ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى (RCEP) رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغان. 1 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى تاموژنىسى RCEP ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي گۇۋاھنامىسىدىن 11نى ئىمزا قويۇپ تارقاتقان، ئىمزا قويۇپ تارقىتىلغان گۇۋاھنامىلەردىكى مال قىممىتى 586 مىڭ 700 دوللار بولغان، كارخانىلار بۇ گۇۋاھنامىلەرگە تايىنىپ ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ تاموژنا بېجىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن.
رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى (RCEP) 2022 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى بىرۇنېي، كامبودژا، لائوس، سىنگاپور، تايلاند، ۋىيېتنام، جۇڭگو، ياپونىيە، يېڭى زېلاندىيە، ئاۋسترالىيەدىن ئىبارەت ئون ئەزا دۆلەتتە رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغان، 2 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى كورېيەدە كۈچكە ئىگە بولۇپ يولغا قويۇلغان، بۇ، دۆلىتىمىز ئىمزالىغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى ھېسابلىنىدۇ. RCEPغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نوپۇسى، GDPسى، سودا ئومۇمىي سوممىسى پۈتۈن يەرشارىنىڭ تەخمىنەن %30ىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ، ئىقتىساد ـ سودا كۆلىمى ئەڭ زور، ئەڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ئەركىن سودا رايونى ھېسابلىنىدۇ. RCEP يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، تاموژنا بېجىنى كېمەيتىش كۆلىمى يەنىمۇ كېڭەيتىلىپ، تەكشۈرۈپ بېكىتىش ھەم تەستىقلاش ئارقىلىق ئېكسپورت سودىگەرلىرىنىڭ ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي توغرىسىدا ئۆز ئالدىغا بايانات ئېلان قىلىشى كارخانىلارغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ.
بۇ يىل 1 ـ ئايدا، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئىمزا قويۇپ تارقىتىلغان RCEP ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي گۇۋاھنامىسى 11 بولغان، ئېكسپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلار ئاساسلىقى شوخلا قىيامى، قۇرۇتۇلغان چىلان، گۈلە، كىشمىش، پاختا لۆڭگە، ئاليۇمىن ياپراقچىسى، يۇقىرى ئاكتىپلىقتىكى قۇرۇق ئېچىتقۇ قاتارلىقلار بولۇپ، ياپونىيە، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق RCEP كۈچكە ئىگە بولغان دۆلەتلەرگە توشۇلدى.
شىنجاڭدىكى مەلۇم توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كارخانىسى شىنجاڭدىكى تۇنجى ياپونىيەگە توشۇلىدىغان RCEP ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن كارخانا، ئۇلار بۇ قېتىم ياپونىيەگە ئېكسپورت قىلغان 10 مىڭ دانىدىن ئارتۇق پاختا لۆڭگە ھەم مۇنچا لۆڭگىسىدىن تاموژنا بېجى ئالماسلىق سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، كارخانىنىڭ ئېكسپورت زاكازىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، مەھسۇلاتنىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇردى.
ئۈرۈمچى تاموژنىسى تاموژنا بېجى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى گو يۇڭگاڭ مۇنداق بىلدۈردى: كارخانىلارنىڭ RCEP يېڭى پۇرسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەڭ ئەلا بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمى ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي گۇۋاھنامىسىنى تاللىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى تاموژنىسى كارخانىلارغا RCEP سىياسىتى تەشۋىقاتى ئېلىپ باردى، يەنە ئالاقىدار كارخانىلارغا «بىرگە بىر» مۇلازىمەت قىلىپ، كارخانىلارنىڭ RCEP ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي گۇۋاھنامىسىنى ئوڭۇشلۇق ئىلتىماس قىلىشىغا ياردەم بەردى. كېيىنكى قەدەمدە، تاموژنا سىياسەت تەتقىقاتى، سىياسەت تەشۋىقاتىنى سىجىل كۈچەيتىپ، RCEP سىياسىتى ئەۋزەللىكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ RCEP سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كارخانا مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.