تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى سودا سوممىسى %17.1 ئاشتى

«شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى تەتقىقات دوكلاتى (2021)» ئېلان قىلىندى

شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى سودا سوممىسى %17.1 ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 1 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، شىنجاڭ داشۆ ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش شۆيۈەنى، شىنجاڭ رەقەملىك ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتى، چېڭدۇ يىڭچاۋ پەن ـ تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە يازغان «شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى تەتقىقات دوكلاتى(2021)» ئېلان قىلىندى.

«دوكلات»تا كۆرسىتىلىشىچە، 2021 ـ يىلى، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى سودا سوممىسى 260 مىليارد 460 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.1 ئاشقان؛ توردا پارچە سېتىش سوممىسى 50 مىليارد 960 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.3 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 6.6 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان.

«دوكلات»نىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى، شىنجاڭ داشۆ ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى چېن بىڭ مۇنداق بىلدۈردى: 2021 ـ يىلى، شىنجاڭ مەۋقەنى خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بايلىقى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى سىجىل زورايتىپ، كۈچەيتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنىڭ كەسىپ ھالىتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سانائەت بۇيۇملىرىنى يېزا ـ كەنتلەرگە كىرگۈزۈش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تورغا چىقىرىپ شەھەرلەرگە كىرگۈزۈش تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ، يېزا ـ كەنتلەردە توردا پارچە سېتىش سوممىسىنىڭ رايونغا تۆھپە قوشۇش كۈچىنى سىجىل كېڭەيتتى. بۇلتۇر، شىنجاڭنىڭ يېزا ـ كەنتلىرىدە 24 مىليارد 140 مىليون يۈەنلىك توردا پارچە سېتىش سوممىسى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %41.6 ئاشتى.

ناھىيە رايونىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىسى سىجىل، چوڭقۇر تەرەققىي قىلدى. 2021 ـ يىلى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى، قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى، ئاۋات ناھىيەسى قاتارلىق ناھىيە، شەھەرلەر مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 8 ـ تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزا ـ كەنتلەرگە كىرگۈزۈش بويىچە ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. 2021 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا جەمئىي 57 ناھىيە، شەھەر ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى بولۇپ تەستىقلاندى.

ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدىكى تور سودىگەرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 240 مىڭدىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە كارخانا تور سودىگەرلىرىنىڭ سانى 138 مىڭ، شەخسىي تور سودىگەرلىرىنىڭ سانى 107 مىڭ. شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق 669 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە 332 مىڭ ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى، 337 مىڭ ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ۋاسىتىلىك تۈرتكە بولدى.

«دوكلات»تا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتنىڭ تەييارلىق دەرىجىسىنى ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيە قۇرۇلۇشى، تور قۇرۇلۇشى، ئەشيا ئوبوروتى مۇھىتى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەر نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغاندا، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىيات مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانغان؛ قوللىنىش دەرىجىسىدىن قارىغاندا، ئېلېكتىرونلۇق سودىنى قوللىنىش دەرىجىسى تەدرىجىي كېڭەيگەن، چوڭقۇرلاشقان، كۆپ قىسىم رايونلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىنى قوللىنىش دەرىجىسى رەت تەرتىپىدە بىردەك ئىلگىرىلەش ئىشقا ئاشقان؛ تەسىر كۆرسىتىش دەرىجىسىدىن قارىغاندا، ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتىنىڭ ئىقتىساد ۋە ئىستېمالغا بولغان تەسىرى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش دەرىجىسى ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلىپ تەدرىجىي يىغىلىپ، سىجىل، مۇقىم بولۇش ھالىتى بارلىققا كەلگەن.

چېن بىڭ مۇنداق بىلدۈردى: 2020 ـ يىلىغا سېلىشتۇرغاندا، 2021 ـ يىلى تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى ئوتتۇرىچە قىممەتتىن ئاشقان ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ سانى كۆپەيدى، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتىدىكى رايونلار پەرقىدە تارىيىش ھالىتى ساقلاندى. لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ تەرەققىيات رايونلىرى تېخى تەكشى ئەمەس، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يەنىلا كەلگۈسىدىكى ئاساسلىق يۆنىلىش ھېسابلىنىدۇ.

چېن بىڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتە، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاۋانگارتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ سانلىق مەلۇمات قىممىتىنى يەنىمۇ قېزىپ، يېزا ـ كەنتلەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى رەقەملىك يېزا ـ كەنت بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش بازىلىرىنىڭ بىرلىشىپ شىنجاڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئىتتىپاقى بولۇپ قۇرۇشىنى قوللاپ، تور ۋە تور سىرتىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، دىققەتنى ئېلېكتىرونلۇق سودا مەھسۇلاتلىرىنىڭ «ماركا سۈپەت قۇرۇلۇشى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەلا سۈپەتلىك ماركىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.