□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن
«جاڭبېينىڭ شامىلى بېيجىڭنىڭ چىراغلىرىنى ياندۇرىدۇ.» يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى جاڭبېي تۈر ئەترىتىدىكى بىرىنچى سەپتىكى خادىملار ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، مىنۇت ـ سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي توك تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى يېشىل ئېلېكتىر بىلەن تەمىنلەشكە كۈچ قوشتى.
جاڭجياكوۋ دۆلەتنىڭ مىليون دەرىجىلىك شامال ئېنېرگىيەسى قۇرۇلۇش بازىسى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى جاڭجياكوۋ شەھىرىنىڭ جاڭبېي ناھىيەسىدىكى 100 مېگاۋاتلىق شامال ئېلېكتىرىنى مۇقىم باھادا تورغا چىقىرىش ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى، جاڭجياكوۋ يېڭى ئېنېرگىيەنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، سىناق قىلىش، دەلىللەش مەركىزىنىڭ 100 مېگاۋاتلىق شامال ئېلېكتىر تۈرى قۇرۇلۇشىنى ئۈستىگە ئالدى.
بۇنىڭ ئىچىدە، جاڭبېي ناھىيەسىنىڭ 100 مېگاۋاتلىق شامال ئېلېكتىرىنى مۇقىم باھادا تورغا چىقىرىش ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنىڭ 1 ـ، 2 ـ قارارلىق قۇرۇلۇشىدا ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 2021 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، 5 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى قۇرۇلۇش باشلانغانىدى. 2021 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، تۇنجى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ تورلاشتۇرۇپ توك تارقىتىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، ھازىرغا قەدەر، توك بىلەن تەمىنلەش سىجىل، بىخەتەر كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، جەمئىي توك چىقىرىش مىقدارى 31 مىليون 59 مىڭ 445 كىلوۋات سائەت بولۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدا تۇنجى قېتىم %100 پاكىز ئېنېرگىيە ئارقىلىق توك بىلەن تەمىنلەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
«بۇ تۈردە تورلاشتۇرۇپ توك تارقىتىش جاڭجياكوۋ يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بېيجىڭ ـ تيەنجىن ـ خېبېي رايونى ۋە قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچ مەيدان ـ سارىيىغا يەتكۈزۈلۈشىنى كاپالەتلەندۈردى، جاڭبېي ئېلاستىكلىق تۇراقلىق توك قۇرۇلۇشى بىلەن بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق، ئېلاستىكلىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش تېخنىكىسىنىڭ يېڭى تىپتىكى جابدۇق تېخنىكىسى بىلەن يۇغۇرۇلۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، دۇنيادىكى تۇنجى تور خاسلىقىغا ئىگە تۇراقلىق توك ئېلېكتىر تورىغا ئايلاندى» دېدى ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئېلېكتىر ئىنژېنېرى جى جىمېڭ.
ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تۈر دىرېكتورى خو تيېما مۇنداق تونۇشتۇردى: جاڭبېي تۈرىدە ئاساسىي ماشىنا يەككە گېنېراتور سىغىمچانلىقىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئاساسەن، نۆۋەتتىكى ئاساسىي ئېقىم ماشىنا تىپى 4.5 مېگاۋات، 4.8 مېگاۋاتلىق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى قوللىنىلدى؛ ھازىر بۇ تۈردە پۈتۈن سىغىمچانلىق بويىچە تورلاشتۇرۇپ توك تارقىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بارلىق ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى 240 سائەتلىك سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈش باسقۇچىغا كىردى.
ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ جاڭبېي تۈرى تورلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، يىللىق ئوتتۇرىچە توك تارقىتىش مىقدارى 500 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىدۇ، ھەر يىلى 88 مىڭ 600 توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر تېجەيدۇ، تەخمىنەن 240 مىڭ 600 توننا كاربون (VI) ئوكسىدىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئازايتىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى يەنە دۇنيا بويىچە تۇنجى ئېلاستىكلىق تۇراقلىق توك ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى − جاڭبېي 500± كىلوۋولتلۇق ئېلاستىكلىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش ئۈلگە قۇرۇلۇشى بويىچە توك يەتكۈزۈش ئۇچىدىكى كاڭباۋ پونكىتى 500± كىلوۋولتلۇق يادرولۇق مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى، ھەمدە خېبېي فېڭنىڭنىڭ 500 كىلوۋولتلۇق سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى 500 كىلوۋولتلۇق يۇقىرى بېسىملىق كابېل + قوشۇمچە زاپچاس + توردا نازارەت قىلىش ـ ئۆلچەش قاتارلىق مەھسۇلاتلار ھەم بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەپ، تۈردە بىر قېتىمدىلا تەتۈر يۆنىلىشتە توك يەتكۈزۈشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، 500± كىلوۋولتلۇق جاڭبېي ئېلاستىكلىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنىڭ تەڭشەش ئۇچى فېڭنىڭ توك ئالماشتۇرۇش پونكىتى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ توك ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە ھەر تەرەپلىمە كاپالەتلىك قىلدى.