تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆلكە يولى ئىشىك ئالدىغا تۇتاشتى تاغلىق كەنتتە يېڭى تۇرمۇش باشلاندى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو

«ئۆيىمىز ئالدىدىكى بۇ يول ياسالمىغان بولسا، بىز بەلكىم يەنە نامرات تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بولاتتۇق!» دېدى 1 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى ئۇلۇغچات ناھىيەسى ئۇلۇغچات يېزىسى قورغان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۈمەنباي يولداش.

تۈمەنباي 1980 ـ يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، كىچىك ۋاقتىدا ناھىيە بازىرىغا بىر بېرىپ كېلىش ئۈچۈن بىر كۈن ۋاقىت كېتەتتىكەن، يەنە تېخى يولدىن ئۆتىدىغان يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن ئالدىن ئالاقىلىشىپ قويۇشقا توغرا كەلگەچكە، بىر يىلدا ناھىيە بازىرىغا ئىككى قېتىم بارىدىغانلار يوق دېيەرلىك ئىكەن.

«ئۇ چاغدا، قورغان كەنتىدىن ئۇلۇغچات ناھىيە بازىرىغىچە ئاسفالت يول يوق، پەقەت بىرلا شېغىل يول بار ئىدى، يولدىن ئۆتكەن يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھەممىسى يېقىن ئەتراپتىكى كاندىن رۇدا توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار ئىدى، سەپەرگە چىقىش ئىنتايىن تەسكە توختايتتى» دېدى تۈمەنباي.

«تۈمەنباينىڭ دېگەنلىرى توغرا، ئۇلۇغ بوۋام دەل قورغان كەنتىدە ياشاپ ئۆتكەن، بىز بۇ بىر ئەۋلادقا كەلگەندە ئاخىرى تاغ ئارىسىدىن چىقالىدۇق» دېدى ئۇلۇغچات يېزىسىدا دۇكان ئاچىدىغان بۇئاشىر ئايسار.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۇلۇغچات ناھىيەسى S309 ئۆلكە يولىنى ياسىدى، كەڭ، تۈز كەتكەن تاشيول ئۇلۇغچات يېزىسىدىن ئۆتۈپ، بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان 4400دىن ئارتۇق ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىنى راۋانلاشتۇردى.

S309 ئۆلكە يولىدا قاتناشنىڭ باشلىنىشى ئۇلۇغچات يېزىسىدىكى ئاممىنى بېيىشتا يېڭى يولغا ئىگە قىلدى. تۈمەنباي ئۇلۇغچات يېزىسىدا ئاپتوموبىل رېمونتخانىسى ئېچىپ، يولدىن ئۆتكەن شوپۇرلارنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان بولدى.

«ئىلگىرى يول ياسالمىغان بولغاچقا، بەزى شوپۇرلار بۇ يەرگە كېلىپ تىرانسپورت بىلەن شۇغۇللىنىشنى خالىمايتتى. ھازىر يول ياسالدى، ئاپتوموبىللارمۇ كۆپەيدى، تىجارىتىممۇ بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى.» بۈگۈنكى كۈندە، تۈمەنباي ئاپتوموبىل رېمونتخانىسىدىن ھەر ئايدا 4000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايدۇ، ياز پەسلى كەلگەندە ھەر ئايدا 8000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايدۇ.

يول ياسالغاندىن كېيىن، بۇئاشىرنىڭ تۇرمۇشىدىمۇ يېڭى ئۆزگىرىش بولدى. 2021 ـ يىلى 4 ـ ئايدا، بۇئاشىر بىر دۇكان ئاچتى، يەنە ئائىلىسىنىڭ مال كىرگۈزۈشىگە قولاي بولۇشى ئۈچۈن بىر كوزۇپلۇق يۈك ئاپتوموبىلى سېتىۋالدى. ھازىر ئۇ نەچچە كۈندە بىر قېتىم يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ئۇلۇغچات ناھىيە بازىرىغا بارىدۇ، ھەتتا قەشقەر شەھىرىگە بېرىپ دۇكىنىغا كېرەكلىك ماللارنى تاللاپ سېتىۋالىدۇ.

«ھازىر بىز ناھىيە بازىرىغا ئاپتوموبىلدا بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتتىلا بارالايمىز، بېرىپ ـ كېلىش ناھايىتى قولايلىق» دېدى بۇئاشىر.

قورغان كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قۇرمانبېك توختىقۇل مۇنداق تونۇشتۇردى: S309 ئۆلكە يولىدا قاتناش باشلانغاندىن بۇيان، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسى پىكاپ سېتىۋالدى، ھازىر پۈتۈن كەنت بويىچە 76 ئائىلىلىكنىڭ ئاپتوموبىلى بار، كەنتتىكى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىمۇ ئاپتوموبىل بىلەن شەھەرگە كىرگۈزۈلۈپ، بازاردىكى بازىرى ئىتتىك مالغا ئايلاندى. ئۇلۇغچات يېزىسىمۇ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرى قۇردى، كەنت ئاھالىلىرى كۈندىلىك زۆرۈر ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىشىكى ئالدىدىلا سېتىۋالالايدىغان بولدى.

2018 ـ يىلىنىڭ ئاخىرى، تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى قورغان كەنتى پۈتۈن كەنت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 2021 ـ يىلى پۈتۈن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 11 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى، كەنت ئاھالىلىرى بەختلىك، ھاللىق تۇرمۇشقا ئېرىشتى.

«ھەممەيلەن بېيىش ئۈچۈن ئاۋۋال يول ياساش كېرەك دېيىشىدۇ، S309 ئۆلكە يولى دەل بىزنىڭ بېيىشتىكى <تېز سۈرئەتلىك يول>ىمىز» دېدى قۇرمانبېك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.