ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى
يېڭى دەۋردىكى سىياسىي قانۇن خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەردە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، دەۋر بۇرچىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، خەلقچىل ھېسسىياتنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، خەلق ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىش باش تېما قىلىنىپ، ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈلدى، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىش قانات يايدۇرۇلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ مىڭشەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە 11 - سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتى بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، مۇھاكىمە قىلىپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر - تەكلىپ ئېلىپ، سىردىشىش، سۆزلىشىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى دەل جايىدا تېپىپ، ئەمەلىي تەكشۈرۈپ، مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىش ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق قىلدى.
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى بىر - بىرلەپ سۆز قىلىپ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇردى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەۋقەنى «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»كە قويۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبكە پۈكۈپ، ھەقىقىي تۈردە «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەرىكىتىدە نامايان قىلىپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي قانۇن خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.