تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

بىز بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنايلى

− 24 ـ نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

بۈگۈن كېچە، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق، بەش ھالقىلىق بايراق جۇڭگو دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىدا ئاستا ـ ئاستا كۆتۈرۈلگەندە، جۇڭگو زېمىنىدا ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق، تىنچلىقنىڭ كاتتا مېلودىيەسى جاراڭلايدۇ.

بۈگۈن كېچە، قەدىمكى ئولىمپىيەنىڭ چوغى بېيجىڭ كېچە ئاسمىنىدا لاۋۇلداپ يانغاندا، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو بىلەن قەدىمىي ئولىمپىك يەنە بىر قېتىم قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.

بۈگۈن كېچە، پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كونا ـ يېڭى دوستلار دۇنيانىڭ شەرقىدە بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى «بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنايلى» دېگەن يېقىملىق سادانى ئورتاق ياڭرىتىدۇ.

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ بىر چوڭ ئىشى، مىليونلىغان جۇڭگو خەلقىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكىتىگە يەنە بىر قېتىم قىزغىن قۇچاق ئېچىشى، گۈللەپ ياشناۋاتقان، ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان جۇڭگونىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك ھالدا: «بىز بىر نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت كاتتا مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ئۆزگىچە ئۆتكۈزىمىز، قالتىس ئۆتكۈزىمىز، تەڭداشسىز ئۆتكۈزىمىز» دەپ جاكارلىدى.

2015 ـ يىلى بېيجىڭ جاڭجياكوۋ بىلەن بىرلىكتە 24 ـ نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن بۇيان، يېشىل، ھەمبەھرە، ئوچۇق، پاك بولۇشتىن ئىبارەت ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن تېجەشلىك، بىخەتەر، قالتىس بولۇشتىن ئىبارەت مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقىچە، «مۇز لېنتا» «قار قۇتى»دا لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشۈشتىن «300 مىليون كىشىنىڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇش» نىشانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە... تالاي قېتىم كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاش، تالاي قېتىم قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ گېپى گەپ، ئىشى نەتىجىلىك بولدى، «قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۇلۇغۋار پىلانى» قەدەممۇقەدەم رېئاللىققا ئايلاندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2022 ـ يىلى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە مۇنداق تەكىتلىدى: «بىز دۇنياغا بىر نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىنى سەمىمىي تەقدىم قىلىمىز. دۇنيا جۇڭگودىن ئۈمىد كۈتمەكتە، جۇڭگونىڭ تەييارلىقى پۈتتى.» ئولىمپىك يەنە بىر قېتىم «بېيجىڭ ۋاقتى»غا كىرگەندە، بىزنىڭ دۇنياغا بىر نۆۋەتلىك ئېسىل، ئالاھىدە، قالتىس ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىنى تەقدىم قىلىشقا ئىشەنچىمىز بار، ئىقتىدارىمىز بار! بىزنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا قېنىق، رەڭدار سەھىپە پۈتۈشكە ئىرادىمىز بار، جاسارىتىمىز بار!

تەنتەربىيە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئىنسانلار تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، ئولىمپىك تەنھەرىكىتى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بايلىقى. بەش ھالقىلىق بايراق ئاستىدا ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان ئۆڭدىكى تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى ئوخشاش بىر مۇسابىقە مەيدانىغا جەم بولدى، ئوخشاش بولمىغان ئىرق، ئوخشاش بولمىغان ئېتىقادتىكى خەلق ئوخشاش بىر ئارزۇ بىلەن ئىرادە باغلىدى. ئىنسانلار ئۈچۈن تىنچلىق، دوستلۇققا ئىنتىلىش ۋاسىتىسى يارىتىش، بۇ، ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ شان ـ شەرىپى؛ دۇنيا ئۈچۈن سۆزلىشىش، ئالماشتۇرۇش كۆۋرۈكى بەرپا قىلىش، بۇ، ئولىمپىك كاتتا مەرىكىسىنىڭ قىممەت يۆنىلىشى. 100 نەچچە يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكىتى ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى، ئالغا ئىلگىرىلەش ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىدى. بۈگۈن، ئولىمپىك روھى دۆلەت چېگراسىدىن ھالقىپ، پۈتۈن دۇنيادا كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەرقايسى دۆلەت تەنھەرىكەتچىلىرى شان ـ شەرەپ ۋە ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان مۇھىم سەھنىگە ئايلىنىپلا قالماي، يەنە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى.

ئولىمپىك چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ قەتئىي قاتناشقۇچىسى، شۇنداقلا ئولىمپىك قىممىتىنىڭ ئاكتىپ تۈرتكىچىسىدۇر. ھېرا ئىبادەتخانىسىدىن سەددىچىن سېپىلىغىچە، ئولىمپىيە تېغىدىن جۇمۇلاڭما چوققىسىغىچە، 100 نەچچە يىل ئىلگىرىكى «ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى توغرىسىدىكى ئۈچ سوئال»دىن بۈگۈنكى «قوش ئولىمپىك شەھىرى»گىچە، 2008 ـ يىللىق بېيجىڭ يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدا قىپقىزىل جۇڭگو ئىزىنى چوڭقۇر قالدۇرۇشىدىن 2014 ـ يىللىق نەنجىڭ ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ دۇنياغا بىر مەيدان قالتىس، ھاياتىي كۈچكە تولغان، جۇڭگوچە خاسلىققا ئىگە ياشلىق كاتتا مەرىكىسىنى تەقدىم قىلىشىغىچە، ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئولىمپىك بىلەن ئۇزاق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى گىرەلىشىپ، يۇغۇرۇلۇپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان يېپيېڭى ئولىمپىك سەھىپىسى ئۈزلۈكسىز پۈتۈلدى. 2022 ـ يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلۈشى جۇڭگو تەنتەربىيەسىنىڭ دۇنيا ئولىمپىك تەنھەرىكىتى بىلەن قوش پايدا ئېلىش ۋەزىيىتى يارىتىشىدىكى ياخشى پۇرسەت بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، دۇنياغا ئوچۇق ـ يورۇق، باي، قۇدرەتلىك، ئېچىۋېتىلگەن، ئۈمىدكە تولغان دۆلەت ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر مەدەنىيلىكى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، مۇقەررەر ھالدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكىتىگە بولغان قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئولىمپىك قىشلىق تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئولىمپىك روھىنى تارقىتىشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى يارىتىدۇ!

ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا كەڭ تارقىلىشىنىڭ گىرەلەشمە تەسىرىدە، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تىنچ تەرەققىياتقا بولغان ئۈمىدى تېخىمۇ سەمىمىي بولدى، ئادىللىق، ھەققانىيلىققا بولغان ساداسى تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشقا بولغان ئىنتىلىشى تېخىمۇ قەتئىي بولدى. 32 ـ نۆۋەتلىك يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت داۋاملىشىپ كەلگەن ئولىمپىك ھېكمەتلىك سۆزىگە «تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىش»نى قوشۇپ، دۇنيانىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىشقا، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىشكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىدەك ئارزۇنى ئىپادىلىدى. 76 ـ نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئولىمپىك ئۇرۇشنى ۋاقىتلىق توختىتىش قارارىنى كېڭىشىپ بىردەك ماقۇللاپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىتتىپاقلىقى، چىدامچانلىقى ۋە خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ بىباھا قىممىتىنى نامايان قىلىدىغان پۇرسەت ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى دەل جۇڭگو دېھقانلار كالېندارى بويىچە يولۋاس يىلىغا توغرا كەلدى، جۇڭگو مەدەنىيىتىدە يولۋاس باتۇرلۇق ۋە كۈچ ـ قۇدرەتنىڭ سىمۋولى. نۆۋەتتە ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان كەسكىن خىرىس ئالدىدا، چوڭ ۋەزىيەتكە ئۇيغۇنلىشىپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يولۋاسقا قانات چىققاندەك غەيرەتكە كېلىپ، يولۋاستەك جەسۇر بولۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر، توسالغۇلارنى باتۇرلۇق بىلەن يەڭگەندىلا، ئاندىن يۇقۇمدىن كېيىنكى مەزگىلدە گۈزەل دۇنيانى ئورتاق بەرپا قىلغىلى، ئىنسانىيەتنى ئۈمىد نۇرىغا چۆمدۈرگىلى بولىدۇ. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلگەن يەر شارىۋى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك تەنتەربىيە كاتتا مەرىكىسى بولۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكىتى ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، «بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنايلى» دېگەن باش تېمىلىق شوئار «تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇش − تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىش»تىن ئىبارەت ئولىمپىك يېڭى ھېكمەتلىك سۆزى بىلەن بىرلىكتە، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش، گۈزەل كەلگۈسىگە ئاتلىنىشتىكى تېخىمۇ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ!

داغدام يولدا ماڭغاندىلا، دۇنيا خەلققە مەنسۇپ بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، دۇنيادىكى بارلىق ئىلغار كۈچلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، جۇڭگو باشتىن ـ ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، يەر شارىۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپە قوشقۇچىسى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىدۇ!» تىنچلىق، ئېجىللىق، ئىناقلىق جۇڭخۇا مىللىتى ئىزچىل ئىنتىلىپ ۋە ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدىيە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن ـ ئاخىر ئىنسانىيەت ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات چوڭ ئېقىمى، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىش چوڭ ئەندىزىسى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات چوڭ تارىخىدىن تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى توغرا تونۇپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ كەلدى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش پۈتۈن يەر شارىغا ئورتاق بولغان تەنتەربىيە تىلى ۋە ئولىمپىك روھى ئارقىلىق، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى كۆڭلى ـ كۆكسى دېڭىزدەك كەڭ، سىغدۇرۇشچان سەھنە بىلەن تەمىنلەپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ئورتاق ئىنتىلىشى ۋە ئەڭ چوڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى سىزىپ چىقىدۇ. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، پەقەت قەتئىي تەۋرەنمەي تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تەرىپىدە تۇرۇپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرساقلا، بىز چوقۇم ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئەقىل ـ پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى تەقدىم قىلىپ، تارىخ چاقىنىڭ پارلاق ئىستىقبالغا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولالايمىز!

بۈگۈن كېچە، رەڭگارەڭ چىراغلار چاقناپ، مۇسابىقە باشلىنىدۇ. تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى مۇسابىقە مەيدانىغا كىرىپ، نىشانغا قاراپ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىدۇ؛ دۇنيا خەلقى قول تۇتۇشۇپ كېلىشىپ، تىنچلىق، دوستلۇق، ئىلگىرىلەش داستانىنى ئورتاق بايان قىلىدۇ. بۇ، قايناق ھېسسىيات ۋە ئارزۇنى يەتكۈزىدىغان پەيت، بۇ، جاسارەت ۋە كۈچنى نامايان قىلىدىغان پەيت، بۇ، كۈرەش ۋە ئىتتىپاقلىقنى تەسۋىرلەيدىغان پەيت.

بىز بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.