىدار، ھەرىكەتتە يېڭى دەۋرنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ، ۋەزىپە ئادا قىلىش ئەمەلىيىتىدە سىياسىي جەھەتتە ئىگىلەش ئىقتىدارى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىقتىدارى، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش ئىقتىدارى، ھەمكارلىشىپ بىللە ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي يېتەكچىلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ماھىر بولۇپ، كەسپىي پىكىرنى سىياسەت تۈرىگە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، ئاممىنىڭ دەۋا ـ تەلىپىنى ئىنكاس قىلىدىغان، خەلقنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى توپلايدىغان، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەيدىغان ياخشى كۆۋرۈك، تۈگۈن بولۇشقا ماھىر بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ راست گەپ قىلىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەشكە كۈچەش كېرەك. نەمۇنىلىك بىلەن باشلامچىلىق قىلىپ مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، توغرا نەتىجە قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار ۋە سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىگە ئاڭلىق ئەمەل قىلىپ، ئەخلاق پەزىلىتىنى تاۋلاپ، پاك ـ تەلەپچان بولۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ۋەتەن يولىدا جان پىدا قىلىش ئىرادىسى، ئەمەلىيەتچىل ئىستىلنى ۋەزىپە ئادا قىلىش ئىقتىدارى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەممىدە ئەمەلىيەتتىن چىقىش قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، قەلبنى، كۈچنى مۇجەسسەملەش، تەدبىر مەسلىھەتى بېرىش، كېڭىشىش دېموكراتىيەسى، دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە «ئەزالىق تاپشۇرۇقى»نى ياخشى ئىشلەپ، ۋەزىپە ئادا قىلىش دوكلاتىنى ئوبدان يېزىپ تاپشۇرۇپ، خەلق سىياسىي كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ ياخشى قاتناشقۇچىسى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى، تۈرتكىچىسى بولۇش كېرەك.

ھۆرمەتلىك ئەزالار، بىرلىكتە كەلگۈسىگە يۈزلىنەيلى، كۈرەشكە ئاتلىنايلى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئۆتمۈشتىكى ئازاب ـ ئوقۇبەت ۋە شانلىق نەتىجىلەرنى ئۇنتۇپ قالماي، ھازىرقى بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتكە مۇناسىپ ئىش قىلىپ، كەلگۈسى ئۇلۇغ ئارزۇنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، جاپا ـ مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى قۇرۇپ چىقىش يولىدا تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئەلا نەتىجىمىز بىلەن پارتىيەنىڭ 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالايلى!

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 ـ يىغىنى كاتىبات باشقارمىسى تەرجىمە گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.