تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئورمان باشلىقى تۈزۈمى خىزمىتىنى باھالاش چارىسىنى ئېلان قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىز «ئاپتونوم رايوننىڭ ئورمان باشلىقى تۈزۈمى خىزمىتىنى باھالاش چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلغان، بۇنىڭدىن كېيىن، ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى باھالاش نەتىجىسى پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى ئۇنىۋېرسال باھالاش ۋە ئۇلارغا باھا بېرىشتىكى مۇھىم ئاساس قىلىنىدىكەن.

«چارە»دە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئورمان باشلىقى تۈزۈمى خىزمىتىنى باھالاش دائىرىسى، پىرىنسىپى، مەزمۇنى، ۋاقتى، يولغا قويۇش سۇبيېكتى، قەدەم ـ باسقۇچى، نەتىجىنى تەتبىقلاش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەپسىلىي بەلگىلىمە چىقىرىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى باھالاش خىزمىتى يىلدا بىر قېتىم قانات يايدۇرۇلىدۇ، 11 ـ ئايدا باشلىنىپ، 12 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تاماملىنىدۇ. باھالاش مەزمۇنى خىزمەت مېخانىزمىنى باھالاش ۋە خىزمەت نىشانىنى باھالاشتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. خىزمەت مېخانىزمىنى باھالاش تەشكىلىي سىستېما قۇرۇلۇشى، ئورمان چارلاشنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاساسلىقى ئورمان باشلىقىنى تەسىس قىلىش ھەمدە ئورمان چارلاش قاتارلىق ئەھۋاللار باھالىنىدۇ. خىزمەت نىشانىنى باھالاش ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنى قوغداش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش، باغ ـ ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاساسلىقى يىللىق ئورمان بىنا قىلىش، ئوت ـ چۆپ تېرىش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش، ئورمان پەرۋىش قىلىش، ئېتىز ـ ئېرىق ئىھاتە ئورمىنى، يېزا ـ كەنتلەرنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش، باغ ـ ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتى، زىيانداش جانلىقلاردىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى باھالىنىدۇ. باھالاش خىزمىتى ئۆز ـ ئۆزىنى تەكشۈرۈش، ئۆز ـ ئۆزىنى باھالاش، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك باھالاش، تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئىبارەت ئۈچ قەدەم ـ باسقۇچ بويىچە ئىشلىنىدۇ.

«چارە»دە مۇنداق بەلگىلەندى: باھالاش نەتىجىسى پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى ئۇنىۋېرسال باھالاش، باھا بېرىش ۋە تەبىئىي بايلىق، مۈلۈكلەرنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندا ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىنىدۇ. خىزمىتى گەۋدىلىك، نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلار ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ تەقدىرلىنىدۇ؛ خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كۈچلۈك بولمىغان، يىللىق باھالاشتا بىرقەدەر ناچار بولغانلارنى ئاپتونوم رايوننىڭ باش ئورمان باشلىقى ياكى مۇئاۋىن باش ئورمان باشلىقى كېلىشىپ قويۇپ سۆھبەتلىشىپ، مۇددەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، 2021 ـ يىلىنىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئورمان باشلىقى تۈزۈمى تەشكىلىي سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، يانداش تۈزۈم قۇرۇلۇشى، خىزمەت مېخانىزمى قۇرۇلۇشى، باھالاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت «تۆت ماس قەدەمدە مېڭىش»نى ئايدىڭلاشتۇرغان. «چارە»نىڭ ئېلان قىلىنىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئورمان باشلىقى تۈزۈمى بويىچە نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش خىزمىتى مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىپ، ھەر دەرىجىلىك يەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنىڭ «ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلىش»تىن «ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈم ھاسىل قىلىش»قا يۈكسىلىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.