ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى
ھەر مىللەت شەھەر ئاھالىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىش كېرەك
ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، يىغىن باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىللىق بىلەن مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەھلىل قىلىپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى كەسكىن قانات يايدۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياڭ فاسېن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە 5 - سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا، ياڭ فاسېن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىگە ۋاكالىتەن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بىر - بىرلەپ سۆز قىلىپ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇردى.
ياڭ فاسېن سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، بۇرچنى تولۇق تونۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، دەۋر بۇرچىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، خەلقچىل ھېسسىياتنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، خەلق ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاشنى كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، بىر نىيەتتە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، قانۇن بويىچە، بەلگىلىمە بويىچە ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، سىستېمىلىق، ئىلمىي پىلانلاشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، پاك - دۇرۇس بولۇشنى ساقلاشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، مەركىزىي شەھەرنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.