تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

قەدىمىي تېرە چاڭغىدا قار تېيىلىش ئېگىز تاغلاردىن «تېيىلىپ» ھالقىپ دۇنياغا يۈزلەندى

− 300 مىليون كىشى قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىگە ئاتلاندى، شىنجاڭدا مەن بار⑤

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئېگىز قارلىق چوققىلار، ئاپئاق قارلىق دالا، 2 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنىدىكى قاناس مەنزىرە رايونىنىڭ قۇمقاناس موڭغۇل مىللىتى يېزىسى قۇم كەنتى خۇددى بىر پارچە سىياھ رەسىمگە ئوخشايتتى، كەنت ئاھالىسى مالچىن بۇ ئاددىي ھەم كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان رەسىم ئىچىدە ياشايدۇ. ئۇ ۋە باشقا كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، چۆچەكلەردىكىدەك ساپ، ئاپئاق قار ـ مۇز دۇنياسى تېخىمۇ بىر رەڭگارەڭ دۇنيا ھېسابلىنىدۇ − قەدىمىي تېرە چاڭغىغا دەسسەپ، تاغ باغرى، ئورمانلىقلار ئارىسىدىن ئۇچقاندەك كېسىپ ئۆتسە، دۇنيا خۇددى ئاياغ ئاستىدىلا تۇرغاندەك بىلىنىدۇ.

بىر پارچە ياخشى قېيىن ياغىچى ياكى قارىغاي ياغىچىنى تاللاپ، يۇنۇپ چاڭغا شەكلىگە كەلتۈرۈپ، ئالدى تەرىپىنى ئېگىپ، ئاستى تەرىپىنى ئاتنىڭ ئالدى پۇت تېرىسى بىلەن ئوراپ، يەنە ئادەم بويىدىن ئېگىزرەك تاياقتىن بىرنى تەييارلىسىلا، بىر تېرە چاڭغا ياسىلىپ پۈتىدۇ، بۇ، ئالتايلىقلار قىش پەسلىدە قار ئۈستىدە پەرۋاز قىلىدىغان «قانات». بۈگۈنكى كۈندە، قەدىمىي تېرە چاڭغىدا قار تېيىلىش ئېگىز تاغلاردىن «تېيىلىپ» ھالقىپ دۇنياغا يۈزلەندى.

«ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىشى باشلانغان جاي»دىن كېلىش

ئالتاي شىمالىي كەڭلىك 45 گىرادۇستىن 47 گىرادۇسقىچە بولغان ئالتۇن قارلىق لىنىيەگە جايلاشقان بولۇپ، قىش پەسلىدىكى قار مەزگىلى يەتتە ئايغا يېتىدۇ، تاغلىق رايونلاردا سەككىز ئايغا يېتىدۇ، ئالتاي تاغلىق رايونى بويىدىكى قارنىڭ ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى بىر مېتىردىن ئاشىدۇ. بىر يىل ئىچىدە يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا قاردا مېڭىشقا توغرا كەلگەچكە، قار تېيىلىش بۇ يەردىكى كىشىلەر جەزمەن ھازىرلاشقا تېگىشلىك ياشاش ماھارىتىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

تۆربات يەتتە ياشقا كىرمەيلا دادىسىغا ئەگىشىپ قار تېيىلىشنى ئۆگەنگەن، ئۇ ئالتاي شەھىرى خاندىغات موڭغۇل مىللىتى يېزىسى خاندىغات كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، بۇ يىل 37 ياش، ئۇنىڭ قەدىمىي تېرە چاڭغا ياساش ھۈنىرى كامالەتكە يەتكەن، شۇنداقلا قەدىمىي تېرە چاڭغىدا قار تېيىلىشقا ماھىر بولۇپ، كۆپ قېتىم ئالتاي شەھىرىدىكى قار تېيىلىش مۇسابىقىلىرىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ھالبۇكى، 20 يېشىدىن بۇرۇن، ئۇمۇ بارلىق كىشىلەرگە ئوخشاشلا، كىچىكىدىن تارتىپ ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن تېرە چاڭغىنىڭ «ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىشى باشلانغان جاي» بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى.

2005 ـ يىلى، تۆرباتنىڭ ئۆيىگە يىراق بولمىغان دۆڭدىبۇلاقتا، پۇتىدا چاڭغا دەسسەپ، قولىدا تاياق تۇتۇپ، قار تېيىلىپ ئوۋ ئوۋلاۋاتقان بىر پارچە قىيا تاش رەسىمى بايقالغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر ئۇنىڭ دەۋرىنىڭ بۇنىڭدىن تەخمىنەن 12 مىڭ يىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغان. دېمەك، بۇنىڭدىن 12 مىڭ يىللار ئىلگىرى، ئالتاي تاغلىرىدا ياشىغان كىشىلەر چاڭغىنى كەشىپ قىلغان. 2006 ـ يىلى، «ئالتاي خىتابنامىسى»دە جۇڭگو شىنجاڭ ئالتاينىڭ ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىشى باشلانغان جاي ئىكەنلىكى جاكارلاندى. قەدىمىي تېرە چاڭغىدا قار تېيىلىش ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىش تارىخىدىكى «تىرىك تاشقاتما» بولۇپ قالدى ھەم ئالتاينىڭ ئۆزىگە خاس قار تېيىلىش مەدەنىيىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، زور كۈچ بىلەن يۆلەشكە ئېرىشتى. بىر قاتار قېزىش، قۇتقۇزۇش، قوغداش قاتارلىق تەدبىرلەر تېز يولغا قويۇلدى، قەدىمىي تېرە چاڭغا ياساش ھۈنىرى ۋە قەدىمىي تېرە چاڭغىدا قار تېيىلىش ئېگىز تاغدىن چىقىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئالدىدا ئۆز سالاپىتىنى نامايان قىلدى.

قەدىمىي قار تېيىلىش مەدەنىيىتى قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇش

قىيا تاش رەسىمى بايقالغان جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن خاندىغات موڭغۇل مىللىتى يېزىسىنىڭ قەدىمىي تېرە چاڭغىدا قار تېيىلىش ئەترىتى داڭلىق بولۇپ، تۆربات ئۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىق. «ھازىر، تېرە چاڭغا بىلەن قار تېيىلىشنى بىلىدىغان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، ھەر قېتىملىق قار تېيىلىش مۇسابىقىسى، خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىدە، قاتنىشىشقا تىزىملىتىدىغانلار ناھايىتى كۆپ.» 2 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى تۆربات مۇنداق دېدى: باھار بايرىمى مەزگىلىدە، مەن يەنە كەنت ئاھالىلىرىنى قار تېيىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، قەدىمىي تېرە چاڭغىدا قار تېيىلىشنى تەشۋىق قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم.

تۆربات ئىككى بالىسىغا ئىككى جۈپ تېرە چاڭغا ياساپ بېرىپ، ئۇلارغا قار تېيىلىشنى ئۆگەتتى، «بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا قار تېيىلىشنى بىلمىسەك ئۆيدىن چىقالمايتتۇق، قار تېيىلىش يەنە قىشتىكى بىردىنبىر ئويۇن ئىدى، ھازىر بۇ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا بالىلىرىمىزنى ۋارىسلىق قىلدۇرۇشىمىز كېرەك».

مالچىن قۇم كەنتىدە تۇغۇلغان، شۇنداقلا مۇشۇ يەردە چوڭ بولغان، سەككىز يېشىدىلا تېرە چاڭغا كىيىپ، تۇنجى قېتىم تېيىلىشنى باشلىغان. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ تېرە چاڭغىدا قار تېيىلىشقا ئەڭ ئاكتىپ تۈرتكە بولغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. 2019 ـ يىلى 1 ـ ئايدا، مالچىن باشقا سەككىز چارۋىچى بىلەن بىر تۈرلۈك قالتىس ئىشنى تاماملىدى − قابا ناھىيەسىنىڭ بەيخابا كەنتىدىن يولغا چىقىپ، ئالتاي تېغىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىنى بويلاپ، يول بويى شەرققە مېڭىپ، 11 كۈندە 300 كىلومېتىر تېيىلىپ، چەكسىز كەتكەن قارلىق دالىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئالتاي شەھىرىگە يېتىپ باردى. «بىزنىڭ بۇ قېتىمقى قار تېيىلىشنى ئۆزلۈكىمىزدىن تەشكىللەشتىكى مەقسىتىمىز تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئالتايدىكى قەدىمىي تېرە چاڭغىدا قار تېيىلىشنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە قار تېيىلىش مەدەنىيىتىنى تارقىتىش، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئالتايغا كېلىپ، شىنجاڭغا كېلىپ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ خۇشاللىقىدىن بەھرىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.» ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندە، مالچىن شۇ قېتىمقى 300 كىلومېتىرلىق قار تېيىلىش سەپىرىنى تىلغا ئالغاندا، يەنىلا ناھايىتى ھاياجانلاندى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئالتاي ۋىلايىتىدە قەدىمىي تېرە چاڭغىدا قار تېيىلىش كۈنسېرى قىزىپ كەتتى. نۇرغۇن يېزا ـ بازار، كەنتلەردە قەدىمىي تېرە چاڭغىدا قار تېيىلىش ئەترىتى بار، «70 ـ يىللاردا تۇغۇلغانلار»دىن تارتىپ «2000 ـ يىللاردا تۇغۇلغانلار»غىچە ھەممىسى بەس ـ بەستە قاتنىشىدۇ. قىش كۈنلىرى دېھقان ـ چارۋىچىلار قار تېيىلىش پائالىيىتىنى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللەيدۇ. تۈرلۈك مۇسابىقە ئىشلىرى ھەمدە مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايرىمى پائالىيەتلىرىدە، قەدىمىي تېرە چاڭغىدا قار تېيىلىش كۆزنى ئەڭ چاقنىتىدىغان قىزىق نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىشى باشلانغان جاي خاتىرە كۈنى پائالىيىتىدە، 1000 كىشى قەدىمىي تېرە چاڭغىدا قار تېيىلىش ئويۇنى كۆرسىتىشتەك كاتتا مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

ئېگىز تاغدىن چىقىپ كەلگۈسىگە ئاتلىنىش

قەدىمىي تېرە چاڭغىدا قار تېيىلىشنىڭ مىسلىسىز ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇماقتا.

2021 ـ يىلى 11 ـ ئايدا، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى يەتكۈزۈش باش تېما قىلىنغان قىسقا ھېكايە فىلىم «قار ـ مۇزدا ئۇچرىشىش» ئېلان قىلىندى، قىسقا فىلىم باشلانغان چاغدىكى كۆرۈنۈش دەل خاندىغات موڭغۇل مىللىتى يېزىسىدىكى دۆڭدىبۇلاق قىيا تاش رەسىمى ئىدى؛ 2021 ـ يىلى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇزېيىدا ئالتاينىڭ قەدىمىي تېرە چاڭغىسى، چاڭغا تېيىلىش كىيىمى قاتارلىق چاڭغا تېيىلىش جابدۇقلىرى مەڭگۈلۈك يىغىپ ساقلاندى.

قەدىمىي تېرە چاڭغىدا قار تېيىلىش يەنە مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تېمىسىغا ئايلاندى. ئالتاي قول ھۈنەر بۇيۇمى كۇرسلۇق مەھسۇلات دەنسىتۇئېر 500 چاقىرىملىق مەنزىرە كوچىسىدىكى دۇكاندا، قەدىمىي تېرە چاڭغىدا قار تېيىلىدىغان ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي كىشىلەرگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ قولىدىن چۈشمىدى.

شىنجاڭ داشۆ ساياھەت شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پىروفېسسور شيې شيا مۇنداق قارىدى: «قار ـ مۇز ساياھىتى+مەدەنىيەت» ماقالىسىنى ياخشى يېزىشتا، قار ـ مۇز ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش، مەدەنىيەتنى ياخشى نامايان قىلىش، تەرەققىيات ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. ئۇ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئالتايدىكى قەدىمىي تېرە چاڭغىدا قار تېيىلىشنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا تېخنىكا، مەھسۇلات، كارخانا، بازار قاتارلىق جەھەتلەردىن كۈچەش كېرەك. تېخنىكىنىڭ مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدىكى كاتالىزاتورلۇق رولىغا ئەھمىيەت بېرىپ، «ئىنسانلارنىڭ چاڭغا تېيىلىشى باشلانغان جاي»، قەدىمىي تېرە چاڭغىدا قار تېيىلىش قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرىنى3D ، VR ۋە كۆپ ۋاسىتىلىك تاراتقۇ تېخنىكىسى ئارقىلىق، ھازىر بار بولغان ساياھەت مەھسۇلاتلىرى، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى بىلەن يۇغۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ تەسىراتىنى بېيىتىش؛ قار ـ مۇز مەدەنىيىتى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، شۇ جايدىكى خەلقنىڭ ئۆرپ ـ ئادىتى ۋە قار ـ مۇز مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىدىغان قار ـ مۇز ساياھەت، ئىستىراھەت مەھسۇلاتلىرىنى پائال ئېچىش؛ تەنتەربىيە، كىنو ـ تېلېۋىزىيە، سەنئەت ھەم ئىجتىمائىي مەدەنىيەت پائالىيىتى قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ، قار ـ مۇز ساياھەت ـ مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىدا يېڭىلىق يارىتىپ، قار ـ مۇز ساياھەت ـ مەدەنىيەت IPسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

ئالتاي شەھىرىنىڭ لاستى يېزىسى لاستى كەنتىدىكى ياشىنىپ قالغان كەنت ئاھالىسى سىلامبېك ساقاش ئاپتونوم رايوننىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان تېرە چاڭغا ياساش بويىچە 4 ـ ئەۋلاد ۋارىس بولۇپ، ئۇ تېرە چاڭغىنىڭ گۈللىنىشىدىن خارابلىشىشقىچە، ئاندىن يەنە گۈللىنىشكىچە بولغان جەرياننى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇنى ئەڭ خۇشال قىلغىنى شۇكى، ئوغلى تاكسى شوپۇرلۇق خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئۇنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن تېرە چاڭغا ياساش ھۈنىرىنى ئۆگەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.