تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​2021 - يىلى شىنجاڭ ئىقتىسادى %7.0 ئاشتى

«14 - بەش يىل»دا ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشتى

​2021 - يىلى شىنجاڭ ئىقتىسادى %7.0 ئاشتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فېڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى بىرتۇتاش ھېسابلاش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، 2021 - يىلى شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 598 مىليارد 365 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %7.0 ئاشقان، ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5.2 ئاشقان.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى شۈ جيەنخۇي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق بىلدۈردى: 2021 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەردە نىشان - ۋەزىپە نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىلىپ، «14 - بەش يىل»دا ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشتى.

ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچ يەنىمۇ كۈچەيدى. 2021 - يىلى شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %16 ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە 23 - ئورۇندا تۇرۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن بىر ئورۇن ئالدىغا سۈرۈلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 1 - كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 235 مىليارد 606 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %7.9 ئاشتى؛ 2 - كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 596 مىليارد 736 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %6.7 ئاشتى؛ 3 - كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 766 مىليارد 23 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %6.9 ئاشتى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلاندى. 2021 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر - بازارلاردا 477 مىڭ 400 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %103.8ى ئورۇندالدى؛ يېزىلاردىكى 3 مىليون 174 مىڭ ئارتۇق ئەمگەك كۈچى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %115.4ى ئورۇندالدى؛ شەھەر - بازارلاردا تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %2.2 بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 1.1 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىدى.

ئىمپورت - ئېكسپورتتا مۇقىملىق ساقلاندى، ئېكسپورتتا بىرقەدەر تېز ئېشىش ئىشقا ئاشتى. 2021 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 156 مىليارد 907 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %5.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 15.3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا يەنە بۇلتۇر پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئالماشتۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋالى ئاشكارىلاندى. 2021 - يىلى، شىنجاڭدىكى ئۈچ كەسىپنىڭ ئىقتىسادقا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %16.3، %33.2 ۋە %50.5 بولدى. تۇراقلىق مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ (دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %15.0 ئاشتى، سېلىنما قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى. جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 358 مىليارد 462 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %17.0 ئاشتى؛ شىنجاڭ كارخانىلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغان توردا پارچە سېتىش سوممىسى 42 مىليارد 720 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %41.3 ئاشتى. كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان پايدا 191 مىليارد 611 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 1.96 ھەسسە ئاشتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئاھالىلەرنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 26 مىڭ 75 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %9.4 ئاشتى، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە ئەمەلىي ئېشىش نىسبىتى %8.1 بولدى.

شۈ جيەنخۇي مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى باسقۇچتا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون مۇقىملىقنى باش ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.