تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن تولۇق ئادا قىلىپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى

ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن تولۇق ئادا قىلىپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر لى نانا خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، يىغىن باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى بەنزىسى ۋە شەخسلەرنىڭ ئىدىيەۋى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەھلىل قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تيەن شياڭلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە 11 - سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا، تيەن شياڭلى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسىگە ۋاكالىتەن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى ھەم باشلامچىلىق بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى. ئارقىدىن باشقا بەنزە ئەزالىرى بىر - بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇردى.

تيەن شياڭلى سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: سىياسىي يۆنىلىشنى چىڭىتىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ مەيدان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭنى داۋاملىق ياخشى قىلىش كېرەك. سىياسىي ئاڭنى كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتى، شىنجاڭ خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدە تۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى كۆزىتىش ۋە ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاش، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. سىياسىي ئاساسىي رەڭنى روشەنلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىدىن پايدىلىنىپ نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىكنى تۈزەپ، مەڭگۈ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.