تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، باھار بايرىمىلىق بازارنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: باھار بايرىمى يېتىپ كېلەي دەپ قالدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سودا تارماقلىرى كۆپ خىل ھەرىكەت قوللىنىپ، باھار بايرىمى مەزگىلىدە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بازارلاردا زۆرۈر تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەشتە مىقدارنىڭ يېتەرلىك، باھانىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى «باھار بايرىمى مەزگىلىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە بازارنى كۆزىتىپ ئۆلچەشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ سودا تارماقلىرى نۇقتىلىق سودا ئوبوروت كارخانىلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، مال مەنبەسىنى تەشكىللەش، تاۋارلارنى زاپاس ساقلاش، بايراملىق تەمىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى؛ كارخانىلارنى كۆپ خىل شەكىلدىكى خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلققە پايدىلىق بولغان سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلىدى؛ بازارنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپ يوللاش مېخانىزمىنى قوزغىتىپ، بايراملىق بازارنى ئالدىن مۆلچەرلەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، چوڭ تىپتىكى پارچە سېتىش، يېمەك - ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ سېتىش ئەھۋالى، بازارنىڭ يۈرۈشۈش ئالاھىدىلىكى ۋە ئاساسلىق تاۋارلارنىڭ باھا يۈزلىنىشىگە قارىتا كۆزىتىپ ئۆلچەشنى قانات يايدۇردى.

تەمىنلەش يوللىرىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە، ئاپتونوم رايوندىكى سودا تارماقلىرى زۆرۈر تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، پىششىقلايدىغان، ئوبوروت قىلىدىغان تايانچ كارخانىلارنىڭ بازار سۇبيېكتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سودا ئوبوروت كارخانىلىرى مال مەنبەسىنى تەشكىللەش سالمىقىنى زورايتىپ، بايرام مەزگىلىدىكى بازار تەمىناتىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، باھانىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

بايرام ئالدىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئىگىلەشكە ئاساسلانغاندا، بايرام مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا زۆرۈر تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ مال مەنبەسى يېتەرلىك، باھاسى مۇقىم، ئىستېمال جانلىق، تەرتىپ ياخشى بولىدىكەن. ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى چوڭ تىپتىكى پارچە سېتىش ۋە يېمەك - ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ بايرام ئالدىدىكى سېتىش سوممىسىدا ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايوندىكى بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى ئاپتونوم رايون بويىچە چوڭ تىپتىكى سودا ساراي، تاللا بازىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، دورىخانا، ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردا بازار باھاسىنى سەييارە تەكشۈرۈشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، تىجارەتچىلەرنىڭ باھانى ئېنىق يېزىش، ھەق ئېلىشنى ئاشكارىلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تىجارەتچىلەرگە باھادا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، قانۇن بويىچە سەمىمىي تىجارەت قىلىشنى ئەسكەرتتى. ھەرقايسى جايلارنى مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرىنىڭ باھاسىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، باھاغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك ئەرز - شىكايەتلەرنى ۋاقتىدا، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، باھادىكى قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق، تېز تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، بازار باھاسى تەرتىپىنى قوغداپ، بايرام مەزگىلىدە بازارنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا تەشكىللىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر ليۇ بىن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايونىمىز يەنە بازارنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، كۆكتات، گۆش، تۇخۇم، سۈت قاتارلىق مۇھىم تاۋارلارنىڭ سودا ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، بازار تەمىناتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ باھار بايرىمىنى تىنچ، خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.