تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىڭىراۋ كەنتىدىكى يېڭى ئۆيلەرگە شەھەرلىكلەرمۇ ھەۋەس قىلىدۇ

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ گاڭ، رېن جياڭ

1 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى ئەتىگەندىلا، ليۇ يۆلۈن توكسىكلىتىنى مىنىپ يېڭى ئۆيگە كەلدى. «بۈگۈن مەن سېتىۋالغان 11 خالتا سېمونت يېتىپ كېلىدۇ، باھار بايرىمىدىن بۇرۇن چاقچۇق خىشنى ياتقۇزۇپ بولالايمىز» دېدى ليۇ يۆلۈن.

ئالتاي شەھىرى ئاۋىيتان بازىرى شىڭىراۋ كەنتىگە كىرسىڭىز، خۇيجوۋ ئۇسلۇبىدىكى ئايرىم ھويلىلىق ئىككى قەۋەتلىك كىچىك بىنالار كۆزىڭىزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. «240 كىۋادرات مېتىر، ئىككى قەۋەت، يەردىن ئىسسىيدىغان پار ئورنىتىلغان، تۇرۇبا سۈيى، يۇندى يولى تولۇق، پولغا تۇتاشقان چوڭ دېرىزىدىن كۈن نۇرى ياخشى چۈشىدۇ، داچىدىن ھېچقانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ.» ليۇ يۆلۈن مۇخبىرلارنى باشلاپ يېڭى ئۆيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرغاچ، ئۆي بېزەش تەسەۋۋۇرى توغرىسىدا پاراڭلاشتى.

شىڭىراۋ كەنتى ئالتاينىڭ جەنۇبىي دەرۋازىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەتراپتىكى 14 كىلومېتىر دائىرىگە ئايرودۇرۇم، ۋوگزال، يولۇچىلار بېكىتى جايلاشقان، ئۈچ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بىلەن قوشنا، قاتناش ئەۋزەللىكى بۇ كەنتنىڭ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئاساس سالدى.

2020 ـ يىلى كەنت كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرىنى قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى ئورقۇ بازىرىنىڭ چىغانلىق كەنتىگە بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىدى. «ئۇلار كەنت بويىچە ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئائىلىۋى مېھمانخانا بەرپا قىپتۇ، شۇ جايدىكى كادىرلارنىڭ تۈرنىڭ ئىستىقبالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلاپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى كۆرۈپ، ئەينى چاغدا بەكمۇ ھەۋەس قىلغانىدىم.» شۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيەنىڭ ليۇ يۆلۈنگە بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولدى، «شۇڭا كەنتىمىز شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قىلماقچى بولغاندا مەن بىرىنچى بولۇپ ئىمزا قويۇپ قوشۇلغانىدىم».

«دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ سالاھىيىتى ئۆزگەرمەيدۇ، ئۆيلۈك يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ئۆزگەرمەيدۇ، كوللېكتىپ پايدا تەقسىمات ھوقۇقى ئۆزگەرمەيدۇ»، بۇ پىرىنسىپ بويىچە، 2021 ـ يىلى شىڭىراۋ كەنتىدىكى 64 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى بىكار تۇرغان ئۆيلۈك يېرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بوشىتىپ بەردى ھەم كەنت ئاھالىلىرى ئۆزى تاللىغان ۋاكالىتەن قۇرغۇچى تەرەپ چاقتى، شىڭىراۋ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىرتۇتاش قۇرۇلۇش قىلىپ، شىڭىراۋ كەنتىنىڭ شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى.

400 كىۋادرات مېتىرلىق ھويلا، كۆلىمى 80 كىۋادرات مېتىردىن 240 كىۋادرات مېتىرغىچە بولغان ئالتە خىل ئۆي شەكلى بار بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ تاللىدى. ئاۋىيتان بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى گېڭ گۇاڭچاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنا ـ سايمانلىرىنى قويۇشىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ھەربىر ئائىلىگە يەنە 24 كىۋادرات مېتىرلىق قوشۇمچە ئۆي سېلىپ بېرىلدى. «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلىدا كۆكتات تېرىيدىغان ئادىتى بار، بىز 60 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان كۆكتاتلىق لايىھەلىدۇق، يەنە مېۋىلىك كۆچەتلەرنى تىكتۇق».

«مېنىڭ كونا ئۆيۈمنىڭ كۆلىمى 100 كىۋادرات مېتىر ئىدى، 1:1 نىسبەتتە ئالماشتۇرغاندىن سىرت، مەن يەنە 200 مىڭ يۈەن چىقىرىپ، 240 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆي شەكلىنى تاللىدىم. ساياھەت ئائىلىۋى مېھمانخانىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، ئۆي چوڭ بولسا ئاندىن تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغىلى بولىدۇ» دېدى ليۇ يۆلۈن.

زىيارەت قىلىنغان شۇ كۈنى، 62 ياشلىق كەنت ئاھالىسى چېڭ شۈخەي خوتۇنىنى باشلاپ پىلان خەرىتىسى ئالدىدا ئۆي شەكلىنى تاللاۋاتاتتى. «بىز ھويلىنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان بىر يۈرۈش ئۆي شەكلىنى تاللىماقچى بولۇۋاتىمىز، تۇرۇشقا يەتسىلا بولدى.» چېڭ شۈخەي ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى داۋاملىق مەسلىھەتلىشىۋاتاتتى.

شىڭىراۋ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شى جيەنشېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قاتنىشىشىدا ئۆز ئىختىيارلىقىدا بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، شەخسلەرنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلدۇق. «بۇ ئايدا يەنە 100دىن ئارتۇق ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى ئىمزا قويۇپ قوشۇلدى» دېدى شى جيەنشېڭ.

«ھازىر بىزنىڭ يېڭى ئۆيلىرىمىزگە ئېكسكۇرسىيەگە كېلىدىغانلار ناھايىتى كۆپ، ئەتراپتىكى ناھىيە ـ شەھەر ئاھالىلىرىمۇ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ھەۋەس قىلىۋاتىدۇ» دېدى ليۇ يۆلۈن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.