تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​37 تارماقنىڭ 180 تۈرلۈك باج - ھەق ئۇچۇرىنى ئېچىۋېتىش - ھەمبەھرىلەش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

ئاپتونوم رايونىمىز باج - ھەق كاپالىتى چارىسىنى ئېلان قىلدى

​37 تارماقنىڭ 180 تۈرلۈك باج - ھەق ئۇچۇرىنى ئېچىۋېتىش - ھەمبەھرىلەش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىر خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايون «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ باج - ھەق كاپالىتى چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «باج - ھەق ئۇچۇرىنى ھەمبەھرىلەش مۇندەرىجىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «مۇندەرىجە» دېيىلىدۇ)نى يانداش بېسىپ تارقاتتى. ئاپتونوم رايونىمىز 37 تارماقنىڭ 180 تۈرلۈك باج - ھەق ئۇچۇرىنى ئېچىۋېتىش - ھەمبەھرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى باج ئېلىش - باشقۇرۇش ۋە پەن - تېخنىكا تەرەققىيات باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى گو پېڭخۇي مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇلتۇر 7 - ئايدا، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ باج ئېلىش - باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»دىكى تەلەپكە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە باج - ھەق ئېلىش - باشقۇرۇشنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، «چارە» ھەم يانداش «مۇندەرىجە»نى تۈزدى.

«چارە»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شىنجاڭدىكى باج تارماقلىرى مەۋقەنى باج ئېلىش - باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قويۇپ، باج، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى، باجدىن باشقا كىرىمنى بىرتۇتاش باج - ھەق كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، بىرتۇتاش باشقۇرۇش بىلەن تارقاق باشقۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن، نۇقتا بىلەن دائىرە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان، يۇقىرى - تۆۋەن ماسلىشىدىغان، باج - ھەقنى ئورتاق باشقۇرىدىغان يېڭى ئەندىزىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

«چارە»دە يەنە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بولۇش، ئاكتىپ، پۇختا بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىز «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» بىلەن تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىلىرىنى يۇغۇرۇپ، بازار تىجارەت سۇبيېكتلىرىغا قارىتا تارماق ھالقىپ لەۋزىدە تۇرغانلارنى بىرلىشىپ رىغبەتلەندۈرۈش ۋە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى بىرلىشىپ جازالاشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، باج - ھەققە ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغانلارنى دەل جايىدا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

«مۇندەرىجە»دە ھەرقايسى تارماقلارنىڭ باج - ھەققە ئالاقىدار ھەمبەھرە ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىش ھوقۇق چېكى ۋە دائىرىسى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ھەمبەھرە ئۇچۇرلارنى توپلاش، قوللىنىشنىڭ دائىرىسى ۋە شەكلى بېكىتىلدى. بۇ، سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى توپلاش، يوللاش، ساقلاش، پايدىلىنىش، ئاشكارىلاشقا بولغان قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، باج - ھەق ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش ۋە ھەمبەھرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، باج - ھەق كاپالىتى سىستېمىسىنى يېڭىلاش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشقا پۇختا ئاساس سالىدۇ.

كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ «چارە» بويىچە مەخسۇس تەربىيەلەش ھەم تەشۋىق قىلىپ چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئالاقىلىشىشى، ماسلىشىشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، باج - ھەق كاپالىتى خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.