تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۈتۈن شىنجاڭدا باھار بايرىمىلىق بازاردا مال يېتەرلىك، باھا مۇقىم بولدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن

بايراملىق مال تەييارلاپ، باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈش. بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بايراملىق ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى چوڭ سودا كارخانىلىرى مال مەنبەسىنى پائال تەشكىللىدى، قىسمەن ناھىيە، شەھەرلەر يەنە مۇقىم باھالىق گۆش، كۆكتاتنى بازارغا سېلىپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى، باھانى مۇقىملاشتۇردى.

تەمىنلەش يېتەرلىك، باھا مۇقىم بولدى

1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بېييۈەنچۇن بازىرىدا، كالا، قوي گۆشى، سۇ مەھسۇلاتلىرى، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلارنىڭ تەمىناتى يېتەرلىك، بازار سودىسى ئاۋات، خېرىدارلارنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆردى.

«گازىرنىڭ بىر كىلوگىرامى 18 يۈەن.» گازىر - پۇرچاق سېتىش يايما ئورنىدا، تىجارەتچى خېرىدارلارغا مال جىڭلاپ بەرگەچ، يەنە بىر خېرىدارغا جاۋاب بېرىۋاتاتتى. يايما ئورنىنىڭ ئالدى گازىر - پۇرچاق سېتىۋالىدىغان خېرىدارلار بىلەن لىق تولغانىدى.

كالا، قوي گۆشى، تىرىك بېلىق قاتارلىق گۆش تۈرىدىكى ئىستېمال بۇيۇملىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نۇرغۇن ئاھالىلەر تەييارلاشقا تېگىشلىك باھار بايرىمىلىق مال ئىدى. سۇ مەھسۇلاتلىرى سودا رايونىدا، مۇخبىر كىرىش ئېغىزىدا ئادەملەرنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى، ئوتخور بېلىق، چاڭيۈ، لوفېييۈنىڭ بازىرى ئەڭ ئىتتىك ئىكەنلىكىنى كۆردى.

ئۈرۈمچى شەھىرى بېييۈەنچۇن بازىرى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، باھار بايرىمى ھارپىسىدا، بۇ بازارنىڭ خېرىدارلار ئېقىمى ئادەتتىكى چاغدىكىدىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشقان، 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى بازاردىكى كۆكتات سودا مىقدارى ئادەتتىكى چاغدىكىدىن %18.5ئاشقان، مېۋە - چېۋە سودا مىقدارى ئادەتتىكى چاغدىكىدىن %25 ئاشقان، كالا، قوي گۆشى سودا مىقدارى ئادەتتىكى چاغدىكىدىن %30 ئاشقان. يېقىنقى بىرنەچچە كۈندە، سەۋزە، ياڭيۇ قاتارلىق قىشلىق كۆكتاتلار ھەمدە چوشقا گۆشى ۋە كالا گۆشىنىڭ باھاسى سەل تۆۋەنلىگەن.

شىنجاڭ خۇيجيا شىدەي تۈرلۈك ماللار پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭدا 20 دۇكىنى بار، باھار بايرىمى مەزگىلىدە ھەرقايسى دۇكانلارنىڭ باھار بايرىمىلىق خام، يېڭى ماللار بىلەن تەمىنلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ شىركەت مۇددەتتىن ئىككى ئاي بۇرۇن مال تەييارلاشقا تەشكىللەپ، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، گازىر،كەمپىت قاتارلىق بايراملىق مال زاپىسى مىقدارىنى ئادەتتىكى چاغدىكىنىڭ 1.5 ھەسسىسىدىن 2 ھەسسىسىگىچە يەتكۈزۈشكە، خام، يېڭى تاۋارلارنى ئىككى - ئۈچ كۈنلۈك ئوبوروت مىقدارىغا يەتكۈدەك قىلىپ تەييارلاشقا كاپالەتلىك قىلدى.

شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش سودا بازىرى پۈتۈن شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭ تىپتىكى مېۋە - چېۋە، كۆكتات توپ سېتىش بازىرى. نۆۋەتتە، بۇ بازارنىڭ كۆكتات كۈندىلىك سودا مىقدارى 5000 توننىدىن ئاشتى، مېۋە - چېۋە كۈندىلىك سودا مىقدارى 3500 توننىدىن 4000 توننىغىچە بولۇپ، ئادەتتىكى چاغدىكىدىن سېلىشتۇرغاندا، كۆكتات باھاسىنىڭ ئوتتۇرىچە تۆۋەنلەش نىسبىتى %10تىن يۇقىرى بولدى، مېۋە باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن تەڭلەشتى. بازار تەمىناتىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل بۇ بازار باھار بايرىمى مەزگىلىدە نورمال تىجارەت قىلىدىكەن.

شىخەنزە شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ لۈجوۋ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8 - شىسىنىڭ «كۆك - تاق» بازىرى. بۇ بىرنەچچە كۈندە، بۇ بازاردا ھەر كۈنى سىچۇەن، يۈننەن، شەندۇڭ، خەينەن قاتارلىق جايلاردىن يۆتكەپ كېلىنگەن مېۋە - چېۋە، كۆكتات 1500 - 2000 توننا ئەتراپىدا بولۇپ، شىخەنزە شەھەر رايونى، ھەرقايسى تۇەن - مەيدانلار ھەم ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەردىكى ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرالايدۇ.

مۇقىم باھالىق گۆش، كۆكتات بازارغا سېلىنىپ، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىندى

باھار بايرىمى مەزگىلىدە گۆش، كۆكتات تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، كورلا شەھىرى 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن باشلاپ زاپاس گۆش، كۆكتاتلارنى بازارغا سېلىشقا تەشكىللەپ، 75 توننا يېڭى كالا گۆشى، 60 توننا يېڭى قوي گۆشى، 150 توننا يېڭى چوشقا گۆشى، 400 توننا كۆكتاتنى بازارغا سېلىپ، ئاممىنىڭ سۈپىتى ئەلا، باھاسى ئەرزان زاپاس گۆش، كۆكتاتلارنى يېيەلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى پىلانلىدى.

قاراماي شەھىرىمۇ كورلا شەھىرىگە ئوخشاش ئۇدا نەچچە يىل يېڭى يىل، باھار بايرىمى قاتارلىق مۇھىم بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە زاپاس گۆشنى بازارغا سېلىشقا تەشكىللىدى. 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 31 - كۈنىگىچە، قاراماي شەھىرى بازارغا سېلىش نۇقتىسىدىن 60نى تەسىس قىلىپ، زاپاس گۆش ساتقان بولۇپ، 179 توننا قوي گۆشى، 103 توننا كالا گۆشى، 186 توننا چوشقا گۆشىنى بازارغا سېلىشنى پىلانلىدى.

بۇنىڭدىن باشقا، باي ناھىيەسى، چاقىلىق ناھىيەسى بازارغا سېلىش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، مۇقىم باھالىق كالا، قوي گۆشى ساتتى؛ ئالاتاۋ شەھىرى، لوپنۇر ناھىيەسى ھۆكۈمەت ياردەم تولۇقلىمىسى شەكلى ئارقىلىق مۇقىم باھالىق گۆش ساتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئالاتاۋ شەھىرى 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، بازارغا سېلىش نۇقتىسىدىن ئالتىنى تەسىس قىلىپ، مۇقىم باھالىق كالا گۆشى، قوي گۆشى ۋە چوشقا گۆشى ساتىدىغان بولۇپ، بازار باھاسى ئاساسىدا ھەر كىلوگىرامىغا ئون يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىدىكەن.

قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام، ئىناق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، چەرچەن ناھىيەسى يەنە تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلە قاتارلىق كىشىلەر توپىغا مۇقىم باھالىق قوي گۆشىنى نىشانلىق سېتىپ بەردى. بۇنىڭ ئىچىدە، چەرچەن ناھىيەسى 750 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ياردەم تولۇقلىمىسى غەملەپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى 2523 تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلە قاتارلىق كىشىلەر توپىدىكى ھەربىر ئائىلىگە تۆت كىلوگىرام قوي گۆشىنى ھەقسىز تارقىتىپ بەردى.

ئىستېمال بېلىتى تارقىتىلىپ، ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇندى

ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، بازارنى ئاۋاتلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئېلېكتىرونلۇق ئىستېمال بېلىتى تارقاتتى.

ئامما ئىستېمال بېلىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى سائەت 12دىن 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى سائەت 23تىن 59 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر ئىشلەتسە بولىدۇ، بىر قېتىملىق ئىستېمال 100 يۈەنگە توشسا 25 يۈەنلىك ئىستېمال بېلىتىدىن بىرنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ، بىر قېتىملىق ئىستېمال 200 يۈەنگە توشسا 50 يۈەنلىك ئىستېمال بېلىتىدىن بىرنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ، بىر قېتىملىق ئىستېمال 300 يۈەنگە توشسا 75 يۈەنلىك ئىستېمال بېلىتىدىن بىرنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. «بايىلا 150 يۈەنلىك چوڭ قىزىل بولاققا ئېرىشتىم، بۇ يىل ئىستېمال بېلىتىگە باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىپ، نۇرغۇن پۇلۇم تېجىلىپ قالدى» دېدى بورتالا شەھىرى ئاھالىسى ۋاڭ لىشيا.

قومۇل شەھىرى تيەنما تاللا بازىرى بانكا بىلەن بىرلىشىپ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ئىستېمالچىلار ئىستېمال قىلىپ چىقىم قىلغاندا، پۇل ئامانەت كارتىسى ياكى ئۈندىدار چىقىمىغا باغلانغان كىرېدىت كارتىسى، پۇل ئامانەت كارتىسىنى سۈرۈش ئارقىلىق، بەلگىلىك ئېتىباردىن بەھرىمەن بولالايدۇ. «ئۈندىدار چىقىمىغا باغلانغان يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ دېبېت كارتىسى ئارقىلىق، نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مەن تيەنما تاللا بازىرىدىن 220 يۈەنلىك باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋالدىم، 50 يۈەن ئېتىبار قىلدى، ناھايىتى مۇۋاپىق ئىكەن» دېدى قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى ئاھالىسى ما يىدا.

بۇنىڭدىن باشقا، باھار بايرىمىلىق ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار يەنە بايراملىق مال بازىرى، بايراملىق مال كوچىسى، بايراملىق يېمەكلىك بازىرى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىپ، يەرلىك خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.