تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا باھار بايرىمى ئورتاق كۈتۈۋېلىندى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، مەززىلىك تائاملارنى ئېتىش، چۇنليەن چاپلاش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش... بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام كۈتۈۋالدى، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە كۈچ قوشتى.

بۇيرۇق تاپانچىسىنىڭ ئېتىلىشىغا ئەگىشىپ، بىر مەيدان ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى باشلاندى. مۇسابىقە مەيدانىدا، ماھىرلار ئات ئۈستىدە قامچىلىرىنى ئوينىتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تىركەشتى. 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ ئويماق بازىرىدىكى كاكې كەنتى بىلەن قاتاي كەنتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام كۈتۈۋېلىش، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە كۈچ قوشۇش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى» قىزغىن ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى.

ئوغلاق تارتىشىش، ئات بەيگىسى، ئارقان تارتىشىش، ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى قاتارلىق ئۆزگىچە قالتىس مۇسابىقە تۈرلىرى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. «باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، بۇ مەيدان ئۆزگىچە تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. بۇ مەيدان تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىز چارۋىچىلارنىڭ كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھىمىزنى ئۇرغۇتتى. ھەر مىللەت ئامما قەلبداش بولۇپ، زىچ ئىتتىپاقلاشساقلا، چوقۇم كۈنلىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دېدى كاكې كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تالغاتبېك يېسىڭ.

1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، مارالبېشى ناھىيەسى سېرىقبۇيا بازارلىق 2 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يېڭى ئۆستەڭ يېزىسى چىدىر كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى، كەنت كادىرلىرى، بېيىش ماھىرلىرى بىلەن بىرلىكتە تاڭنۇر كەچلىك بازىرىدا بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى.

كۆپچىلىك بىرلىكتە كەچلىك بازارنى ئايلىنىپ، مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ، پاراڭلىشىپ، ناخشا - ئۇسسۇل كۆرۈپ، قويۇق بايرام كەيپىياتىنى ھېس قىلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجىلەردىن ھۇزۇرلىنىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش گۈزەل كەلگۈسىگە ئىنتىلدى.

چىدىر كەنتىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئوسمان ياسىن مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە، بىز شەھەرلىكلەردەك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ بىز دېھقانلار بىلەن بولغان ئالاقىسى بارغانسېرى قويۇقلاشتى، خىزمەت ئەترىتىدىكى تۇغقانلىرىمىز بىز بىلەن بىرلىكتە كەچلىك بازارنى ئايلىنىپ، يېڭى يىلنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى، مەن ناھايىتى خۇشال بولدۇم. مەن باشلامچىلىق بىلەن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، كەنتىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل، باي - باياشات قىلىپ قۇرۇپ چىقىمەن».

باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش، يېڭى كىيىم تەييارلاش، مەززىلىك تائاملارنى ئېتىش... بىرقانچە كۈندىن بۇيان، نىلقا ناھىيەسىنىڭ كۆكخوتقور موڭغۇل يېزىسى چاقانام كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىمۇ ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتى. 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، كەنت ئاھالىسى بېمبە سىجيەننىڭ ئۆيىدە، قوشنىلار، دوستلار موڭغۇل مىللىتىنىڭ خاس يېمەكلىكى ماخارنى قولمۇقول پىشۇرۇۋاتاتتى.

بېمبە مۇنداق دېدى: «ماخار موڭغۇل مىللىتىنىڭ بايراملاردا مېھمان كۈتۈشتە ئالدىن تاللايدىغان مەززىلىك يېمەكلىكى بولۇپ، قەدەممۇقەدەم يۇقىرى ئۆرلەش، دانلىق زىرائەتلەردىن مول ھوسۇل ئېلىشقا سىمۋول قىلىنىدۇ. مەززىلىك ھىدى ئەتراپقا تارقىلىپ تۇرىدىغان ماخارغا جەم بولۇش خۇشاللىقى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان قىزغىن، سەمىمىي ئارزۇ يۈكلەنگەن، شۇنداقلا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلارنىڭ ياخشى نەتىجە قازىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز».

چۇنليەن چاپلاپ، پانۇس ئېسىپ، باھار بايرىمى قاينام - تاشقىنلىق ئىچىدە كۈتۈۋېلىندى. 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، تۇرپان شەھەرلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ چۇنليەن چاپلاش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئىدىقۇت رايونى يار بازىرىنىڭ شاڭخۇ كەنتىگە كېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە چۇنليەن چاپلاپ بېرىپ، باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام كۈتۈۋالدى.

چۇنليەن چاپلاش جەريانىدا، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار كەنت ئاھالىلىرىگە چۇنليەن چاپلاشنىڭ كېلىپ چىقىشىنى چۈشەندۈردى ھەم كەنت ئاھالىلىرىگە باھار بايرىمىلىق تىلىكىنى بىلدۈردى. كەنت ئاھالىلىرىمۇ ئۆزلۈكىدىن چۇنليەن چاپلاش سېپىگە قوشۇلۇپ، كوچىلار ئادەتتىن تاشقىرى بايراملىق خۇشال كەيپىياتقا چۆمدى، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن باھار بايرىمى كەيپىياتى نەق مەيداندىكى ھەربىر كىشىنى تەسىرلەندۈردى.

شاڭخۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ۋاڭ شيۇفاڭ مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىكنىڭ بىزگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە غەمخورلۇق قىلغانلىقىغا، مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەرگە قويۇق بايرام كەيپىياتىنى ھېس قىلدۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. ھازىر دۆلەتنىڭ سىياسىتى بارغانسېرى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىمىز تېخىمۇ ئاشتى».

(مۇخبىر رايىدە، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ تىڭ، جاڭ رۇيلىن، بۇرچىن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن جەزىرە باقىتبېك، نىلقا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن جى گۇيجىن، مارالبېشى ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن يەن بىن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.