□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ دۇڭمېي
1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونى مۇشۈگوۋ شىمالىي يولىدا، دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئۈرۈمچى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ شەھەر رايونى 1 - توك بىلەن تەمىنلەش مەركىزى شىسەن توك بىلەن تەمىنلەش ئورنىدىكى يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش خادىمى ئادىل بىلەن ۋۇ پېڭبو بۇ يەردە لىنىيەنى كۆزىتىۋاتاتتى، ئۇلار ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق تېمپېراتۇرا ئۆلچىگۈچ بىلەن لىنىيەنىڭ يۇقىرى بېسىمى تۆۋەنلىگەن چاغدىكى بىخەتەرلىك سىمىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، بۇ يەردە قىزىش نۇقتىسىنىڭ بار - يوقلۇقىنى، ئۆتكۈزگۈچ سىمدا ئۈزۈلۈش ئەھۋالىنىڭ بار - يوقلۇقىنى تەكشۈردى.
ئۇلارنىڭ ئايىغى ئاستىدىكى يىغىلغان قارلاردىن «غاچ - غاچ» قىلغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇراتتى، تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەپ بولۇپ، خاتىرىنى ياخشى قالدۇرغاندىن كېيىن، ۋۇ پېڭبو يۈزىنى ئۇۋۇلىدى، گەرچە ئۇچىسىغا تۆت قات قېلىن كىيىم ، قولىغا قېلىن پەلەي، پۇتىغا توك ئۆتمەس ئاياغ كىيگەن بولسىمۇ، لېكىن قەھرىتان سوغۇققا يەنىلا بەرداشلىق بېرەلمىدى.
«بىز تەپسىلىي تەكشۈرۈشىمىز كېرەك، باھار بايرىمى كېلەي دەپ قالدى، ئازراقمۇ تاسادىپىيلىق يۈز بېرىشكە بولمايدۇ.» ئادىل بىلەن ۋۇ پېڭبو ماڭغاچ سۆزلىشىپ قەدىمىنى تېزلەتتى.
باھار بايرىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئاھالىلەر ۋە كارخانىلارنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى تەدرىجىي ئاشتى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ باھار بايرىمىدا توك ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە خادىملىرى بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ ئالدىراش ۋاقىت بۆلىكىگە قەدەم قويدى.
بۇ رايوندىكى لىنىيەنى كۆزىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلار شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ تارقىتىش بازىرىغا باردى، بۇ يەردىكى توك بىلەن تەمىنلەش - توختىتىش ئورنى پۈتۈن بازاردىكى سودا دۇكانلىرى ۋە ئەتراپتىكى 1500 ئائىلىلىكتىن ئارتۇق ئولتۇراق رايون ئاھالىلىرىنى توك بىلەن تەمىنلەيتتى.
ئادىل توك بىلەن تەمىنلەش - توختىتىش ئورنىغا كېلىپ، شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى ئۇنىۋېرسال رېمونت قىلىش - ئاسراش بەنىنىڭ بەنجاڭى خۇ يۇڭدىن «سىلەرنىڭ بۇ يەردىكى توك مەنبەسى، توك بىلەن تەمىنلەش، توك ئىشلىتىشنىڭ ھەممىسى نورمالمۇ؟» دەپ سورىدى، «مەسىلە يوق، سىلەر ياردەملىشىپ تەكشۈرۈپ بەرسەڭلار بىز تېخىمۇ خاتىرجەم بولىمىز.» خۇ يۇڭنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغان ئادىل بىلەن ۋۇ پېڭبو توك ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەكشۈردى، سانلىق مەلۇماتلاردا ھەممىسىنىڭ نورمال ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. «بۇ يەر پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ كۆكتات توپ تارقىتىش بازىرى، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ناھايىتى مۇھىم» دېدى ئادىل.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شىسەن تەۋەلىك رايونىدا ئىككى تەرىپى ئېگىز، ئوتتۇرىسى پەس تار بولغان ئۇزۇن يول تەدرىجىي شەكىللەنگەن بولۇپ، قىسمەن جايلاردا ئۆتكۈنچى شامال كۆپ چىقىپ، بۇ رايوننىڭ توك بىلەن تەمىنلىشىنىڭ ئىشەنچلىكلىكىگە تەسىر يەتكۈزگەنىدى. «بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەندە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تارماقلىرى توك سىملىرى ئۈزۈلۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى بايقىغاندىن كېيىن، بىزگە بىر تەرەپ قىلىشنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرىدۇ، بۇنىڭ بىزگە ياردىمى ناھايىتى چوڭ» دېدى خۇ يۇڭ.
قەھرىتان سوغۇق بولغان مەزگىلدە، پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىنىڭ توك ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىشمۇ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تارماقلىرىنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ بىرى. ئارقىدىن، ئادىل بىلەن ۋۇ پېڭبو يەنە شىسەن يولىغا جايلاشقان ئۈرۈمچى شىچېڭ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىگە باردى، بۇ ئەتراپتا ئولتۇراق رايونلار زىچ جايلاشقان بولۇپ، شىچېڭ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە شىركىتى شىسەن تەۋەلىك رايونىدىكى ئاھالىلەرنى پار بىلەن تەمىنلەشنى ئۈستىگە ئالغانىدى.
بۇ ۋاقىتتا، توكچىلار بەنىنىڭ بەنجاڭى ئازات دالەيخان توك تەقسىملەش ئۆيىدە نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان بولۇپ، بىر تەرەپتىكى پار قازان ئۆيىدىن گۈرۈلدىگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
«يېقىندىن بۇيان توك ئىشلىتىش ئەھۋالى قانداق بولۇۋاتىدۇ، ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈشى نورمالمۇ...» ئادىل ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق تېمپېراتۇرا ئۆلچىگۈچ بىلەن توك تەقسىملەش ئۆيىدىكى يۇقىرى بېسىملىق ساندۇق كابېل ئۇچىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، «11 سېلسىيە گىرادۇس، نورمال ئىكەن» دېدى، ئارقىدىن، ئۇلار يەنە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي تەكشۈردى.
ئادىل بىلەن ۋۇ پېڭبو لىنىيەنى چارلاپ تەكشۈرۈۋاتقاندا، خىزمەتدىشى جۇ شىن شىشەن توك بىلەن تەمىنلەش ئورنىنىڭ نۆۋەتچىلىك ئۆيىدىكى كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ، تىجارەت سىستېمىسىدا كۆرسىتىلگەن يىراق مۇساپىلىك قىممەت تولۇقلاشنى نازارەت قىلىش - كونترول قىلىش بېتىنى تەكشۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ يىراق مۇساپىلىك قىممەت تولۇقلىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغانلىقىنىڭ تەپسىلاتىنى قەرەللىك يېڭىلاۋاتاتتى، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان ئىش تالونىنى بايقىغان ھامان، ئۇ بىرىنچى ۋاقىتتا جىددىي رېمونت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ما خاۋتيەن بىلەن ئالاقىلەشتى، ما خاۋتيەن خىزمەتداشلىرى بىلەن دەرھال ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، نەق مەيداندا ئالىقان ئاپپاراتى ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ توك سېتىۋېلىش سوممىسىنى توك سائىتىگە كىرگۈزۈپ بەردى.
بۇ چاغدا، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى خۇامېي بوئاۋ ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى دۇ فاڭفېي ئېرى بىلەن توك تەمىنلەش ئورنىغا كەلدى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك سائىتى ئالماشتۇرغانىدى، يېڭىدىن ئالماشتۇرغان توك سائىتىدە پەقەت توك مىقدارىلا كۆرۈنۈپ، پۇل سوممىسى كۆرۈنمىگەچكە، بوۋاي - موماي سەل ئەنسىرەپ قالغانىدى.
«باھار بايرىمى كېلەي دەپ قالدى، توك سائىتىدە يەنە قانچىلىك توك پۇلى قالغانلىقىنى بىلىپ باقماقچىتۇق، باھار بايرىمىدا توك پۇلىنىڭ تۈگەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالمىساق بولمايدۇ.» دۇ فاڭفېي تىت - تىت بولۇپ سورىدى. جۇ شىن يان تېلېفونىنى چىقىرىپ، ئۇلارغا يان تېلېفوندا «توردىكى دۆلەت ئېلېكتىر تورى»APPسىنى چۈشۈرۈشنى قولمۇقول ئۆگىتىپ قويدى، «بۇنىڭدىن كېيىن ئۆيدىلا كۈندىلىك توك ئىشلىتىش مىقدارىنى تەكشۈرەلەيدىغان بولدۇق، بۇ ھەقىقەتەن بەك قولايلىق ئىكەن، رەھمەت!» دۇ فاڭفېي بىلەن ئېرىخۇشال ھالدا توك بىلەن تەمىنلەش ئورنىنىڭ دەرۋازىسىدىن چىقتى.