تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

داۋالىنىش كاپالىتى بىلەن تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، كېسەل كۆرسىتىش، دورا يېيىش يۈكى يېنىكلىتىلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ مىن

ئومۇمىي خەلقنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشى %95تىن يۇقىرى بولدى، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش بىلەن تولۇق قاپلاندى، «ئۈچ قاتلاملىق كاپالەت» تۈزۈمى تۆۋەن چەكنى تولۇق كاپالەتلەندۈردى، داۋالىنىش ياردىمى بويىچە كېسەلخانىدا يېتىش ھەققى «بىر تالون» بىلەنلا راسچوت قىلىندى... 2021 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز سالماقنى زورايتىپ، كۆپ خىل كاپالەت تورىنى زىچ توقۇپ، پۇختا توقۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈردى، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈردى، داۋالىنىش كاپالىتى بىلەن تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىنى ئىللىتىدىغان ئىللىق نۇرغا ئايلاندى.

ھەرىكەتچان يېڭىلاش   دەل جايىدا بېكىتىش

«بۇلتۇر مەن كېسەل سەۋەبىدىن كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىپ، جەمئىي 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلىدىم، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلغاندىن كېيىن ئۆزۈم 10 مىڭ يۈەن تۆلىدىم. كېيىن، ھۆكۈمەت ماڭا يەنە داۋالىنىش ياردىمى بەردى، ئاخىرىدا مەن پەقەت 2000 يۈەندىن كۆپرەكلا پۇل تۆلىگەن بولدۇم.» 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، 62 ياشلىق قەشقەر شەھىرى ئاھالىسى خالىدە ئەيسا مۇنداق دېدى: «داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ماڭا ئىللىقلىق ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا مېنى تېخىمۇ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى».

خالىدە بەھرىمەن بولغان تۈرلۈك ئاتچوت تەمىناتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۈنسېرى مۇكەممەللىشىۋاتقان ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى ئاساسىي گەۋدە، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى ئۇزارتىلما دائىرە، داۋالىنىش ياردىمى تىرەك قىلىنغان «ئۈچ قاتلاملىق كاپالەت» تۈزۈمىنىڭ پايدىسىدىن كەلگەن.

2021 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسنىڭ داۋالىنىش ياردىمى بويىچە سۇغۇرتىغا قاتنىشىشقا ياردەم بېرىش سىياسىتى، داۋالىنىش كاپالىتى جەھەتتە مايىللىشىش سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەڭشەپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، داۋالىنىش ياردىمىنىڭ تىرەك بولۇش كاپالىتىنى پۇختىلاپ، يېزىلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك نوپۇس ئىچىدىكى كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشكە، سىياسەتنىڭ تەكشى، مۇقىم جىپسىلىشىشىغا، تۈزۈمنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايوندىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك تۆۋەن كىرىملىك نوپۇسنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ھەقىقىي ئىسىم بىلەن قاتنىشىش تىزىملىك دەپتىرىنى بىرتۇتاش تۇرغۇزۇپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار، تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرى، قايتا نامراتلىشىپ كەتكەن، نامراتلىشىپ كەتكەن نوپۇسلار، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان بولسىمۇ كىرىمى مۇقىم بولمىغان ئائىلىلەر، نامراتلىق گىرۋىكىدىكى ئاسانلا نامراتلىشىپ كېتىدىغان ئائىلىلەر، تۇيۇقسىز ئېغىر قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئائىلىلەر ھەمدە نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلغانلارنىڭ ھەممىسىنى تىزىملىك دەپتىرىگە كىرگۈزۈپ باشقۇردى.

«سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئۇچۇرىنى ھەرىكەتچان يېڭىلاش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ھالىتىدىكى ئۆزگىرىشنى ماس قەدەمدە ئىز قوغلاپ ئىگىلەپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئوبيېكتلارنى دەل جايىدا بېكىتىپ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا ئىز قوغلاپ ياخشى ئىشلىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى تەمىنات كاپالىتى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى موۋ شىنۋېي مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، «ئۈچ قاتلاملىق كاپالەت» تۈزۈمى ئارقىلىق قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنىڭ ساغلاملىق تۆۋەن چېكىگە كاپالەتلىك قىلىندى.

ۋاقتىدا يوللاش   ئۇنىۋېرسال ياردەم بېرىش

2021 - يىلى 1 - ئاينىڭ بېشىدا، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قويچى يېزىسى چاۋياڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى باراتنىياز نۇر تۇيۇقسىز بىئاراملىق ھېس قىلىپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بار دەپ دىياگنوز قويۇلغانىدى. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا كېسەلخانىسىدا يېتىپ، داۋالىنىشقا 100 مىڭ يۈەن سەرپ قىلدى. باراتنىياز نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇس ۋە تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىگە تەۋە بولۇپ، «ئۈچ قاتلاملىق كاپالەت» بېرىلگەندىن كېيىنمۇ، ئۇنىڭ ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك 30 مىڭ يۈەن داۋالىنىش خىراجىتىنى تۆلەشكە يەنىلا مادارى يەتمەيتتى، شۇ جايدىكى داۋالىنىش كاپالىتى تارمىقى ئۇنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىغا ئاساسەن، ئۇنىڭغا 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق 2 - قېتىملىق ياردەم پۇلىنى دەل ۋاقتىدا بەردى.

كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قاراقاش ناھىيەلىك داۋالىنىش كاپالىتى تارماقلىرى ئۇنىڭ ماتېرىياللىرىنى يەنە ئالاقىدار تارماقلارغا ئەۋەتىپ، ئۇنىۋېرسال ياردەم بېرىشنى يولغا قويدى. خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن كېيىن، يەنە 3600 يۈەن ۋاقىتلىق ياردەم پۇلى بەردى، ئاخىرىدا ئۇ پەقەت 5571.7 يۈەننىلا تۆلىگەن بولدى.

باراتنىيازغا ياردەم بېرىش جەريانى پەقەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا قارىتا داۋالىنىش ياردىمىنى يولغا قويغانلىقىنىڭ بىر كارتىنىسى. ئاپتونوم رايونىمىز ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا ياردەم بېرىش بويىچە تولۇق قاپلاش، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنە ئۆستۈرۈشنى چىڭ تۇتتى. 2021 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدا كۆزىتىپ تەكشۈرۈلگەن كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپ - خەتىرى بارلاردىن جەمئىي 142 مىڭ 700 كىشى بار بولۇپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغاندىن كېيىن 42 مىڭ 600 كىشى ياردەمگە ئېرىشتى، ياردەم بېرىش سوممىسى 80 مىليون 303 مىڭ 300 يۈەن بولدى.

ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىش ياردەم پۇلى بېرىش   يۈكنى داۋاملىق يېنىكلىتىش

ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى، ئالاھىدە سوزۇلما كېسەلگە گىرىپتار بولغان قىيىنچىلىقى بار ئاغرىقلارمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى.

2021 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز سوزۇلما كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ ئۇزاق مۇددەت دورا ئىچىشى زۆرۈر بولغانلار ياكى ئېغىر، پەۋقۇلئاددە ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ ئۇزاق مۇددەت ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىشى زۆرۈر بولغانلار ئىچىدىكى ئۆزى تۆلەيدىغان ھەققى بىرقەدەر يۇقىرى، ياردەم بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوبيېكتلارغا ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىش ياردەم پۇلى بەردى.

چاقىلىق ناھىيەسى ۋاششەرى بازىرىنىڭ ئاھالىسى مۇختار تۆمۈر بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئۇزاق ۋاقىت دىئالىز قىلىشقا توغرا كېلەتتى، شۇ جايدىكى داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭغا ئالاھىدە سوزۇلما كېسەلنى ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىتىشنى ئەنگە ئېلىش رەسمىيىتى بېجىرىپ بەردى.

«ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىش ياردەم پۇلى بېرىشتە ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىدىغان سوزۇلما كېسەل ياكى ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىدىغان ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى بويىچە ھەم كۆپ سوممىلىق تولۇقلىما داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە داۋالىنىش خىراجىتى شەھەر - يېزا ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىنغاندىن كېيىن، ئاغرىقلار ئۆزى تۆلەيدىغان، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولغان ئاشقان خىراجەتنىڭ يىللىق چېكى ئىچىدە %70 نىسبەت بويىچە ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىدىغان سوزۇلما كېسەلگە بېرىلىدىغان يىللىق ياردەم پۇلىنىڭ چەك ئۆلچىمى 2000 يۈەن، ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىدىغان ئېغىر كېسەلگە بېرىلىدىغان ياردەم پۇلىنىڭ چەك ئۆلچىمى 5000 يۈەن.» چاقىلىق ناھىيەلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لى پىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «بۇ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش كاپالىتى سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدۇ، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش يۈكىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل يېنىكلىتىدۇ».

ياخشى سىياسەت مۇختارنى غەمدىن خالاس قىلدى: «ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىش ياردەم پۇلى بېرىلگەندىن كېيىن، كېسەل داۋالىتىش خىراجىتىمنىڭ ئاتچوت قىلىنىش نىسبىتى %70تىن ئاشتى، بۇنىڭدىن كېيىن كېسەل كۆرسىتىشتىن ئانچە ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇم».

ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى «ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش»، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى «ئېغىر كېسەلگە كاپالەتلىك قىلىش»، داۋالىنىش ياردىمى «تۆۋەن چەكنى ساقلاش»، «ئۈچ قاتلاملىق كاپالەت» تۈزۈمىنىڭ پەلەمپەيسىمان رولىنىڭ روشەنلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە بىرلىككە كەلگەن شەھەر - يېزا داۋالىنىش ياردىمى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېسەلخانىدا يېتىش ياردەم پۇلى ۋە ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىش ياردەم پۇلى سەۋىيەسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئۆستۈرۈپ، مەۋقەنى فوندنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارى ۋە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قويۇپ، يىللىق ياردەم پۇلىنىڭ چېكىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئۆستۈردى.

بۇنىڭدىن سىرت، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە داۋالىنىش ياردىمى بويىچە شىنجاڭ ئىچىدە «بىر تالون» بىلەنلا راسچوت قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، داۋالىنىش ياردىمى بويىچە كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىش خىراجىتىنى «بىر تالون» بىلەنلا راسچوت قىلىش دائىرىسىنى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىن پۈتۈن شىنجاڭغا كېڭەيتتى، تەخمىنەن 2 مىليون 350 مىڭ داۋالاش ياردىمى ئوبيېكتى بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتى.

«كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى تارماقلىرى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن داۋاملىق بىرلىشىپ، داۋالىنىش ياردىمى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىش ياردەم پۇلى، كېسەلخانىدا يېتىش ياردەم پۇلى، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە ئېغىر كېسەللىك ياردەم پۇلى ۋە مايىللىشىش ياردەم پۇلى قاتارلىق سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالىنىش ياردىمى سىياسىتىنى تولۇق، دەل جايىدا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، داۋالىنىش ياردىمىنىڭ تىرەكلىك كاپالىتىنى پۇختىلاپ، تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنى داۋالىنىش كاپالىتى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ» دېدى موۋ شىنۋېي.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.