تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كەنتتىكى ئات ئويۇنى ماھىرلىرى بەس - بەستە «ئات مىنىش»نى ئۆگەندى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رېن جياڭ، ياۋ گاڭ

بۇ بىرنەچچە كۈندە، ئالتاي شەھىرى ئاۋىيتان بازىرى شۆدۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تالغاتبېك نۇرلان باشقا جايدىكى دوستلىرىنىڭ يىغىلىشقا تەكلىپ قىلىش تېلېفونىنى ئارقا - ئارقىدىن قوبۇل قىلدى، ئۇ دوستانە تەكلىپنى رەت قىلالمىدى، ئۇ مېڭىشتىن بۇرۇن ئاكىسى قاناتبېك نۇرلانغا: «ئات ئويۇنى ساياھىتى بويىچە تەربىيەلەش بولسا ماڭا دەپ قويساڭ، مەن تېزلا قايتىپ كېلىمەن» دەپ ئالايىتەن تاپىلىدى.

1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قاناتبېكنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇ كەنتتىكى ئات ئويۇنى ساياھىتى بويىچە تەربىيەلەشكە ئەڭ ئاكتىپ قاتنىشىدىغان ياشلارنىڭ بىرى ئىكەن. ھازىر، شۆدۇ كەنتىدە بۇنداق كەنت ئاھالىلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپتۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتاي شەھىرى ئات مەدەنىيىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى تولۇق قېزىپ، ئاتچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان ئاۋىيتان بازىرى شۆدۇ كەنتىنى ئاتچىلىق ساياھىتىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان كەنت قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ئات مەدەنىيىتى مىللىي ئۆرپ - ئادەت خاسلىقىنى ھېس قىلىش تۈرىنى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە ئات بېقىش، ئات مىنىش، ئات ئويۇنى دەرسى ئاڭلاش قاتارلىقلارنى ھېس قىلدۇردى. مەسىلەن، «<ئالتۇن ئات يولى>دا ئات مىنىپ شۆدۇنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ساياھەت قىلىش» ئات ئويۇنى ساياھىتى تۈرىدە، ساياھەتچىلەر ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا دەرھال ئاتقا مىنەلەيدۇ. بۇ تۈر شۆدۇ كەنتىدە ئاتلىق ئەترەت تەشكىللىدى، ئون نەچچە ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى ئۆيىدىكى ئاتلىرىنى ئېلىپ بىرلىكتە ئەترەتكە قاتناشتى، قاناتبېك ئاكا - ئۇكا ئىككىسىمۇ ئەترەت ئەزاسى بولدى.

«بىز كىچىكىمىزدىن تارتىپلا ئات مىنىشنى، ئات كۆندۈرۈشنى بىلسەكمۇ، دەرسكە قاتناشقاندىن كېيىن ئاندىن ئات مىنىشتە يەنە نۇرغۇن بىلىملەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۇق.» قاناتبېكنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ تۆت يېشىدىن باشلاپ ئات مىنىشنى ئۆگەنگەن، 22 يىللىق ئات مىنىش تارىخىغا ئىگە «پېشقەدەم چەۋەنداز» بولۇپ، كۆپ قېتىم ئات بەيگىسىدە چېمپىيون بولغان ئىكەن. ئەمما ئۇ تۇنجى قېتىم ئات ئويۇنى ساياھىتى بويىچە تەربىيەلەشكە قاتنىشىپ تولىمۇ ھەيران قالغان. «ئۆزى ئات مىنىش بىلەن ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن» دېدى قاناتبېك.

«ئات ئويۇنى ساياھىتىدە بىخەتەرلىك بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزى ئات مىنىشتىن تارتىپ ساياھەتچىلەرنى بىخەتەر، ئەلا سۈپەتلىك مىنىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكىچە، مۇلازىمەت ئىدىيەسى، بىخەتەر مىنىش ئىدىيەسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى كۈچەيتىشى كېرەك، تەربىيەلەش كەم بولسا بولمايدۇ» دېدى شۆدۇ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى قايرات تاسقىن. بۇ كەنت ئات ئويۇنى ساياھىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەنت ئاھالىلىرىنى تۈرلۈك تەربىيەلەشكە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، ئالتاي ۋىلايەتلىك ئاتچىلىق كەسپى بىرلەشمىسىنىڭ كەسپىي تەربىيەلەش ئۇستىسىنى كەنتكە كېلىپ دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلدى.

ياز پەسلىدە دائىم ئاتنى يۇيۇپ، تاراپ تۇرۇش كېرەك، كۆپ ساندىكى ساياھەتچىلەر پاكىز، تۈكى پارقىراپ تۇرىدىغان ئاتنى تاللايدۇ، ھەتتا ئاتنىڭ يايلىسىنى ئۆرۈپ قويۇش ئارقىلىق گۈزەللىكنى سۆيىدىغان ئايال ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ جەلپ قىلغىلى بولىدۇ... كۆپ ۋاقىتلاردا، تەربىيەلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار مۇشۇنداق ئاددىي، ئەمما ناھايىتى ئەمەلىي قوللىنىشچان «مۇلازىمەت دەستۇرى»نى سۆزلەپ بېرىدۇ. «مۇلازىمەت ئىنچىكە تەپسىلاتلاردا نامايان بولىدۇ» دېدى كەنت ئاھالىسى چاغانباي قامدان. ئۇ ئىلگىرى قاناس مەنزىرە رايونىدىكى ئاتلىق ئەترەتتە ئىشلىگەن، مۇلازىمەتنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ چۈشىنىدۇ، شۇ سەۋەبتىن شۆدۇ كەنتىدىكى ئاتلىق ئەترەتنىڭ يېتەكچىسىگە ئايلانغان.

ئالتاي ۋىلايەتلىك ئاتچىلىق كەسپى بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چۈ گۇيبىن تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، دائىم ئات ئويۇنى ساياھىتى بويىچە تەربىيەلىگۈچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. «زامانىۋى ئاتچىلىق كەسپىنى، ئات ئويۇنى ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش بىلەن بىللە، زامانىۋى ئىلغار ئىدىيە، ئىلمىي، مۇۋاپىق ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.» ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، تۈرلۈك تەربىيەلەشنى كۆپرەك تەشكىللەپ، شۇ جايدىكى ئاتچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش ئويى بار دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ھەممىسىنى تەڭ قاتنىشىش، ئورتاق بېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.