تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئومۇمىي تاماملىنىش نىسبىتى %95كە يەتتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 2021 ـ يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئومۇمىي تاماملىنىش نىسبىتى %95كە يېتىپ، چۈشۈرۈلگەن ۋەزىپە ـ نىشاندىن 25 پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، A دەرىجە بولۇپ باھالىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ تەقدىرلەنگەن.

دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى ئىسلاھاتى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ، كۆپ نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى، ئاپتونوم رايون بويىچە دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، تۈرلۈك ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى «مۇقىملاشتۇرغۇچ»لۇق، «تۇراقلاشتۇرغۇچ»لۇق رولى گەۋدىلەندى.

بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، فۇنكسىيەسى ئېنىق، ئاساسىي كەسپى گەۋدىلىك، تارقىلىشى مۇۋاپىق، ئايلىنىشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان دۆلەت كاپىتالى يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى. «چوڭ تۈر» ئارقىلىق چوڭ ئىستراتېگىيەگە مۇلازىمەت قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتى كارخانىلارنى دىققەتنى ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ مەبلەغ سېلىشنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» قاتارلىق دۆلەتنىڭ مۇھىم تۈرلىرىنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلدى، 2021 ـ يىلى مۇقىم مۈلۈككە 60 مىليارد 728 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.2 ئاشۇردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، «چوڭ دۆلەت مۈلكى» «بىر تاختا شاھمات بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، مەركەز كارخانىلىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ۋە دۆلەت مۈلكى، مەركەز كارخانىلىرى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشنى پائال ئۈستىگە ئېلىپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئون مەركەز كارخانىسى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى، «14 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا سالغان ئومۇمىي مەبلىغى 1 تىرىليون يۈەندىن ئاشىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى، قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر بىلەن تۈر ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، چېتىلىدىغان سومما 80 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولدى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتى بىڭتۇەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالاپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدىغان كارخانىلارنى بىڭتۇەن كارخانىلىرىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى بىلەن شېرىكلىشىش، ھەمكارلىشىشنى زورايتىشقا يېتەكلىدى.

بۇلاردىن سىرت، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قىلىنىپ، 34 نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدىغان كارخانا، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق 54 مەركەز كارخانىسى، 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لىك دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەردىن 22 مىڭ 828نى قوبۇل قىلىشقا تەشكىللەندى، ماسلاشتۇرۇلدى.

دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچلۈك ئاشۇردى، 2021 ـ يىلى پۈتۈن يىلدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان تىجارەت كىرىمى 539 مىليارد 376 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %53.3 ئاشتى؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 22 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %155.3 ئاشتى؛ يۇقىرىغا تاپشۇرغان باج ـ ھەق 18 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42.9 ئېشىپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى تىجارەت كىرىمىدە تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيە يارىتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.