تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«بەخت ئۆتىڭى»دە بەخت ھېكايىلىرى كۆپ

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە، ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ جىچېڭ

1 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، ساۋەن شەھىرىنىڭ دۇڭۋەن بازىرى شيادۇڭدى كەنتىدىكى شىياڭخۇڭ بەخت ئۆتىڭىدە پىدائىيلار بىلەن ياشانغانلار بىرلىكتە ئىگە ـ چاقىسىز ياشانغانلار ۋە ئۆيدە قالغان ياشانغانلارغا تەۋە بولغان بۇ بەخت ئائىلىسىنى بېزىدى.

ئەتىگەندىلا، داۋالاش مۇلازىمىتى پىدائىيلىرى شىياڭخۇڭ بەخت ئۆتىڭىگە كېلىپ، ياشانغانلارنىڭ كېسىلىنى ھەقسىز كۆردى. «چوڭ دادا، قان بېسىمىڭىز سەل يۇقىرى ئىكەن، يېمەك ـ ئىچمەككە ۋە دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىڭ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىغان دورىلارنى ۋاقتىدا يەڭ...» دېدى پىدائىي ما چىن 87 ياشلىق گۇ يۇڭئەن بوۋايغا تاپىلاپ.

بىر ياقتا ھەقسىز كېسەل كۆرۈلدى، يەنە بىر ياقتا بەزىلەر دېرىزە قىيىق گۈلى قىيىۋاتاتتى، جۇۋاۋا تۈگۈۋاتاتتى، يەنە بەزىلەر چاچ ياساۋاتاتتى... گەرچە زىمىستان قىش بولسىمۇ، لېكىن بەخت ئۆتىڭى ئىللىقلىققا تولغان بولۇپ، بايرام خۇشاللىقى ۋە شاد ـ خۇراملىق ئۇرغۇپ تۇراتتى.

ئۆيدە قالغان 84 ياشلىق بوۋاي جاڭ جىيۈەن تۇنجى بولۇپ چېچىنى ياسىتىپ بولغاندىن كېيىن، جۇۋاۋا تۈگگۈچىلەر قاتارىغا قوشۇلدى، بوۋاينىڭ ئەپچىللىك بىلەن جۇۋاۋا تۈگۈشى كۆپچىلىكنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى. «گەرچە بەخت ئۆتىڭىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگىنىگە ئۇزاق بولمىغان بولسىمۇ، بىز ھەممىمىز بۇ يەرگە كېلىشكە ئامراق، بۇ يەرنىڭ تاماقلىرى تەملىك بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ياشانغانلار بىرلىكتە پاراڭلىشىمىز، نېمىدېگەن ياخشى ـ ھە!» دېدى جاڭ جىيۈەن.

70 ياشلىق ليۇ فېڭچىن موماينىڭ بالىلىرى سىرتتا بولغاچقا، بەخت ئۆتىڭى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان ئۇ كۈندە بۇ يەرگە كېلىدىغان بولدى.

بۈگۈن ليۇ فېڭچىن دېرىزە قىيىق گۈلى قىيىش ماھارىتىنى نامايان قىلدى، گەرچە 70 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇ روھلۇق، تېتىك بولۇپ، قىيغان دېرىزە قىيىق گۈللىرىنى ئۆزى چاپلىدى. «بايا قان شېكىرى، قان بېسىمىنى ئۆلچەتتىم، ھەممىسى نورمال ئىكەن، چېچىمنىمۇ ياساتتىم، بىز بىرلىكتە جۇۋاۋا تۈگدۇق، دېرىزە قىيىق گۈلى چاپلىدۇق، دەرۋازىغا يەنە پانۇس ئاستۇق، چۇنليەن چاپلىدۇق، بۇ يەر بىزنىڭ ئائىلىمىز، ھارپا كېچىسى بىز خۇشال ـ خۇرام ھالدا باھار بايرىمىلىق جەم بولۇش تامىقىنى بىللە يېمەكچى بولۇۋاتىمىز» دېدى ليۇ فېڭچىن دېرىزە قىيىق گۈلى چاپلىغاچ.

بۇ يىل 50 نەچچە ياشقا كىرگەن گو مېيخۇا ئىلگىرى ساتىراشخانا ئاچقان بولۇپ، كەنتتە بەخت ئۆتىڭى ئېچىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، بىرىنچى بولۇپ پىدائىي بولۇشقا تىزىملاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۆز ھۈنىرىم ئارقىلىق كەنتتىكى ياشانغانلارغا مۇلازىمەت قىلالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەشمۇ بىر خىل گۈزەل ئەخلاق».

يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن ياش شەھەرگە كىرىپ ئىشلىدى، بۇنىڭ بىلەن ئۆيدە قالغان ياشانغانلار جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىغا ئايلاندى. يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش مەسىلىسىنى ئۈزۈل ـ كېسىل ھەل قىلىش ئۈچۈن، 1 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، ساۋەن شەھىرىنىڭ دۇڭۋەن بازىرى ئالدى بىلەن شيادۇڭدى كەنتىدە شىياڭخۇڭ بەخت ئۆتىڭىنى قۇرۇپ، كەنتتىكى 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنى كۈندىلىك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە غىزالىنىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، گەرچە ئېچىلغىنىغا تېخى بىر ھەپتە بولمىغان بولسىمۇ، كەنتتىكى ياشانغانلار ھەر كۈنى «جەزمەن بارىدىغان جاي» بولۇپ قالدى.

دۇڭۋەن بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى دۇمان شىرىزات مۇنداق دېدى: «بىز نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان دائىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، شارائىتى ھازىرلانغان كەنت، گۇرۇپپىلاردا ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈن بازارنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياشانغانلارنى غىزالىنىش مۇلازىمىتى، ساغلاملىق يېتەكچىلىكى، ئىستىراھەت كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنى كۈندىلىك تۇرمۇشىنى مول مەزمۇنلۇق ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.