− 300 مىليون كىشى قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە ئاتلاندى، شىنجاڭدا مەن بار ①
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋمى
بېيجىڭ 2022 - يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەنھەرىكەتچىلەر سېپى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. يەنە بىر «دۆلەت كوماندىسى»مۇ ئوخشاشلا دىققەتنى قوزغىدى − بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بىرلىكتە تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك 12 قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت ئورنىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭ «ماھىرلىرى» − ئالتاي قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت ئورنى، ئۈرۈمچى نەنسەن تېغى قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت ئورنى تىزىملىككە كىردى.
شىنجاڭنىڭ بۇ ئىككى «دۆلەت كوماندىسى ماھىرى» بۇ قېتىمقى تىزىملىككە كىرىشنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، قار تېيىلىش تەنھەرىكىتى ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ساياھەت ئىستىراھەت مۇلازىمىتىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ كۆپ تاللاش ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، قار - مۇز كەسپىنىڭ سۈپىتى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.
قار تېيىلىشنى ئاساس قىلىش
يەنە ساياھەت ئىستىراھەتكىمۇ ماس كېلىش
«مەن دوستلىرىم بىلەن 2 - ئاينىڭ ئاخىرى شىنجاڭغا بارىدىغان ئايروپىلان بېلىتىنى زاكاز قىلىپ بولدۇم.» شىجياجۇاڭلىق قار تېيىلىش ھەۋەسكارى لى مىڭيۈەن شىنجاڭدىكى قار تېيىلىش ئىستىراھەت سەپىرىنى ئەمدىلا ئاياغلاشتۇرغان بولۇپ، يەنە بىر قېتىم سەپەرگە چىقىشنى پىلانلاپ بولغانىدى. يۇقىرىقى ئىككى جايدىكى دۆلەت دەرىجىلىك قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت ئورنىدا، ئۇ بىۋاسىتە تەسىراتقا ئىگە بولدى ھەم شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونىدىكى ئەيۋېن قار تېيىلىش يولى ئۇنى جەلپ قىلىۋالدى، «بۇ يەردە ئۇدا ئۈچ كۈن قار تېيىلىپ، ھەركۈنى دېگۈدەك ئاسما ۋاگون توختىغىچە ئوينىدىم، بەك پۇخادىن چىقتىم».
«قار تېيىلىپ ناشتىلىق سېتىۋېلىش» ئارقىلىق قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان تور دارېنى دەن زېڭ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئالتايدا قار تېيىلىش ئوبراز ۋەكىلى بولۇپ قالدى. توزغاقسىمان قار بوش، ئىنتايىن سىلىق بولۇپ، قار تېيىلىش ھۇزۇرىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدىغان «توزغاقسىمان قار»دىن ئۇ ئالتاي شەھىرىنىڭ جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانىغا كېلىپلا «ئەرزىيدىغانلىقى»نى ھېس قىلدى. ئۇ ئەسلىدە شىنجاڭدا بىر ئاي تۇرۇپلا باشقا جايغا بارماقچى بولغانىدى، ئاخىرىدا «پۈتۈن قار پەسلىدە ئۆزىنى ئالتايغا بېغىشلىماقچى بولدى».
لى مىڭيۈەن، دەن زېڭغا ئوخشاش، ھازىر بارغانسېرى كۆپ كىشى قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت شەكلىدە شىنجاڭدا ئۇزاق تۇرۇپ قالماقتا.
«بۇ قېتىم باھالاپ بېكىتىلگەن قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت ئورۇنلىرى قار تېيىلىش مەيدانى بولۇپلا قالماي، بەلكى كۆپ ئىقتىدار توپلاشقان رايون» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بايلىق ئېچىش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى جوۋ خاۋ.
ئالتاي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى يې سۇچىن مۇنداق تونۇشتۇردى: 5S دەرىجىلىك قار تېيىلىش مەيدانىدىن باشقا، ئالتاي شەھىرىدە يەنە 4A دەرىجىلىك ئىككى ساياھەت مەنزىرە رايونى، 3A دەرىجىلىك يەتتە مەنزىرە رايونى، يەتتە سودا - ساياھەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى، توققۇز مەززىلىك تائاملار كوچىسى، ئالتە كەچلىك بازار، 100گە يېقىن تۈرلۈك ئېسىل مېھمانساراي، ئائىلىۋى مېھمانخانا بار.
ئۈرۈمچى نەنسەن تېغى قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت ئورنىدا قار تېيىلىش مەيدانىدىن باشقا، يەنە 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن بىرى، 4A دەرىجىلىك ۋە 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن بەشى، دۆلەت دەرىجىلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدان - سارىيىدىن بىرى، قار - مۇز ئۆزگىچە كىچىك بازىرىدىن بىرى، شيەنلەي كىچىك بازىرى شۇنداقلا تۈرلۈك قار ئويۇنى باغچىسىدىن ئون نەچچىسى بار. «مول ساياھەت ئىستىراھەت بايلىقىغا تايىنىپ، بىز تۈرى مول قار - مۇز باش تېما مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىپ، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپى، ئوخشاش بولمىغان مەزگىلدىكى ئىستىراھەت ئېھتىياجىنى قاندۇردۇق» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى نەنسەن تېغى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۈرۈمچى ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋېي جيەنيې.
بايلىق ئەلا سۈپەتلىك بولۇش
مۇلازىمەتتىمۇ يېتىشىپ مېڭىش
جوۋ خاۋنىڭ قارىشىچە، شىنجاڭدىكى ئىككى جاينىڭ تاللىنىشىدا، بىرىنچىدىن، قار تېيىلىش يادرولۇق بايلىقىنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكى ئاساس بولغان، ئىككىنچىدىن، قار تېيىلىش + ئىستىراھەت كەسىپ ھالىتى مول بولۇپ، كۆپ خىل «كۈندۈز + كېچە» ساياھەت ئىستىراھەت مەھسۇلاتلىرى بار ئىكەن.
«بىزنىڭ بۇ جاي دۇنيا دەرىجىلىك جاي.» ئالتاينىڭ قار - مۇز بايلىقى ئۈستىدە توختالغاندا، شىنجاڭ ئالتاي ساياھەت تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىنىڭ مەسئۇلى شى جىچياڭ ئىپتىخارلانغان ھالدا، قار مىقدارى زور، قار مەزگىلى ئۇزاق، قار سۈپىتى ئەلا، تېمپېراتۇرىسى ياخشى، قۇياش نۇرى يېتەرلىك، ئاساسىي جەھەتتىن شامالسىز بولۇش قاتارلىق نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەرنى بىراقلا مىسال كەلتۈردى.
نۇرغۇن قار تېيىلىش ھەۋەسكارى ئۈچۈن ئېيتقاندا، شىنجاڭدىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ جەلپكارلىقى «توزغاقسىمان قاردىن باشلىنىپ، مۇلازىمەت تەرىپىدىن جەلپ قىلىنىش»تا. ئالتاي شەھىرىدىكى مېھمانسارايلاردىن قار تېيىلىش مەيدانىغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان ئاپتوموبىل بار، كوچا ئاپتوبۇسى، تاكسىدا مەخسۇس چاڭغا قويىدىغان ئورۇن بار. قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىغا قارىتىلغان بۇ ئىللىقلىق تەدبىرلىرى 2020 - يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ، ئالتاينىڭ ساياھەت ئۇنىۋېرسال مۇلازىمىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى بىر كىچىك تەپسىلاتتۇر.
قونۇپ قالىدىغان ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشنى ئاساس قىلىش بۇ قېتىمقى باھالاپ بېكىتىش شەرتلىرىنىڭ بىرى. نۆۋەتتە، نەنسەن تېغى قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت ئورنىدا 400دىن ئارتۇق دېھقانلار، چارۋىچىلار ئارامگاھى، 200دىن ئارتۇق ئائىلىۋى مېھمانخانا بار. ۋېي جيەنيې مۇنداق دېدى: «ھەم تونۇلغان ئائىلىۋى مېھمانخانا، ھەم دېھقانلار، چارۋىچىلار ئارامگاھى بار، بىز قونالغۇ، كۈتۈۋېلىش ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خاسلىققا ئىگە قونالغۇ ئەندىزىسى بىلەن تەمىنلەيمىز».
پىكىر يولىنى كېڭەيتىش
چوڭ تىپتىكى مۇسابىقىلەرنى نىشانلاش
«دۆلەت كوماندىسى»غا تاللىنىشقا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ياخشى پۇرسىتى قوشۇلدى، شىنجاڭلىق ئىككى «ماھىر» يەڭنى تۈرۈپ تەق بولۇپ، داۋاملىق تۈردە ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەتنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى مەھسۇلات ۋە خاس پائالىيەتلەرنى ئېچىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى قار - مۇز ئىستىراھىتى پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىشقا تەييارلاندى.
«بىز <قار - مۇز تەنھەرىكىتى + مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش> ماركىسى بەرپا قىلىمىز.» ۋېي جيەنيې مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى نەنسەن قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت ئورنى بىر تەرەپتىن دۆلەت دەرىجىلىك قار - مۇز مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى پائال ئىلتىماس قىلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن قار - مۇز ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى بېيىتىپ، قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىدۇ.
جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى، سارقوبۇ دالىدا قار تېيىلىش مەيدانى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بېكىتكەن دۆلەت قىش پەسىللىك قار تۈرى مەشىق بازىسى بولۇپ، خەلقئارا قار تېيىلىش بىرلەشمىسى دالىدا قار تېيىلىش FIS جۇغلانما نومۇر مۇسابىقىسى (ئالتاي بېكىتى)، مەملىكەتلىك ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى قاتارلىق مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى، 3 - ئايدا يەنە مەملىكەتلىك دالىدا قار تېيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى، چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك دۆلەت دەرىجىلىك قار تېيىلىش مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالىدۇ. يې سۇچىن مۇنداق دېدى: «بىز ئۇل ئەسلىھەلەرنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگودىكى ئەڭ ياخشى ساياھەت مەنزىلى، دۇنيا دەرىجىلىك قار - مۇز ساياھەت ئىستىراھەت رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىمىز».
شىنجاڭ قىشلىق تەنتەربىيە ھەرىكىتى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى ۋاڭ جىڭ مۇنداق قارىدى: ھازىر شىنجاڭدىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ئارىسىدا بەلگىلىك ئالقىشقا ئېرىشتى ۋە تونۇلدى، بىر قىسىم قار تېيىلىش يوللىرى توردا ئالقىشلانغان، جەزمەن بارىدىغان قار تېيىلىش يولىغا ئايلاندى، بۇ قېتىمقى تاللىنىش شىنجاڭنىڭ قار - مۇز بايلىقىغا نىسبەتەن بىر قېتىملىق ناھايىتى ياخشى تەشۋىقات ھېسابلىنىدۇ.
جوۋ خاۋ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت - ساياھەت نازارىتى ئۆلكە دەرىجىلىك قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت ئورۇنلىرىنى باھالاشنى يولغا قويۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ قار - مۇز ساياھەت مەھسۇلاتى تەمىناتىنى زورايتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قار - مۇز ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ قار - مۇز ساياھىتىگە بولغان ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ».