تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كېرەك

لى يىفېي ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى بەنزىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا يېتەكچىلىك قىلدى

ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى يىفېي ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى بەنزىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا يېتەكچىلىك قىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلار چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەردە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىش، دەۋر بۇرچىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، خەلقچىل ھېسسىياتنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، خەلق ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىش باش تېما قىلىنىپ، ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئەستايىدىللىق بىلەن مەسىلىلەر تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىلىپ، سەمىمىيلىك بىلەن ئىدىيە ئالماشتۇرۇلۇپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەھلىل قىلىنىپ، تەنقىد ۋە ئۆز ـ ئۆزىنى تەنقىد قىلىش كەسكىن قانات يايدۇرۇلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە 8 ـ سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى بەنزىسى ۋە ھەرقايسى بەنزە ئەزالىرىنىڭ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، لى يىفېي مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ باھا بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى بەنزىسى يىغىننىڭ باش تېمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىشتا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، تەنقىدنى قانات يايدۇرۇشتا سەمىمىي، ئوچۇق ـ يورۇق بولۇپ، ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى كۈچلۈك قاراتمىلىققا ئىگە قىلىپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىگە يەتتى. يەنىمۇ ئىلگىرىلگەن ھالدا تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ «كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىشلىرى»نى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

لى يىفېي مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي ئىقتىدارنى قەتئىي بوشاشماي ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»نى قەلبكە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باشتىن ـ ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى قەتئىي بوشاشماي كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىجىل تۈردە چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك.

لى يىفېي مۇنداق تەلەپ قىلدى: پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەردىن ئۈزلۈكسىز ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى پۇختا، ياخشى قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش تەلىپىنى خىزمەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە، پۈتۈن جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، تىرىشىپ يېڭى مۇساپىدە يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.