ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريولى خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، كۆپ مىقدارلىق ماددىي ئەشيالارنى توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، توشۇش كۈچى سېلىنمىسىنى ئاشۇردى، 1 ـ ئايدىكى يۈك توشۇش مىقدارى 16 مىليون 799 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14 ئېشىپ، يېڭى يىلدا ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، توك، كۆمۈر تەمىنات كاپالىتى ۋە نۇقتىلىق ماددىي ئەشيالارنى توشۇش ئېھتىياجىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قاندۇرۇپ، توشۇش مىقدارىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، كۈندىلىك ۋاگونغا يۈك قاچىلاش رېكورتىنى سىجىل يېڭىلىدى.
«بىز خېرىدارلار بىلەن بولغان چوڭقۇر ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بۇلتۇر 33 چوڭ كارخانا بىلەن ئىمزالىغان 153 مىليون 400 مىڭ توننا يۈك توشۇش كېلىشىمىدىكى توشۇش مىقدارى ئاساسىدا، بايرام ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، نۇقتىدىن ـ نۇقتىغىچە بولغان ھەر كۈنلۈك توشۇش ئېھتىياجىنى بېكىتىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن ۋاگون سەپلەشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك چارە ـ ئاماللار بىلەن ۋاگونغا يۈك قاچىلاش پىلانىنى پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈردۇق» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يۈك تىرانسپورت بۆلۈمى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى يۇڭچېڭ.
يۇقىرى ـ تۆۋەن ئېقىمدىكى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ھەم بايراملىق ئامباردا ساقلاش ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى نۇقتىلىق كارخانىلارنى مۇددەتتىن بۇرۇن زىيارەت قىلىپ ۋە ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش پىلانىنى ئېنىقلاپ، كارخانىلارنى يۇقىرى پەللە مەزگىلى بىلەن تاقاشتۇرماي دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشكە ماسلاشتۇردى، ئىككى تەرەپ ئورتاق ھەمكارلىشىپ، مەھسۇلات مىقدارىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، توشۇش مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دەم ئېلىش كۈنلىرى سەۋەبلىك توشۇش مىقدارىدا داۋالغۇش كۆرۈلۈشنى ئازايتىپ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ۋاگونغا يۈك قاچىلاش مىقدارىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.
«بىز ئىچكى قىسىمدىكى يوشۇرۇن كۈچنى قېزىش ئارقىلىق مال بولسىلا ۋاگون بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، قاتنايدىغان يۈك پويىزلىرىنىڭ سانىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردۇق» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنى ئىشلەپچىقىرىش پىلان ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ مىڭ. 1 ـ ئايدا، ئۈرۈمچى ـ جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىدا ھەر كۈنى 63.1 قېتىم يۈك پويىزى قاتناپ، 63.2 قېتىم پويىز يېتىپ بېرىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەخمىنەن سەككىز جۈپ پويىز كۆپەيدى.
شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى توشۇش يولىنى راۋانلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ توشۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى، 1 ـ ئايدا، ئالاتاۋ ۋوگزالىدا چېگرادىن كىرگەن ـ چىققان جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 523 قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.87 ئاشتى؛ قورغاس ۋوگزالىدا چېگرادىن كىرگەن ـ چىققان جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 586 قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.5 ئاشتى.