تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 ـ يىغىنى 14 تەكلىپنى بېكىتتى

تەكلىپ، تەنقىد، پىكىردىن 380نى تاپشۇرۇۋالدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 ـ يىغىنى كاتىبات باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، يىغىن ھەيئەت رىياسىتى قارار قىلغان ۋەكىللەر تەكلىپ بېرىش ۋاقتى ئاخىرلاشقىچە، بۇ قېتىمقى يىغىن ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان كېڭىشىش ئەسلىي تەكلىپىدىن جەمئىي 19نى تاپشۇرۇۋالغان، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 14 تەكلىپ ۋەكىللەر تەكلىپى قىلىپ بېكىتىلگەن.

تەكلىپلەر ئاساسلىقى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا تاشيولى نىزامى» قاتارلىقلارنى تۈزۈش ھەمدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق خىزمىتى نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاساسلىقى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، مۇھىت قوغداش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئاممىۋى سەھىيە قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىدۇ. 14 تەكلىپ ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ.

بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە تەكلىپ، تەنقىد، پىكىردىن 380ى تاپشۇرۇۋېلىنغان بولۇپ، ئاساسلىقى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ، تەنقىد، پىكىرلىرىنى بېجىرىش قائىدىسى»گە ئاساسەن، ۋەكىللەرنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى خىزمەتلىرىگە بەرگەن تەكلىپ، تەنقىد، پىكىرلىرى يىغىن ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلار يىغىنىدا مۇھاكىمە قىلىنىپ قارار قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ئالاقىدار ئورگان، تەشكىلات، كوللېكتىپ ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ بېجىرىشىگە بىرتۇتاش تاپشۇرۇلىدۇ ھەم ۋەكىللەرگە جاۋاب بېرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.