تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاشىلى قوي گۆشى شىنجاڭ سىرتىدا بازار تاپتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بارشا تېگېس

1 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، سانجى شەھىرى ئاشىلى قازاق يېزىسى ئەرداۋشۈي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئامانجۇل سېتىقان قويلارغا يەم بېرىۋاتاتتى. ئۇ قىسقا ئۇچۇر ئەسكەرتىشىنى ئاڭلىدى، يان تېلېفون ئېكرانىدا بانكا ھېساباتىغا 60 مىڭ يۈەن كىرگەنلىكى كۆرسىتىلىپ تۇراتتى.

«بەك ياخشى بولدى، شۇنچە تېزلا ھېساباتقا كىرىپتۇ!» ئامانجۇل شىنجاڭ نايۈەن چارۋىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نايۈەن چارۋىچىلىقى» دېيىلىدۇ)نىڭ باش دىرېكتورى پەن جىنجيەننىڭ يان تېلېفونىغا تېلېفون بېرىپ: «پەن دىرېكتور، مېنىڭ يەنە ئازراق قويۇم بار، بىر ئايدىن كېيىن قوتاندىن چىقىدۇ، ئېسىڭىزدە بولسۇن ـ ھە!»دېدى.

«شىركەت ئۆيگە كېلىپ قويلارنى سېتىۋالىدۇ، باھاسىمۇ بازار باھاسىدىن يۇقىرى» دېدى ئامانجۇل خۇشال ھالدا.

2021 ـ يىلى، ئاشىلى قازاق يېزىسى نايۈەن چارۋىچىلىقى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، «ئاشىلى»نى تاۋار ماركىسى قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇپ، «شىركەت + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + چارۋىچى» شەكلىنى قوللىنىپ، ئاشىلى قازاق يېزىسىنىڭ قوي گۆشى ماركىسىنى نۇقتىلىق يارىتىپ، چارۋىچىلىقنىڭ كەسىپلەشكەن تىجارىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك بايلىققا تايىنىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، تور ۋە تور سىرتى بىرلەشتۈرۈلگەن سېتىش شەكلىنى قوللىنىپ، يايلاق قويى گۆشىنىڭ خۇش ھىدىنى تۆت ئەتراپقا تاراتتى.

سانجى شەھىرى چاڭنىڭ جەنۇبىي يولىدىكى «ئاشىلى» قوي ـ كالا گۆشى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدا مال ساتقۇچى قوي گۆشىنى پارچىلاش، ئوراپ قاچىلاپ كىسلاتاسىزلاشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى، تېز يەتكۈزۈش خادىمى سانىنى ئېلىۋاتاتتى. بىرنەچچە سائەتتىن كېيىن، بۇ بىر تۈركۈم قوي گۆشى ئايروپىلانلىق فۇجيەنگە ئەۋەتىلىدۇ.

«ئۆزىمىزنىڭ ماركىسى بار بولدى، قوي گۆشىنىڭ سېتىلىش يولى تېخىمۇ كېڭەيدى، بۇ يىل ھەمكارلىق كوپىراتىپى باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى پىلانلاۋاتىدۇ.» ئاشىلى قازاق يېزىسى بېرىك چارۋىچىلىق ـ باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باشلىقى ئوراز ئاقىن مۇنداق دېدى: نايۈەن چارۋىچىلىقى بۇ يېزىدىكى ھەرقايسى ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىدا مەركەزلىك باشقۇرۇش، يەم ـ خەشەك رېتسېپىنى ئەلالاشتۇرۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تەربىيەلەش ۋە يېتەكچىلىكنى قانات يايدۇردى ھەم زاكازلىق سېتىۋالدى، 2021 ـ يىلى بۇ يېزىدىن 23 مىڭ قوي سېتىۋالدى.

«يېقىندا فۇجيەن چۈەنجوۋغا 500 يەشىكتىن ئارتۇق ئىنچىكە پىششىقلانغان قوي گۆشى ئەۋەتىلدى.» پەن جىنجيەن مۇنداق دېدى: شىركەت 4 ـ ئايدا ئاشىلى قازاق يېزىسىدا 2000 كىۋادرات مېتىرلىق ئىنچىكە پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرىدۇ، بۇ كىسلاتاسىزلاشتۇرۇش سېخى ۋە سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يىللىق سېتىش سوممىسىنىڭ 50 مىليون يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئاشىلى قازاق يېزىسىنىڭ بازار ئېچىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، فۇجيەن چۈەنجوۋ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ ھەم چۈەنجوۋ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، سانجى شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى بىلەن بىرلىشىپ، كەڭ كۆلەمدە تونۇشتۇرۇپ، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، «ئاشىلى» قوي گۆشىنى چۈەنجوۋ قاتارلىق جايلارغا تەۋسىيە قىلدى. ھازىر «ئاشىلى» قوي گۆشى يەنە بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا مۇۋەپپەقىيەتلىك سېتىلدى.

«بۇ يىل بىز خاس چارۋىچىلىق كەسپىنى داۋاملىق زورايتىپ، كۈچەيتىپ، گۆش كالىسى، گۆش قويى ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى پائال كېڭەيتىپ، يېزا ـ كەنت كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىمىز» دېدى ئاشىلى قازاق يېزىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى مۇختەر تاھىر.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.