تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش كېرەك

خې جۇڭيوۋ خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى بەنزىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا يېتەكچىلىك قىلدى

يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى بەنزىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا يېتەكچىلىك قىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلار چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەردە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىش، دەۋر بۇرچىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، خەلقچىل ھېسسىياتنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، خەلق ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىش باش تېما قىلىنىپ، ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش، پارتىيەۋىلىكنى تەھلىل قىلىش چوڭقۇر ئېلىپ بېرىلدى، تەنقىد ۋە ئۆز ـ ئۆزىنى تەنقىد قىلىش كەسكىن قانات يايدۇرۇلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە 10 ـ سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.

خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى بەنزىسى ھەم ھەرقايسى بەنزە ئەزالىرىنىڭ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، خې جۇڭيوۋ مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇ باھا بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى بەنزىسى يىغىن باش تېمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ يىغىن لايىھەسى تۈزۈپ، مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئېچىشقا تولۇق تەييارلىق قىلدى، بەنزە ئەزالىرى تەنقىد ۋە ئۆز ـ ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى كەسكىن، ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىگە يەتتى.

خې جۇڭيوۋ مۇنداق كۆرسەتتى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كاللىنى ھەقىقىي قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

خې جۇڭيوۋ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىپ، خەلقنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك. ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا تارىخ ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇرۇش كېرەك. تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، «كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىشلار»نى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.