ئەركىن تۇنىياز سانجى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا يېتەكچىلىك قىلدى
ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىش كېرەك
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا يېتەكچىلىك قىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلار چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەردە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىش، دەۋر بۇرچىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، خەلقچىل ھېسسىياتنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، خەلق ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىش باش تېما قىلىنىپ، ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەھلىل قىلىش چوڭقۇر ئېلىپ بېرىلدى، تەنقىد ۋە ئۆز ـ ئۆزىنى تەنقىد قىلىش كەسكىن قانات يايدۇرۇلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە 4 ـ سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.
سانجى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى ۋە ھەرقايسى بەنزە ئەزالىرىنىڭ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا يىغىندىن بۇرۇن ئەستايىدىل، تولۇق تەييارلىق قىلىنغان بولۇپ، ئۆز ـ ئۆزىنى تەھلىل قىلىش دەل جايىدا، ئۆزئارا تەنقىد قىلىش سەمىمىي بولدى، تۈزىتىش تەدبىرلىرى ئەمەلىي، قوللىنىشچان بولۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىگە يەتتى.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: سانجى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشكە بىرلەشتۈرۈپ، راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ئومۇميۈزلۈك، ئۈزۈل ـ كېسىل ياخشى تۇتۇپ، «كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىشلار»نى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىشى كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، باشتىن ـ ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش ۋە قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇستەھكەم ئېتىقادچىلىرى، قەتئىي قوغدىغۇچىلىرى، سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرىدىن بولۇش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق يېڭى نەتىجىسى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتى مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلىپ بېرىش كېرەك. ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، قانۇنچىللىق يولىدا جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، «ئۈرۈمچى ـ سانجى ـ شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قوزغىتىپ، سانجى ئوبلاستىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.