تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قارا قۇرۇمدىكى كىچىك تاغلىق كەنتكە ئاسفالت يول تۇتاشتۇرۇلدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

1 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، تاڭ ئەمدىلا يورۇشىغا مۇخبىر ھەمراھلىرى بىلەن تۈپتۈز ئاسفالت يولدا ئاپتوموبىللىق يولغا چىقىپ، تاغ قىرلىرىدىن ھالقىپ، كۆۋرۈكلەردىن ئۆتۈپ، ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، قاغىلىق ناھىيە بازىرىدىن شىخشۇ يېزىسىنىڭ شىخشۇ كەنتىگە كەلدى.

تاغلار بىلەن ئورالغان شىخشۇ كەنتى ئىلگىرى قارا قۇرۇم تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە «سولىنىپ قالغانىدى». دۆلەت يولى 219 ـ لىنىيەسىنىڭ ئاقئازدىن شىخشۇ يېزىلىق ھۆكۈمەتكە بارىدىغان ئاسفالت يولنىڭ پۈتۈشىگە ئەگىشىپ، شىخشۇ كەنتىنىڭ سىرتقا تۇتىشىدىغان يولى ئاخىر راۋانلاشتى.

مۇخبىر شىخشۇ كەنتىدىكى ئاسفالت يولدا توكسىكلىت ھەيدىگەنلەر، شەخسىي ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەر، پىيادىلەرنى كۆردى، ئادەم ۋە ئاپتوموبىللار توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، ئىلگىرىكى جىمجىت تاغلىق كەنت ھازىر ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى.

«ئىلگىرى، دېھقان ـ چارۋىچىلار تاغدىن چىقىش ياكى چارۋا بېقىش ئۈچۈن چىغىر يولدا ماڭاتتى، نۇرغۇن دېھقان ـ چارۋىچى ئۆمۈر بويى تاغدىن چىقىپ باقمىغانىدى. ھازىر بۇ يول دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ قەلبىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بولۇپ قالدى» دېدى شىخشۇ كەنتىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئەمرۇللا يەھيا.

شىخشۇ كەنتى قاغىلىق ناھىيە بازىرىدىن 185 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، ئىلگىرى بۇ چەت، يىراق تاغلىق كەنتتىن يولغا چىقىپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000 مېتىردىن ئاشىدىغان ئىككى داۋاندىن ئاشقاندا ئاندىن ناھىيە بازىرىغا بارغىلى بولاتتى.

«ئىلگىرى، ئات ـ ئېشەك قاتناش قورالى ئىدى، شىخشۇ كەنتىدىن دۆلەت يولى 219 ـ لىنىيەسى بويىدىكى ئاقئازغا بېرىش ئۈچۈن بىر كۈن يول يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى.» شىخشۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھۈسىيىن نۇر مۇنداق دېدى: «ناھىيە بازىرىغا بىر قېتىم بېرىپ كېلىش ئۈچۈن بەش ـ ئالتە كۈن كېتەتتى».

«يامغۇر ياغقان كۈنلىرى يوللار پاتقاق بولۇپ كېتەتتى، تاغ گۈمۈرۈلىدىغان ئىشلار پات ـ پات يۈز بېرەتتى، سېتىۋالماقچى بولغان نەرسىلەرنى توشۇپ ئەكېلەلمەيتتۇق، ساتماقچى بولغان نەرسىلەرنى توشۇپ چىقىرالمايتتۇق.» ھۈسىيىننىڭ خوتۇنى سائادەت ئەمەت مۇنداق دېدى: «يول تۇتاشتۇرۇلمىغاچقا، ئۆيدە باققان قويلىرىمىزنى ياخشى باھادا ساتالمايتتۇق».

«يول تۇتاشتۇرۇلدى، دېھقان ـ چارۋىچىلار بېيىدى، تۇرمۇش تېخىمۇ ياخشىلاندى!» دېدى شىخشۇ كەنتىنىڭ 1 ـ شۇجىسى مەردان تۇرسۇن.

«يول يۈرۈش قولايلاشتى، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى شۇنىڭغا ئەگىشىپ ياخشىلاندى. بۇلتۇر بىر قوي 1500 يۈەندىن سېتىلدى، بىز 10 قوي ساتتۇق، تۈنۈگۈن بىر قوتاز موزىيىنى 5000 يۈەنگە ساتتۇق. يول تۇتاشتۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى چارۋىلارنى بۇنداق باھادا سېتىشنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتۇق» دېدى ھۈسىيىن كۈلۈپ تۇرۇپ.

«يول تۇتاشتۇرۇلدى، ئادەملەر ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ كىرىپ چىقىشى قولايلاشتى، بىز ھەممىمىز بۇ يولنى <بېيىش يولى> دەپ ئاتىدۇق.» ئەمرۇللا شۇنداق دېگەندە چېھرىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

يېزا ـ كەنت يولىنىڭ راۋانلاشتۇرۇلۇشى تاغ ئىچىدە ياشاۋاتقان بۇ دېھقان ـ چارۋىچىلارغا بەخت ئېلىپ كەلدى. «يولۇچىلار نۆۋەتچى ئاپتوبۇسى ئىشىك ئالدىمىزغىلا كېلىدىغان بولدى، سىرتقا چىقىشىمىز، بالىلارنىڭ ناھىيە بازىرىغا بېرىپ ئوقۇشى ناھايىتى قولايلاشتى» دېدى سائادەت.

بۇلتۇر شىخشۇ يېزىسىدىكى توققۇز كەنتنىڭ ھەممىسىگە ئاسفالت يول تۇتاشتۇرۇلدى. دېھقان ـ چارۋىچىلار «ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى ئۈستبېشىنى توپا ـ چاڭ بېسىپ كېتىدىغان، يامغۇر ياغقان كۈنلىرى ئايىغى لايغا مىلىنىپ كېتىدىغان» كۈنلەر بىلەن خوشلىشىپ، «ئۆيدىن چىقسىلا قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول بار بولغان، يول بويىدىلا ئاپتوبۇسقا چىقالايدىغان» يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى.

تاغنىڭ سىرتى بىلەن تۇتىشىدىغان تاشيول راۋانلاشتى، سودىگەرلەر بەس ـ بەستە شىخشۇ كەنتىگە كېلىپ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالدى. بۇلتۇر، پۈتۈن كەنت بويىچە قوتاندىكى كالا 4600دىن ئارتۇق بولۇپ، بىر يىلدا 560تىن ئارتۇق كالا قوتاندىن چىقىرىلدى، قوتاندىكى قوي 21 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، بىر يىلدا 4600دىن ئارتۇق قوي قوتاندىن چىقىرىلدى. پۈتۈن كەنت بويىچە كىشى بېشى ساپ كىرىم 18 مىڭ 606 يۈەن بولدى.

گويا قاشتېشى بەلبېغىدەك بىر يول شىخشۇ يېزىسىنى ئوراپ تۇرغان بولۇپ، يولدا توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇرغان پىيادىلەر، ئاپتوموبىللار بىر گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.