تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۇنجى ئايدا قورغاس پورتىدىن ئۆتكەن جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى %30تىن كۆپرەك ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىگىچە، بۇ يىل قورغاس تۆمۈريول پورتىدىن ئۆتكەن جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 600دىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.9 كۆپەيگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ياۋروپا ـ ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئارىسىدىكى مۇھىم ماددىي ئەشيا توشۇش شەكلىگە ئايلاندى. جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى كەسپىدىمۇ يېڭى تەرەققىيات يۈزلىنىشى نامايان بولۇپ، بارغانسېرى كۆپ مال «ۋاگونلارنى بىرلەشتۈرۈپ توشۇش»تىن «مەخسۇس پويىزدا توشۇش»قا ئۆزگەردى، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يولغا چىقىدىغان نۆۋەتچى پويىز لىنىيەلىرىمۇ كەينى ـ كەينىدىن كۆپەيدى.

قورغاس تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2021 ـ يىلى قورغاس پورتىدىن 1536 نۆۋەتچى پويىز چېگرادىن كىرىپ قايتقان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %120 ئاشقان، ئاساسلىقى رۇسىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان يېمەكلىكلەر، گېرمانىيەنىڭ ماشىنا ـ ئۈسكۈنىلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ قېزىلما بايلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى، توقۇمىچىلىق خام ماتېرىياللىرى قاتارلىق 140 نەچچە خىل تاۋار قاچىلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇلتۇر شىنجاڭ بويىچە قورغاس پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن ـ چىققان يەرلىك نۆۋەتچى پويىز 897گە يېتىپ، تارىختىكى يېڭى سەۋىيە يارىتىلغان.

تاۋار قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن قارىغاندا، بۇلتۇر قورغاس پورتىدىن جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىغا قاچىلىنىپ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا ئېكسپورت قىلىنغان تاۋارلارنىڭ تۈرلىرى ئاساسلىقى ماشىنا ـ ئېلېكتىر مەھسۇلاتى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق مەھسۇلات قاتارلىقلار بولۇپ، سۇيۇق كىرىستاللىق ئېكران، ئۈستەل كومپيۇتېرى، ئېلېكتىرونلۇق دېتال، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى ھەم ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، قىزىل ھاراق، يېمەكلىك، گىرىم بۇيۇملىرى قاتارلىق تېرمىنال ئىستېمال بۇيۇملىرى ئېكسپورتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىرقەدەر تېز بولدى.

قورغاس تاموژنىسى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش 3 ـ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى لۈ ۋاڭشېڭ مۇنداق بىلدۈردى: نۆۋەتتە، تاموژنىمىز «ئۆلچەملىك رېلىسنى كەڭ رېلىسقا ئالماشتۇرۇش» بىلەن «تۆمۈريولدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش»تىن ئىبارەت ئىككى خىل يېڭى تىپتىكى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مەشغۇلات ئەندىزىسىنى پائال كېڭەيتىۋاتىدۇ، بۇ ئىككى خىل ئەندىزە تاموژنىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيەتلىرىنى ئۈنۈملۈك ئىخچاملاپ، تۆمۈريول مەيدان ـ ۋوگزاللىرىدا ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، چېگرادىن كىرگەن ـ چىققان نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ تاموژنىدا يۆتكەپ توشۇش ئۈنۈمى ۋە قولايلاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.