تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنى يېپىلدى

  ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى  شەۋكەت ئىمىن رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

  ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى  تيەن شياڭلى ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلاندى  ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرى تولۇقلاپ سايلاندى

   تۈرلۈك قارار ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى

1-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. سۈرەتتە: يىغىن نەق مەيدانى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن، 1-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە يېپىلدى.

  يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن ما شىڭرۇي، شەۋكەت ئىمىن، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، لى شۆجۈن، سارقىت ئاقان، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، سو يۆ، لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقامەت، مۇتەللىپ روزى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى. شەۋكەت ئىمىن يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئەركىن تۇنىياز، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 546 نەپەر، ئەمەلىي قاتناشقىنى 498 نەپەر بولۇپ، قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، يېپىلىش يىغىنى باشلاندى. يىغىندا بادەينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن سورىغان ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارار ۋە دۇڭ شىنگۇاڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن سورىغان ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى؛ جاۋ چىڭ، قادىربېك قامزانىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن سورىغان ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى؛ باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى.

  يىغىندا نامسىز بېلەت تاشلاش شەكلى ئارقىلىق، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى؛ تيەن شياڭلى ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلاندى؛ سارقىت ئاقان، جاۋ چىڭ، قادىربېك قامزا ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تولۇقلاپ سايلاندى؛ چېن يىشى، زاڭ ئەيۋۇ، ئايشەم يۇنۇس ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلاپ سايلاندى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىر ئەزالىرى ئىسىملىكى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى؛ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، ئاپتونوم رايوننىڭ 2021ـ يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ 2022ـ يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2021ـ يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2022ـ يىللىق خامچوتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىن تۈرلۈك قارالمىلارنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. يېڭىدىن سايلانغان ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ۋە ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ گۇۋاھلىقىدا تەنتەنىلىك قەسەم بەردى. ئەركىن تۇنىياز يېتەكلەپ قەسەم بەردى.

  قەسەم بېرىش مۇراسىمىدىن كېيىن، شەۋكەت ئىمىن سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنى مەزگىلىدە، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلدى، قاراپ چىقتى، پائال تۈردە تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى، ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزدى، يىغىن تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. بۇ بىر قېتىملىق «ئىككىنى تىكلەش» قەتئىي قوغدالغان، «ئىككىنى قوغداش» سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىن بولدى، بىر قېتىملىق قانۇنچىللىق بايرىقى ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، قانۇنچىللىق روھى ئەۋج ئالدۇرۇلغان يىغىن بولدى، بىر قېتىملىق قەلب-كۈچ مۇجەسسەملەنگەن، ئىتتىپاقلاشقان، ئەمەلىيەتچىل يىغىن بولدى، بىر قېتىملىق روھ ئۇرغۇتۇلغان، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن  يىغىن بولدى، يىغىن جەزمەن پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىپ، يېڭى مۇساپىگە جاسارەت بىلەن ئاتلىنىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

   شەۋكەت ئىمىن مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل، پارتىيەمىز 20-قۇرۇلتىيىنى ئاچىدۇ. سەلتەنەتلىك، ئۇلۇغۋار يېڭى مۇساپە يەنە ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق يېڭى مۇساپىدۇر. بىز ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئىشەنچ، ئىرادىنى چىڭىتىپ، ئەقىل-پاراسەت، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت، پۇختا قەدەم بىلەن تەۋرەنمەي كۈرەش قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك. يۆنىلىشنى بەلگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك؛ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇيۇلتاشتەك مۇستەھكەم قىلىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىنى قاندۇرۇشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئويۇشتۇرۇپ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىشىمىز كېرەك؛ قانۇنچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇپ، قانۇنچىللىق يولىدا شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك؛ جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، تىرىشىپ تارىخقا يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

   يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە يېپىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.